2024-يىل 17-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

غەربنىڭ 20-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنى قورشاش باسقۇچى

غەربنىڭ 20-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنى قورشاش باسقۇچى

(1)

ئارقا ئىشىكتىن قورشاش

(يەنى يىراق جايلارنى مۇستەملىكە قىلىش)

غەرب مۇستەملىكىسىنىڭ باشلىنىشى:

ئەندەلۇس(ئىسپانىيە)مىلادىيە 1492-يىلى مۇسۇلمانلار قولدىن كەتكەندىن كېيىن، غەربتە ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى كۆرۈنۈشكە باشلىدى، ئۇلار ئىسلام دۇنياسىنى ئارقا دەرۋازىدىن مۇستەملىكە قىلىش پىلانىنى باشلىدى، چۈنكى يىراق رايونلار ئادەتتە ئاجىز بولىدۇ. شۇڭلاشقا 17- ۋە 18-ئەسىر ئارىلىقىدا ھىندونېزىيە ئاندىن ھىندىستان ۋە مالايسىيا قولدىن كەتتى. ئۇلار شىمالى ۋە غەرب ئافرىقىدىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دېڭىز ساھىللىرىنى، ماۋرىتانىيە، سىنگال، سۇمالى، تەنزانىيەلەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ مۇھاسىرە ۋە مۇستەملىكە ئىلمى كەشپىيات باھانىسى ئاستىدا يۈز بەردى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىلمى كەشپىيات بولماستىن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان يېڭى ئەھل سەلب ئۇرۇشى ئىدى.

بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا تونۇشلۇق ئىدى، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيە كەشپىيات باھانىسى ھەقىقى پىلانىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش ئويۇنى ئىدى. ئۇلارنىڭ پىلانى ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىش، يىراق ۋە ئاجىز رايونلارنى مۇستەملىكە قىلىۋېلىش ئارقىلىق قورشاش ئىدى. بۇ  پىلان پورتۇگالىيە پادىشاھى ھەننا ئەۋۋەلنىڭ دەۋرىدە باشلاندى، ئۇ مۇسۇلمانلار يوق ياكى بولسىمۇ بەك ئاجىز ئورۇندىن بىرنى تېپىپ، شۇ ئورۇننى بازا قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم باشلاش ئۈچۈن بالىسى ھېنرىنى ئافرىقىنىڭ غەربى قىرغىقىغا يۈرۈش قىلىشقا يولغا سالغان. ھېنرى جەنۇبقا قاراپ ئاتلاندى، قەيەرگىلا بارسا مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ جەنۇبى ئافرىقىغا قەدەر باردى.

ئۇندىن كېيىن پورتىگالىيەدىن ئۈچ پاراخوت ئۆمەك يولغا چىقىپ، ئۇلار ئافرىقا ئەتراپىنى ئايلاندى، مالەندى دېگەن شەھەردە»ئىبنى ماجىد»ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان مۇساپىر بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدى، ئۇ پورتۇگالىيلىقلارنى ھىندىستان(ھىندىستان بۇ چاغقىچە ئوسمانلار دۆلىتىگە تەۋە ئىدى، 700يىلغا يېقىن ئىسلام خەلىپىلىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن) يولغا كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار ھىندىستاننىڭ كەلكىتا شەھىرىگە كەلگەندە ئۇ يەردىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى، ئۇ قايتىش يولىدا ئوممان ئارىلىدا 100 مۇسۇلمان چىققان ھاجىلار پاراخوتىنى غەرق قىلىۋەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن پورتۇگالىيىلىقلار ئىسلام دېڭىز قىرغاقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى.

زېمىننىڭ يۇمىلاق ئېڭى ۋە ئىسلام پاراخوتىنىڭ غەرب يۆلۈنۈشىدە مېڭىپ، شەرققە يەتكەنلىكى ئىسپانلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى. شۇڭا ئىسپانىيىلىك دېڭىزچى»كولۇمبۇ» ئۈچ پاراخوتنى ئەگەشتۈرۈپ غەربكە قاراپ ئاتلىنىپ، ئامېرىكىغا يېتىپ باردى. ئامېرىكىدىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى، بۇ مەلۇماتلار ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقاتلار ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

«كولۇمبۇ» دىن كېيىن «ماجلان» ئامېرىكىغا سەپەر قىلدى، ئۇ يەردىن فىلىپپىن ئارىلىغا يېتىپ باردى، ئۇ يەردىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتتى. ئۇ يەردە خرىستىيان دىنىنى سۇلتانغا تېڭىشقا ئۇرۇنغان چاغدا، مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ باسقۇچ ئىسپان، پورتۇگال، گوللاندىيىلىكلەر، ئىنگىلىز ۋە فىرانىسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام شەھەرلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىققان باسقۇچ ئىدى.

شەرق مۇستەملىكىسىنىڭ باشلىنىشى:

شەرق تەرەپتىن روسىيە ئىسلام شەھەرلىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، قاراقۇرۇم، تاتار ۋە باشقا شەھەرلەرنى بېسىۋالدى، روسىيە بېسىۋالغان شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى تۆت يېرىم مىليون(4:5) كىلومېتىرغا يېتىدۇ. روسىيە ئاخىرىدا قوقازنى ئىگىلىۋالدى، ئۇنى شەيخ شامىل (1855م) ئىنقىلابىدىن كېيىن مۇستەقىل بىر قانچە جۇمھۇرىيەتكە بۆلىۋەتتى.

بۇ باسقۇچ مىلادىيە 19-ئەسىرگىچە مۇشۇنداق داۋاملاشتى، 19-ئەسىردە فرانسىيە مىسىرنى مۇستەملىكە قىلىۋالدى. بەزىلەر غەربكە ھەيرانلىق ۋە ئەجەبلىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ خرىستىئانلاشتۇرۇش مەكتىپى ئېچىشقا ۋە باشقا ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولۇشقا رۇخسەت قىلدى.

(2)

ئالدى دەرۋازىدىن قورشاش

(يەنى ئەرەب دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش)

غەربنىڭ  كرېسىت مۇستەملىكە ھۇجۇم پىلانى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى (ئەرەب دۆلەتلىرى)غا يېتىپ كەلدى. ئالجىرىيە، تۇننۇس، مىسىر، سۇدان ئەللىرى مۇستەملىكىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدا يېڭى كرېسىت ھۇجۇمىغا قارىشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى، بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈممەت يېتەكچىلىرى يېتەكلەيدىغان ئىدى. مەسىلەن، ئابدۇقادىر جازائىرى ۋە ئۆمەر مۇختار شىمالى ئافرىقىدا، مەھدى سۇداندا، ئەمىر رابىھ چاد دۆلىتىدە، ھاج ئۆمەر مالى دۆلىتىدە، شەيخ شامىل ئوتتۇرا ئاسىيادا….يېتەكچىلىك قىلغان.

غەربنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا سوقۇنۇپ كىرىش ۋە بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلاش باسقۇچى

 

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر، ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن لىۋىيە، ماراكەش، شام، ئىراق، مىسىر، سۇدان ۋە ئۇندىن باشقا رايونلار مۇستەملىكىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنداقلا ئىسلام بالقان شەھەرلىرىدە ئارقىغا چېكىندى، يەمەن ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن باشقا مۇستەملىكە قولىغا چۈشمىگەن ئىسلام رايونى قالمىدى. ئەھل سەلىب(كرېسىت)پادىشاھى»لىنبى» قۇددۇس شەھىرىگە كىرگەندە پوچىلىق قىلىپ:»سالاھىدىن ئەمدى كرېسىت ئۇرۇشى ئاياغلاشتى»دېگەن، قوماندان»جورۇ» دەمەشققە كىرگەندە مەغرۇرلىنىپ:»سالاھىدىن بىز يەنە قايتا كەلدۇق»دېگەن.

خەلىپىلىكىنىڭ يىقىلىشى بىلەن تەڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلىكى پارچىلاندى ۋە پارچە كىچىك دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ كەتتى(ئايلاندۇرۇلدى). پولكوۋنىك»لورنىس» ئەنگلىيە ئاخبارات ئىدارىسىغا 1916-يىلى يانۋاردا يوللىغان دوكلاتىدا:»بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز، ئوسمانىيە ئىمپىرىسىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئىسلام بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلاش، ئەگەر بىز ئەرەبلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلسەك، ئۇلار كىچىك دۆلەتلەر ئىچىدە داۋاملىق سىياسى قالايمىقانچىلىقتا تۇرىۋېرىدۇ»دېگەن.

