Screenshot
بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار
1) روشەن شەرئى دەلىلگە زىت كەلمەيدىغان سىياسىي رېئاللىققا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە توغرا- خاتا ياكى كۈچلۈك – ئاجىز پىكىر دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا «ھەق ياكى باتىل» دەپ مۇئامىلە قىلىش.
2) ئىجتىھادنى قوبۇل قىلمايدىغان كەسكىن مەسىلىلەر بىلەن ئىجتىھادنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئايرىماسلىق.
3) ھازىرنىڭ ئۆزىدە جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار چۈشەنچىسىنىڭ يوقلۇقى ياكى ئەۋزەللىك ئۇقۇمىنىڭ يوقلۇقى.
4) ھالقىلىق چوڭ مەسىلىلەردە بىلىمسىز ياكى تەجرىبىسىز كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىشى ياكى پەتىۋا بېرىشى.
5) تالاش- تارتىش قىلىش چۈشەنچىسى ۋە مۇنازىرە قىلىش ئەدەب- ئەخلاقىنىڭ يوقلۇقى.
6) مىللەتكە بىردەك ۋەكىللىك قىلالايدىغان يېتەكچى سىياسىي ئىدىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك ھەر تەرەپنىڭ ئۆز تەشكىلاتىنىڭ كۈچلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى.
7) ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىش ئۇقۇمىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىشنى ئەمەلىي جەھەتتىن تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراشتىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.