ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ شەرتى — پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىشتۇر
قۇرئان كەرىم ئاللاھنى ھەقىقىي سۆيۈشنىڭ ئاساسى — پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ئۇنى ئۆرنەك قىلىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى كۈندىلىك ھاياتىمىزغا يېتەكچى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىزگە بولغان ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ دەل مۇشۇ ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى سۆيىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.» (سۈرە ئال ئىمران، 31-ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە، ئۇنى سۆيۈشكە ۋە ئۇنى ئۆلگە تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئايەتلەر، ھەر بىرىمىزنى تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە جاۋاب تېپىشقا ئۈندەيدۇ:
1. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ھاياتىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
2. ئۇ زاتنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ قەيىرىدىن ئورۇن ئالغان؟
3. ئۇ زاتنىڭ كىملىك، پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشتىكى قەتئىي مەيدانى ھاياتىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
4. ئۇ زاتنىڭ نۇرلۇق ھىدايىتى ئۆي-ئائىلىمىز، مەكتەپ-مەسجىدلىرىمىز، ئىش-ھەرىكىتىمىز ۋە تىجارەتلىرىمىزنىڭ قايسى يېرىدە نامايان بولۇۋاتىدۇ؟
5. موھتاجلارنى يۆلەش، خەير-ئېھسان ۋە ھېسداشلىق قىلىشتەك ئېسىل سۈننىتى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
6. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىمانىي قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق روھى رېئاللىقىمىزدا قانچىلىك ئورۇنغا ئىگە؟
7. ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، تەربىيە، شۇنداقلا جامائەت ۋە رەھبەرلىك ئىشلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان مۇكەممەل ھايات سىستېمىسى ھاياتىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
8. زالىملارغا قارشى تۇرۇش ۋە ھەقنى ياقلاشتەك يۈكسەك كۆرسەتمىسى ئېڭىمىز ۋە پىرىنسىپىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
9. ئەقىدە، ۋەتەن ۋە ئۈممەتنى قوغداش يولىدىكى قەھرىمانلىقى، پىداكارلىقى ۋە سەۋر-چىدامچانلىقى ھاياتىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
10. ئاڭلىق، مەسئۇلىيەتچان ۋە جۈرئەتلىك ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان پەيغەمبەر مەدرىسەسى (تەربىيە مەكتىپى)نىڭ روھى ھاياتىمىز ۋە مەدرىسەلىرىمىزنىڭ قەيىرىدە؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي