2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان ئىسلاھ قىلىش مەنبەسى ۋە چىقىش يولى

قۇرئان ئىسلاھ قىلىش مەنبەسى ۋە چىقىش يولى

 

ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ ئىلغار چارىسى قۇرئان كەرىم، چۈنكى بۇ كىتاب ھىدايەت، ھەقىقەت، ۋەز-نەسىھەت، بايان، نۇر ۋە ئەڭ توغرا يولغا باشلىغۇچى. قۇرئان كەرىم ئىنسان نەپسىنى بەدەن،ئەقىل ۋە روھى جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا كۆپ توختالغان. نەپسىنىڭ سىرلىرى، كېسەللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە تۈرگە ئايرىپ بەرگەن. قۇرئان كەرىم ئىنسان نەپسىنى ئەڭ ياخشى تەپسىلى بىلىدىغان زات تەرىپىدىن ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈتۈش ۋە پاكلاش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب. شۇڭا نەپسىنى ئىسلاھ قىلىشتا قۇرئان كۆرسەتكەن ۋاسىتە ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش، تەسىرلىنىش ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۆزىنى پاكلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر. كىم ئۆزىنى پاكلىماقچى بولسا قۇرئان سايىسى ئاستىغا كىرسۇن، قۇرئان تەسىرى ۋە سايىسى ئاستىدا ياشىغان ئىنسانغا ئاللاھ رەھىم قىلسۇن. بۇرۇنقىلارنى پاكلىغان دورا، ھازىرمۇ قولىمىزدا ئۆز پىتى بار. بۇرۇنقىلارنى تەرەققى قىلدۇرغان ۋاسىتە ئالدىمىزدا بار، ئۇ بولسىمۇ چۈشكەندىن تارتىپ ئۆز پىتى ساقلىنىپ كەلگەن ئىلاھى ھەل قىلىش دورىسى.

قۇرئان ھايات يولى كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەن ئىنسان ئۈچۈن شىپا. بۇ قۇرئان كەرىم ئىنسان ئەقلى تەسىر دائىرىسىنى ھېس قىلىپ بولالمىغۇدەك زور كۈچكە ئىگە كىتاب. بۇ تاغنى ئورنىدىن ماڭدۇرۇۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىتاب.. قۇرئان ھېسسىيات، ئەقىل ۋە قەلبىگە تەسىر بېرىشتە يەككە-يېگانە قۇدرىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان مەنبە.

قۇرئان كەرىم ئىنساننى ياراتقان ۋە ئىنساننى ئىنساندىن بەكرەك تولۇق چۈشىنىدىغان زات تەرىپىدىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن يېگانە دورىدۇر. قۇرئان ئاللاھنىڭ ئىنسانغا تاللاپ بەرگەن دورىسى. ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش  ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى ياراتقان زات تەرىپىدىن كەلگەن دورىنى ئىستىمال قىلمىسا شىپا تاپالمايدۇ.

قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە پاكلىشى ئۈچۈن توغرا باشلىنىش يولى، چۈنكى بۇ يول ئىلگىرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك يول. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار قۇرئانغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بىر قانچە يىل جەريانىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەۋلاد، ئەڭ ياخشى مىللەت ۋە ئەڭ ياخشى ھەزارەت يېتىشتۈرۈپ چىققان نەرسە قۇرئان كەرىمدۇر.

نەپسىنى پاكلاش، خورلۇق ۋە بالا-قازادىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قۇرئان كەرىمنىڭ يولىدۇر. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئاننى ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا ئەمەل قىلساڭ، نەتىجە قازىنىسەن»دېگەن (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

كىتاب ئوقۇغانلار ئوقۇش ئارقىلىق بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئەپسۇسكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئانغا كەلگەندە بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇماستىن، ئىخچام بولسىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن، پەقەتلا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ! بولمىسا ئاللاھ بۇ كىتابنى كىشىلەر ئوقۇپ، مەزمۇنلىرىنى مۇلاھىزە قىلسۇن، مەقسەتلىرىنى چۈشەنسۇن ۋە شۇ ئاساستا ھايات كەچۈرسۇن دەپ چۈشۈرگەن كىتاب ئىدى:«بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»(ساد سۈرىسى، 29-ئايەت).

كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىدى، قۇرئاننى ئوقۇش بىلەنلا توختاپ قالدى، ئايەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىدى. ئاللاھ بۇ قۇرئاننى چۈشىنىپ، شۇ ئاساستا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن كىتاب ئىدى، بىراق كىشىلەر تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىشنى تۈگەتتى. تىلاۋەت قىلىشتىن مەقسەت تەسىرلىنىش ئىدى. ئىززەت-شەرەپ مەنبەسى بولغان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، مەزمۇنلىرىغا چۆكمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈممەت يولنىڭ خەرىتىسىنى توغرا ئوقۇيالماي ۋە مەشئەلنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، قاراڭغۇدا يول يۈرۈپ ئازگاللارغا يىقىلدى، مىللەتلەرنىڭ ئارقىدا قالدى ۋە قىممىتىنى يوقىتىپ قويدى.

قۇرئاننى تەۋەرۈك كىتاب، ئوقۇساق ئەجىر بار كىتاب دېگەن نۇقتىغا يەكۈنلەپ، قۇرئانغا تىلىمىزنى بېرىپ، ئەقلىمىز ۋە قەلبىمىزنى بەرمىدۇق. سۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ خىل ھالەتتىن ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئىدى:«پەيغەمبەر:«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» دېگەن (فۇرقان سۈرىسى، 30-ئايەت).

ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنىڭ مەنبەسى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تاشلاندۇق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇق، بەخت-سائادىتىمىزنىڭ ئاچقۇچى بولغان قۇرئانغا غەلىتە مۇئامىلە قىلدۇق… قۇرئانغا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا مۇئامىلە قىلدۇق. تىلاۋىتى بار، بىراق روھى، مۆجىزىسى، تەسىرى ۋە ھاياتنى يېتەكلەپ مېڭىشى يوق. قۇرئانغا پۈتۈن روھىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قۇرئاندىن ھەقىقى پايدىلىنالمىدۇق. مانا بۇ قۇرئاندىن پايدىلىنالماسلىقتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئانغا قايتايلى، قۇرئانغا قارىتا ئىشەنچىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى، چۈنكى قۇرئان ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدىغان ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ئەڭ چوڭ مەنبە. قۇرئان بىلەن تەسىرلىنىش ۋە لەززىتىنى ھېس قىلىشتىكى پايدىلىنىشنىڭ توغرا يولى. ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، قۇرئاننىڭ مۆجىزە تەسىرىنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى، قەلبىمىزگە نۇرىنىڭ چاقنىشى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى كۆرەيلى… شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئاننىڭ تەمىناتى بىزنىڭ تەييارلىقىمىزغا قارىتا بولىدۇ. رىغبىتمىز كۈچلۈك بولسا مەقسىتىمىزگە تېز سۈرئەتتە يېتەلەيمىز. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى بىزنىڭ قوبۇل قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2016-7-1 كۈنى

قاھىرە شەھىرى، مىسىر