ساغلام ۋە جانلىق ئەقىدە تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى كىتاب ھۇزۇرۇڭلاردا:
قىز- ئوغۇل ياشلارغا ساغلام ۋە جانلىق ئەقىدە تەربىيەسى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھەربىر ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشلىك يېڭى كىتاب ھۇزۇرۇڭلاردا .
بۇ كىتاب رامىزان ئېيىدا بېسىلغان ئىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈگەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يېڭىدىن قايتا بېسىلدى.
كىتابنىڭ يېڭى باسمىسىدا ياشلارنىڭ ئەقىدىنى مەكتەپ ۋە كۈندىلىك ھاياتىغا باغلاپ چۈشىنىشى ئۈچۈن «ئەقىدىنىڭ روھىي ۋە تەقەززاسى» دېگەن يېڭى بىر باب قوشۇلدى.
بۇ كىتاب ياشلاردىن سىرت چوڭلارنىڭمۇ ئىسلام ئەقىدىسىنى ساغلام چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنىڭدەك مەدرىسە، مەكتەپ ۋە ھەرخىل كۇرسلارنىڭ ساغلام ۋە جانلىق «ئەقىدە تەربىيەسى» سۈپىتىدە دەرسلىك قىلىشىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
بۇ كىتاب چەكلىك ساندا بولۇپ ئەتىدىن باشلاپ ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىينىڭ ئىشخانىسىدىن ۋە كىتابخانىلاردىن تارقىتىلىدۇ.