قەدىر قىممەت ئۆلچىمى
(د.ئابدۇلكەرىم بەككار)
بۇ زاماندا بىرەر كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا: «ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلى باردۇ؟» دېگەن سوئال ئەگىشىپ كېلىدۇ. گوياكى ئىنسان قەلبىدىكى قىممەت قاراش ياكى پىرىنسىپلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى پەقەت يانچۇقىدىكى پۇلى بىلەنلا ئۆلچىنىش ئۈچۈن يارالغاندەك.
بۈگۈنكى كۈندە، باي كىشىنىڭ ئاۋازى قانچىلىك يۇقىرى ياكى لوگىكىسى قانچىلىك بۇزۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھەمىشە خۇشاللىق ياكى ئالقىش بىلەن كۈتۈۋېلىنىدىغان بولدى. ئەمما پىكىر ئىگىسى/ ئىلىم مەرىپەت ئىگىسى مال-دۇنيا ياكى شۆھرەتكە ئىگە بولمىغان بولسا، چەتكە قېقىلىدىغان بولۇپ قالدى. كىشىلەرگە ۋە نەرسىلەرگە باھا بېرىش ئۆلچىمى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، تارازىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلدى.
ئىنساننىڭ قىممىتى ئۇنىڭ پىكرى ۋە ئەخلاقى بايلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى بانكا ھېساباتىدىكى پۇلى بىلەنلا ئۆلچەنگەندە، جەمئىيەت ئوچۇق بىر بازارغا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئۇ بازاردا ئەرلىك غۇرۇر سېتىلىدۇ، شۆھرەت سېتىۋېلىنىدۇ.
مال-دۇنيانىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىشى پاجىئە ئەمەس، بەلكى قىممەت قاراشنىڭ چېكىنىپ كېتىشى پاجىئەدۇر. يەنى قىممەت قاراش ئىگىلىرى مال-دۇنيانىڭ تەسىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلغاندا، پىرىنسىپ ئاۋازىنى نامايان قىلالمىغاندا ھەمدە مەيدان لاياقەتلىك كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى مال-دۇنياسى بارلارغا قالدۇرۇلغاندا، پاجىئە شۇ چاغدا باشلىنىدۇ.
شۇڭا، كىشىلەرنى ئىگە بولغان مال – دۇنيالىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبلەردە قالدۇرغان ئىزلىرى ۋە ئىنسانلارغا چاچقان قىممەت قاراش نۇرلىرى بىلەن ئۆلچەش لازىم.
بىز بۇ كۈنلەردە مۇشۇ خىل قىممەت قاراشنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا ئەڭ موھتاج. چۈنكى مال-دۇنيا پىرىنسىپتىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ، ئەخلاقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ۋە قەلبلەرگە ھەقىقىي ھۆرمەت ئۇرۇقىنى تىكەلمەيدۇ.