تۆۋەندە بۇ كىچىك دۆلەتلەرنى تونۇشتۇرىمىز:

*ئەنگلىيە بېسىۋالغان  ئىسلام دۆلەتلىرى:

  1. ئافرىقىدا: مىسىر، سۇدان، نىگېرىيە، زانزىبار، سۇمالنىڭ بىر قىسمى، تانزانىيە، توگو، كېنىيە، جەنۇبى ئافرىقا ۋە گانا.
  2. ئەنگىلىيىنىڭ ئاسىيادا بېسىۋالغان دۆلەتلىرى:

ھىندىستان(پاكىستان بىلەن بىر)، بۇرما، سىيام(تايلاندىغا تەۋە)، ئىران، ئافغانىستان، خەلىج قولتۇقى ۋە پەلەستىن.

* فىرانىسيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى:

  1. ئافرىقىدا: تۇننۇس، ئالجىرىيە، ماراكەش، پولسارىيۇ، ئاج ساھىلى (Cote d’Ivoire)، گۋىنىيە، مالى، نىگېر، كونگو، جۇزۇر قەمەر، سۇمالنىڭ بىر قسىمى، ماۋرىتانىيە، مەدەغەشقەر ۋە كامېرون.

2.ئاسىيادا: سۈرىيە، لىۋان.

* ئىتالىيە بېسىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى:

لىۋىيە، ئارتېرىيە ۋە سۇمالنىڭ بىر قىسمى.

* گوللاندىيە بېسىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى: ھىندۇنۇزىيەدىكى جاۋا ۋە سۇماترا ئارىلى.

* روسىيە بېسىۋالغان ئىسلام دۆلەتلىرى:

  1. ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئەزەربەيجان.
  2. قوقاز: 14 جۇمھۇرىيەت ۋە ئۆلكە، بىۋاستە موسكۋاغا قارايدۇ.
  3. سىيبىريا، بىۋاستە موسكۋاغا قارايدۇ.

*ياۋروپادىكى كوممۇنىست نوپۇزىغا بويسۇنغان ئىسلام دۆلەتلىرى:

ئالبانىيە، بۇلغارىيە.

(3)

مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بەزى ئۇسۇل-چارىلار

 

1.مۇستەملىكىچى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەزھەپ ئىختىلاپلىرىنى قوزغاش ئارقىلىق بۆلۈنۈش ئۇرۇقلىرىنى چاچتى، ھەم مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلام ئەللىرىدە ياشايدىغان باشقا دىنىدىكىلەر ئارىسىدا تائىپە ئىختىلاپلىرىنى ئۇلغايتتى. مەسىلەن، ھىندىستان 1947-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن تارتىپ، ھىندىستاندا ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن 8080 ئادەم تائىپە ئۇرۇشىدا قىرىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت مۇسۇلمانلار ئىگىدارچىلىق، مائارىپ ۋە يوقىرى مەنسەپلەرگە ئىگە بولۇش ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان.

تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئىنگلىزلار 1890-يىلى سىپرۇسقا كىرگەن ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خرىستىئانلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى، 1960-يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى خىرىستىيانىڭ سانىنىڭ تۆتتە بىرگە توغرا كېلىپ قالغان.

2.مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خرىستىئانلاشتۇرۇش ئۆمەكلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش، ياكى ئۇ پەرزەنتلەرنى مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مېڭىسىنى يۇيۇۋېتىش ۋە ئۇلارنى مۇستەملىكىنىڭ پرىنسىپى بويىچە تەربىيىلەش. ئۇلارنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلار كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارغا غەرب نامىدا ھاكىملىق قىلىدىغان ئىتائەت قىلغۇچى قورالغا ئايلىنىدۇ. (ھازىرقى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھاكىملىرى دەل بۇ مىسالغا چۈشىدۇ).

1936-يىلىغىچە ھىندىستانغا ئەۋەتىلگەن خرىستىئانلاشتۇرۇش ئۆمەك سانى 377 كە يېتىدۇ، بۇ ئۆمەكتە 3634 مىسئونىر(پوپ)خىزمەت قىلىدۇ، بۇلار 50 پاكولتىت، 138 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، 421 باشلانغۇچ مەكتەپ، 270 تۈرلۈك مەكتەپ ئاچىدۇ ۋە 170 گېزىتنىڭ ھەممىسى خرىستىئانلاشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

  1. سوۋىت مۇستەملىكىسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، شۇنداقلا ئىسلام مەكتەپلەرنى تاقىغان، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سىبىريەدىكى خىزمەت گازارمىسىغا قوغلىۋەتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1937-يىلدىن 1941-يىلغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلۈپ كەتكەن.

2006- 07- 28 كۈنى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى