فىقھى تەتقىقات، پەتىۋا بېرىش ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى
شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ فىقھى بىلەن بولغان ئالاقىسى روھ بىلەن بەدەننىڭ ئالاقىسىغا ئوخشاش. دېمەك، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى فىقھى بىلىمىنىڭ روھىي. فىقھى بىلمى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەرىكەت قىلىدىغان جىسىم. ئۇنداقتا شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى تومۇرلىرىدا ئاقىدىغان فىقھى ھەقىقى جانلىق فىقھى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا شەرىئەتنىڭ روھى بىلەن كارى يوق ۋە ئۇنىڭغا رېئايە قىلمايدىغان كىشى، فىقھى بىلىمىنى بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئىمام شاتىبى مۇجتەھىدنىڭ شەرتىنى ئىككى مەسىلىدە خۇلاسىلىغان، بىرىنچىسى: شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىش، ئىككىنچىسى: فىقھىنى رېئال ھاياتتا ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈش.
دېمەك، شەرىئەت مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكامدۇر ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەقسەتلەردۇر. يەنى مەقسەتلەر ئەھكاملاردىن ئېلىنىدۇ، ئەھكاملار مەقسەتلەردىن ئېلىنىدۇ.
بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە داۋاملىق شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش لازىم:
فەقىھ (ئالىم) ھەر ۋاقىت شەرىئەتتىكى ھەر بىر ھۆكۈمنىڭ مەقسىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ۋە ئۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى لازىم. مانا بۇ فەقىھ ئۈچۈن مەسىلىنىڭ نىگىزى ۋە ئىجتىھاد يولىنىڭ ئاچقۇچى. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىشتە قانچىلىك كەمچىلىك كۆرۈلسە، ئىجتىھاد ۋە فىقھى يەكۈن ئېلىشتا شۇنچىلىك قۇسۇر ۋە خاتالىق پەيدا بولىدۇ.
ھەر بىر فىقھى مەسىلىنىڭ دەلىلىنى تېپىپ چىقىش لازىم بولغاندەك، مەقسەتلەرمۇ ھەر بىر مەسىلىدىكى ياكى ھەر بىر دەلىل بىلەن دەلىلدۇر.
شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئۈچ خىل باسقۇچى
شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچ سەۋىيە بويىچە ئايلىنىدۇ، ھەممىسىنى ئېتىبارغا ئېلىش لازىم. ئۇلار:
بىرىنچى:شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال ئومۇمى مەقسەتلىرى
ئىككىنچى:شەرىئەتنىڭ خاس مەقسەتلىرى
ئۈچىنچى: شەرىئەتنىڭ تارماق مەقسەتلىرى.
1.شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال ئومۇمى مەقسەتلىرى:
شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال مەقسەتلىرى شەخسلەرنىڭ يەككە -كوللېكتىپ، ماددى-مەنىۋى، ھازىرقى-كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ مەنپەئەتلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ياكى توسالغۇ بولىدىغان زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مەنپەئەت قولغا كەلگەندە ئۇنىڭ قارشىسىدا يوقىتىشقا تېگىشلىك بىر ياكى بىر قانچە زىيان تېپىلىدۇ.
بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەت مەقسەتلىرى شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىنى تەمسىلى قىلىدۇ. ئۇلار: دىننى قوغداش، جاننى قوغداش، ئەقىلنى قوغداش، نەسەپ (ئابروي)نى قوغداش ۋە مال-دۇنيانى قوغداشتىن ئىبارەت مەقسەتلەر. بۇ بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەت «پرىنسىپال مەقسەتلەر» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ مەقسەتلەردىن باشقا يەنە ئومۇمى مەقسەتلەر كېلىدۇ. مەسىلەن: ئادالەتنى تۇرغۇزۇش، ئەركىنلىكنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، ئامانلىقنى قوغداش، ئىناقلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەقىلنى تەرەققى قىلدۇرۇش، نەپسىنى پاك تۇتۇشقا ئوخشاش مەقسەتلەر. شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال ئومۇمىي مەقسەتلىرى شەرىئەتنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىدا كۆرۈنىدۇ.
