بەزى ئەخلاقىي قائىدىلەر
1. نادانلىققا نادانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلمايدۇ.
2. ھەقىقەتكە ئەدەپسىزلىك بىلەن ياردەم بەرگىلى بولمايدۇ.
3. ھەق ئىگىسى پاكىت كۆرسىتىدۇ، تىل ئۇزاتمايدۇ ياكى سەت گەپ قىلمايدۇ.
4. ئەگەر سىز ھەق ئىگىسى بولسىڭىز يولىڭىزدا مۇستەھكەم تۇرۇڭ، قارشى پىكىردىكى ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە پەرۋا قىلماڭ.
5. مۇسۇلمانغا ھەرقانداق شارائىتتا پىرىنسىپ ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىڭ.
6. پىكىرنىڭ كۈچى بىرسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ياكى ئېتىبارىدىن كەلمەيدۇ، بەلكى دەلىل پاكىتتىن كېلىدۇ.
7. ھەقىقەت ئاغزىدىن چىققان گەپ بىلەن ئىسپاتلانمايدۇ، بەلكى پاكىت كۆرسىتىش بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.
8. باشقا پىكىردىكى كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ياكى يۈزىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنۇش ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتىدۇر ۋە ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
9. بەزىلەر سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قانائەتلەنگەن بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ قانائەتلەنمەسلىك ھەققى بار.