2. شەرىئەتنىڭ خاس مەقسەتلىرى:
شەرىئەتنىڭ خاس مەقسەتلىرىدىن مەقسەت، مۇئەييەن قانۇن چىقىرىش مەيدانىدا رېئايە قىلىنىدىغان مەقسەتلەردۇر. بۇ مەيداندىكى شەرئى ئەھكاملار ئاشۇ مەقسەتلەرگە رېئايە قىلىش ئاساسىدا يەكۈنلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىبادەتلەرنىڭ مەقسەتلىرى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى ئارىسىدا داۋاملىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، نەپسىنى پاك تۇتۇش ۋە قەلبىنى غىزالاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئىبادەتنىڭ ئاساسى مۇشۇ مەقسەتلەرنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئائىلە ئەھكاملىرى، ئىقتىسادى ئېلىم-سېتىم ئەھكاملىرى، ئېئانە ۋە ياردەم قىلىش ئەھكاملىرى، جىنايى ئىشلار ئەھكاملىرى، سىياسەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ساھەسىدىكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدىمۇ مۇشۇنداق دېيىش مۇمكىن.
3. تارماق مەقسەتلەرنىڭ دائىرىسى:
ئۇ ھەر بىر تارماق ئەھكاملارغا خاس مەقسەتلەر. تارماق ئەھكاملارنىڭ مەقسەتلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي ۋە خاس مەقسەتلەرنى بىلگىلى بولىدۇ.
تارماق ھەر بىر ھۆكۈمنىڭ بىر ياكى بىر قانچە مەقسىتى بولىدۇ. مەسىلەن، ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدا ھۆججەت ئېلىشتىن مەقسەت تالاش-تارتىش ۋە تىنىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەس قىلىدىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىشنىڭ مەقسىتى ئەقىلنى، بەدەننى، مال-مۈلىكنى قوغداش، شۇنداقلا ئىبادەتلەر ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى ھىمايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە قېرىنداشلىقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ..
ئومۇمى مەقسەتلەر خاس مەقسەتلەردىن، خاس مەقسەتلەر تارماق مەقسەتلەردىن شەكىللىنىدۇ.
شەرىئەت مەقسەتلىرىنى فىقھى ئىجتىھادتا ئېتىبارغا ئېلىش تەرەپلىرى
1.ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى تەكشۈرۈش، يەنى مەقسەت قىلىنغان مەزمۇننى ئىزدىنىش.
2.ئايەت-ھەدىستىن مەقسەت قىلىنغان مەنپەئەت ۋە ھېكمەتنى بىلىشكە ئۇرۇنۇش.
3.قايسى ئىشنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە تەۋە، قايسىنىڭ تەۋە ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش.
4.ئۆزى ئۈچۈن مەقسەت قىلىنغان نەرسە بىلەن، باشقىلار ئۈچۈن مەقسەت قىلىنغان نەرسىنى ئايرىش.
5.تارماق مەسىلىلەرنى تەتبىقلىغاندا شەرىئەتنىڭ ئومۇمى مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلىش.
6.تەتقىقات تېمىسى تەۋە بولىدىغان ھۆكۈم چىقىرىش مەيدانىدا خاس مەقسەتلەرگە رېئايە قىلىش.
7.شەرىئەت كۆزلىگەن مۇتلەق مەنپەئەتلەرگە رېئايە قىلىش.
8. ھۆكۈمنى مەنپەئەت ياكى زىيان مىقدارى بويىچە رەتلەپ چىقىش.
9.قىياس ئىشلەتكەندە مەقسەتلەرگە رېئايە قىلىش.
10.ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نەتىجىسىنى ئېتىبارغا ئېلىش.
يۇقىرىقى بىر قانچە مەسىلىلەرگە مىسال ئالايلى.
1.شەرئى دەلىلنىڭ مەقسىتىنى تەكشۈرۈش:
شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە رېئايە قىلىش ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش ۋە مۇلاھىزە قىلىشتىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە قاراپ باقايلى، رەسۇلۇللاھ:«مۆمىندىن باشقىسىغا ھەمرا بولما، تەقۋا ئادەمدىن باشقىسى سېنىڭ تامىقىڭنى يېمىسۇن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى مەقسىتىگە قارىماي سىرتقى زاھىرىي ئۇقۇمى بۇيىچە چۈشەنسەك، شەرىئەتكە تولۇق ئېسىلىپ مېڭىۋاتقان مۇستەقىم مۇسۇلمانلار بىلەن، شەرىئەتكە تولۇق ئەمەل قىلمايدىغان مۇسۇلمانلار ئارىسىنى تولۇق ئايرىشقا ۋە ئالاقىنى ئۈزۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە مۇستەقىم بولمىغان مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە قىلىش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش روھى ۋە دەۋىتى بولمايدۇ. بۇ ئىش شەرىئەتنىڭ روھىغا خىلاپ، چۈنكى شەرىئەت مۇسۇلمانلارنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا چاقىرىدۇ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئۇنداقتا ھەدىسنىڭ مەقسىتى، تەقۋا بولمىغانلارنى ياخشىلىق قىلىشتىن مەھرۇم قىلىش ئەمەس. ھەدىسنىڭ مەقسىتى ھارامدىن پۇل تېپىشتىن ۋە تەقۋا ئادەم قاچىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇش مەقسەت. يەنى ھەدىسنىڭ دېمەكچى بولغىنى شەرىئەتنى تولۇق چىڭ تۇتۇپ ماڭىدىغان ئادەمدىن باشقىسىنى ھەمرا تۇتما، تەقۋا ئادەمدىن باشقىسى بىلەن ئاداش بولما، دېمەكچى.
دېمەك، ھەدىس شەرىپ ھارام يولدىن پۇل تاپما، چۈنكى تەقۋالار ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ھەمرا بولۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ زىياپىتىدىن قاچىدۇ. شۇنداقلا ھەدىس يامان ئادەملەرنى دوست تۇتۇشتىن ئاگاھلاندۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچى ئالىم مەقسەت قىلىنغان مەزمۇنلارنى كۆزلەش ۋە ئۇنى ئاساسلىق يۈزلەندۈرگۈچى قىلىش لازىم.
كۆرسەتمە ئىرادىگە ئەگىشىدۇ، يەنى سۆزلىگۈچىنىڭ ئىرادىسى ۋە مەقسىتى سۆزدىكى مەقسەتتۇر. ئىمام ئامىدى (سۆزلەرنىڭ مەنىلەرگە قارىتا كۆرسەتمىسى سۆزلىگۈچىنىڭ مەقسىتى ۋە ئىرادىسىگە ئەگىشىدۇ) دېگەن. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، تارماق مەقسەتلەر، شەرىئەتنىڭ ئومۇمى پرىنسىپال مەقسەتلىرىنى بىلىش ئاساسىدا قولغا كېلىدۇ.
- ئايەت-ھەدىسنىڭ ئارقىسىدىكى مەنپەئەت ۋە ھېكمەتنى ئىزدەش:
فىقھى ھۆكۈم ئالغاندا تارماق مەقسەتنى بىلىش فىقھىنىڭ ھەقىقى مەنىسى. مەقسەت قىلىنغان مەزمۇن ۋە تارماق مەقسەتلەرنى بىلگەندىن كېيىن شۇ ھۆكۈمدىكى ھېكمەت ۋە مەنپەئەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىش لازىم. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ بىر سودىدا ئىككى سودا قىلىشتىن، تېخى قولغا ئالمىغان نەرسىنى سېتىشتىن توسقان چەكلىمىلەر. بۇ چەكلىمىلەردىكى زىيانلارنى بەلگىلەش، ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ھۆكۈملىرىنى بىلىشتە ئايرىلمايدىغان بىر ئىشتۇر. كىم مەقسەت قىلىنغان مەنپەئەت مەقسىتىنى بىلىشتە خاتالاشسا، ھۆكۈم ئېلىشتا خاتالىشىدۇ، ياكى مەنپەئەت يوق نەرسىنى قوشۇپ قويىدۇ ياكى مەنپەئەت بار نەرسىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم دائىم تارماق شەرئى دەلىلنىڭ ئومۇمىي چوڭ مەقسىتىگە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. مانا بۇ ھەقىقى فىھقى (چۈشەنچە) سانىلىدۇ.
مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«قوش نىكاھ قىلىدىغانلار، ئايال بىلەن ئايالنىڭ ھاممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ نىكاھىغا ئېلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالساڭلار، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈشلىشىگە سەۋەب بولىسىلەر»دېگەن. دېمەك، بۇ ھەدىستىن ھۆكۈم يەكۈنلىگەندە مۇسۇلمانلار ئارىسىنى بۇزۇشقا ۋە ئالاقىنى ئۈزۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ھارام دەپ، بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى باشقىسىغا ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. شۇنىڭغا بىنائەن بىرسىنىڭ مەنسىپى ۋە خىزمىتىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشمۇ ھارام، چۈنكى ئۇ ئىشمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
3. ئەسلى مەقسەت بىلەن قوشۇمچە مەقسەتنى پەرقلەندۈرۈش:
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، شەرئى كۆرسەتمىلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئۈچۈن مەقسەت قىلىنغان ئەسلى مەقسەتلەر ۋە قوشۇمچە مەقسەتلەر بار.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ھارام قىلىنغان ئىشلار ئىككى تۈرلۈك. بىر تۈرى ئۆزى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان ئىشلار، يەنى ساقلىنىش لازىم بولغان ئىش، بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىدە زىيانلىق تەرەپلەر كۆپ بولىدۇ. يەنە بىر تۈرى باشقا سەۋەب ئۈچۈن ھارام قىلىنغان ئىشلار، يەنى بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىدە ھاراملىق ۋە زىيانلىق تەرىپى يوق، لېكىن بۇ ئىشلار ھارام ئىشلارغا باشلاپ بارىدىغان بولغاچقا چەكلەنگەن.
مەسىلەن، پاھىشە ئۆزلىگىدىن ئەسلىدىن ھارام. شۇنداقلا شەرئى يول بىلەن بولمىغان جىنسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ھارام. ئەمما قاراش، تۇتۇش، سىلاش، ئەۋرەتلەرنى ئېچىش ئۆزلىگىدىن ھارام بولغان ئىشلار ئەمەس، بەلكى باشقا سەۋەبلەردىن ھارام بولغان ئىشلار. چۈنكى بۇ ئىشلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئەسلى ھارام ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
سودا-سېتىق ۋە باشقا ئىشلاردا ئالداش، قويۇۋېتىش، زىيان سېلىش ئەسلىدىن ھارام بولغان ئىشلار. ئەمما مېۋە-چىۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىش ئەسلى ھارام بولغان ئىش بولماستىن، باشقا سەۋەب ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشتۇر.
ۋاجىپ ئىشلارنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ۋاجىپ ئىشلارنىڭ قاتارىدا ئۆزى ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان ئىشلار بار ۋە باشقا سەۋەپتىن ۋاجىپ بولغان ئىشلارمۇ بار.
بىرىنچىسى ئەسلى مەقسەت ئېتىبارىدىن ۋاجىپ بولغان ئىشلار، ئىككىنچىسى سەۋەپ، ۋاسىتە ئېتىبارىدىن ۋاجىپ بولغان ئىشلار.
مەسىلەن، توي قىلىش ئەسلى مەقسەت. كۆپلىگەن كىشلەر ھەققىدە بەزىدە سۈننەت، بەزىدە ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنداقلا نىكاھتا«ئالدىم-تەگدىم» دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشىمۇ ئەسلى مەقسەت. ئەمما ۋەلى بەلگىلەش، تويلۇق، گۇۋاھچىلارنىڭ بولىشى ۋە توينى ئاشكارا قىلىش قوشۇمچە مەقسەتلەر بولۇپ، ئەسلى مەقسەتلەر ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىشلار توينى پۈتكۈزۈش، مۇستەھكەملەش ۋە ئۈنۈم قازاندۇرۇش ئۈچۈن ياردەمچى ئىشلاردىن ئىبارەت.
دېمەك، ۋاسىتە ۋە سەۋەبنىڭ دەرىجىسى ئەسلى مەقسەتلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، شەرىئەتتە مەقسەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋاستىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن يۇقىرى تۇرىدۇ، ۋاستىلەردىكى رۇخسەت مەقسەتلەردىكى رۇخسەتلەرگە قارىغاندا كەڭرى بولىدۇ. ۋاسىتىلەرنىڭ ھۆكمى مەقسەتلەرگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
ۋاستىنى چەكلەش ئۈچۈن ھارام قىلىنغان نەرسە، كۈچلۈك مەنپەئەت ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان نەرسە زۆرۈرىيەت دەرىجىسى بولمىسا دۇرۇس بولمايدۇ.
مەسىلەن، قولغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىلەرنى سېتىش چەكلىنىدۇ، لېكىن مۇئەييەن ئەھۋاللاردا قولغا ئالمىغان نەرسىنى ئېلىپ سېتىش رۇخسەت قىلىنغان. قولغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى ئېلىپ سېتىش جېدەل-ماجىراغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى سەۋەبىدىن چەكلەنگەن.
4. تارماق مەقسەتلەرنى تەتبىقلىغاندا شەرىئەتنىڭ ئومۇمى مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلىش:
مەقسەتلەرنىڭ بۇ تۈرى ئالاھىدە ئېتىبار ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىگە، چۈنكى شەرىئەت شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىجتىھادنىڭ باشقا شەرتلىرى بىلەن ساغلام بولىشى ۋە يەكۈن ئېلىشنىڭ ئۆلچەملىك بولىشى ئۈچۈن رامكا قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن.
شۇ سەۋەبتىن قايسى بىر مەسىلە ياكى پەتىۋا ھەققىدە ئىزدەنگەندە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىۋاتقان تېمىغا قاراپ چىقىش زۆرۈر. شۇڭا مۇپتى پەتىۋا بەرگەندە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە دىققەت قىلىشى لازىم، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى قوغدىغان ياكى پايدا ئېلىپ كەلگەن نەرسە شەرىئەتنىڭ مەقسىتىدىن سانىلىدۇ، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن قايسى بىر مەسىلە شەرىئەتنىڭ مەقستىگە زىيانلىقتۇر، ئۇ زىياننى يوقىتىش مەنپەئەتتۇر.
5.ھۆكۈمنىڭ دەرىجىسىنى مەنپەئەت ياكى زىيانغا قاراپ رەتلەش:
شەرىئەتتىكى بۇيرۇقلار مەنپەئەتلەرگە ئەگىشىدۇ، شۇنداقلا چەكلىمىلەر زىيانلىق ئىشلارغا ئەگىشىدۇ. مەنپەئەت تۆۋەنرەك دەرىجىدە بولسا، سۈننەت دەرىجىسىدە بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىراق دەرىجىدە بولسا ۋاجىپ بولىدۇ.
ئاندىن مەنپەئەت ئۆرلىسە سۈننەتنىڭ دەرىجىسى ئۆرلەپ كۈچلۈك سۈننەتكە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا مەكروھ زىياننىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن ھارامغا يېقىن دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. دېمەك، مەنپەئەتنىڭ دەرىجىسى بولغاندەك، زىياننىڭمۇ دەرىجىسى بار.
دېمەك، سۈننەت دەرىجىلىك مەنپەئەتنى ۋاجىپ دەرىجىلىك مەنپەئەتكە كۆتۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى مەنپەئەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋاجىپ، شەرىئەت بۇ مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن قىزىقتۇرغان، سەل قارىغانلارغا جازا بېكىتكەن.
شۇنىڭغا ئاساسەن، شەرىئەتتە كەلگەن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەر بىر خىل دەرىجىدە ئەمەس. بۇيرۇقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەنپەئەتنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بۇيرۇققا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان زىيانىڭ مىقدارىغا ئاساسەن ئۇنىڭدىن ساقلىنىش لازىم.
مەسىلەن، نىكاھنىڭ ھۆكمى، شەرىئەت نىكاھلىنىشقا قىزىقتۇرغان. نىكاھنىڭ بەش تۈرلۈك ھۆكمى بار:
توي قىلىشقا قاتتىق ئىھتىياجىي بار، گۇناھ قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ۋاجىپ.
دىني ياكى دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن توي قىلغان ئادەمگە نىسبەتەن سۈننەت.
ھاجىتى يوق ئادەمگە نىسبەتەن دۇرۇس.
ئەر-ئاياللىق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بەزىسىنى قىلالمايدىغان كىشلەرگە نىسبەتەن مەكروھ.
زۇلۇم ۋە گۇناھقا سۆرەپ بارىدىغان بولسا ھارام بولىدۇ.
تالاقنىڭ ھۆكمىمۇ ھەر ھالەتتە پايدا-زىيانغا قاراپ تۇرۇپ يۇقىرىقىدەك بەش تۈرلۈك بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى