2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھەدىس شەرىپنىڭ مەقسەتلىرى

ھەدىس شەرىپنىڭ مەقسەتلىرى

 

ھەدىس شەرىپ ۋەھىي، ئۇ ئىسلامدىكى ئىككىنچى قانۇن چىقىرىش مەنبەسى، قۇرئان كەرىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۆرنىگى، ھاياتنىڭ تەپسىلى مېتودىنى سىزىپ بەرگۈچى پرىنسىپ ۋە ئىلاھىي مەرىپەت مەنبەسى.

‏ھەدىس شەرىپىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ۋە شەرھى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. شۇنداقلا ھەدىس شەرىپ قۇرئان كەرىم پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى تەكىتلىگۈچى. دېمەك، ھەدىس شەرىپنىڭ ئومۇمى مەقسەتلىرى قۇرئان مەقسەتلىرىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

شۇڭا بىز بۇ يەردە ھەدىس شەرىپىنىڭ تارماق مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

ھەدىس شەرىپىنىڭ مەقسىتىنى بىر بىرىگە چېتىشلىق ئىككى مەسىلىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

‏1.سۈننەت ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە ئۆز ئورنىغا قويۇش.

‏2.ھەدىس شەرىپلەرنى شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىزاھاتلاردىن ياكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى چەتكە قاقىدىغان ياكى سىقىپ قويىدىغان تەتبىقلاشتىن ساقلىنىش لازىم.

‏ھەدىسنىڭ مەقسىتى بىلىنمىسە ۋە رېئايە قىلىنمىسا، ھەدىسنىڭ ھېكمىتى يوقاپ كېتىدۇ، مەنپەئەتى ۋە مېۋىسى قولدىن كېتىپ قالىدۇ. ھەدىس شەرىپنىڭ مەقسەتلىرىنى قۇرئان مەقسەتلىرى ئاساسىدا چۈشەنمىگەندە ھەدىس شەرىپ ئۆز ئورنىدا قويۇلماي قالىدۇ. بەزىدە زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەدىس شەرىپ رەھىمدىللىق، مەنپەئەت ۋە ئىسلاھاتنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن كەلگەن…

‏ھەدىس شەرىپلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىشكە، ھېكمەت ۋە مەقسەتلىرىنى بەلگىلەشكە بەكرەك تەسىر بېرىدىغان ئىشلار ئىككى تۈرلۈك:

   ‏1.‏‏ھەدىسنىڭ رەسۇلۇللاھدىن  چىقىش سۈپىتىنى بىلىش،

   ‏2. ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلىش.

‏بۇ ئىككى ئىش بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان مەسىلە بولۇپ، بىرسى يەنە بىرىدىن ئايرىيالمايدۇ.تۆۋەندە بۇ ئىككى مەسىلىنى ئىزاھلايمىز.

 

 

1.ھەدىس شەرىپنىڭ رەسۇلۇللاھدىن چىقىش ئورنىنى بىلىش:

‏رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان سۆز، ئىش-ھەرىكەت، تەستىقلاش، ئىشارەت، ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل خاراكتېرىدە ئەمەسلىكى ۋە ھەممىسىنىڭ بىر خىل سۈپەتتە چىقمىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئىشلار رەسۇلۇللاھدىن تۈرلۈك مەقسەت، ئوخشىمىغان غەرەزلەر ئىچىدە ھەر خىل سۈپەتتە چىقاتتى.

‏ رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر سۈپتىدە سۆزلەيتتى، شۇ ئاساستا ئىش ئېلىپ باراتتى، ۋەھىيىنى يەتكۈزەتتى ۋە ئىجرا قىلاتتى. ‏

بەزىدە مۇپتىلىق سۈپتىدە پەتىۋا بېرەتتى.

‏رەسۇلۇللاھ بەزىدە ھاكىم، رەئىس ۋە قوماندانلىق سۈپىتى بىلەن ئىش ئېلىپ باراتتى.

‏رەسۇلۇللاھ بەزىدە تالاش-تارتىشنى بىر تەلەپ قىلىپ قازىلىق سۈپىتى بىلەنمۇ ئىش ئېلىپ باراتتى.

‏يەنە بەزىدە مۇئەييەن ئەھۋاللاردا شەخسى ئىشلاردا مەسلىھەت سورۇلاتتى، شۇ چاغدا ئۇلارغا مۇناسىپ ھالەتتە مەسلىھەت بېرەتتى.

‏يەنە بەزىدە تەجرىبە ۋە شەخسى مۆلچەرلەشكە ئالاقىدار پەقەتلا دۇنيالىق ئىشلاردا كۆز قارىشىنى بايان قىلاتتى.

‏بىز ھەدىس شەرىپ ئوقۇغاندا ھەدىسنىڭ مەنىسى، مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەكچى ۋە ئەھكاملىرىنى بىلمەكچى بولساق، يۇقىرىقى رەسۇللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

‏ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلىش بەزىدە قولاي بولىدۇ.  مەسىلەن، ئىبادەت ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ياكى رەسۇلۇللاھ تۈرلۈك شارائىت ۋە ئەھۋاللاردا  داۋاملاشتۇرغان ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بولسا، بۇ خىل تۈردىكى ھەدىسلەر داۋاملىق قانۇنىي ھەدىسلەردۇر.

‏مانا بۇ توغرىدا رەسۇللاھ :«مەن بىر ئىنسان، ئەگەر مەن سىلەرگە دىن توغرىسىدا بىر نەرسە سۆزلەپ بەرسەم ئېلىڭلار، ئەمەل قىلىڭلار. ئەگەر دۇنيالىق ئىشلاردا كۆز-قارىشىمنى بايان قىلسام، مەن بىر ئىنسان»(يەنى قاراپ ئىش قىلىڭلار) دېگەن.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

‏مانا بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئۆزىدىن سادىر بولۇۋاتقان ئىشلارنى دىن، شەرىئەت خاراكتېرىدىكى ئىش بىلەن كۆز-قاراش، ئوي ۋە ئىنسانىي تەجرىبە سۈپىتى بىلەن چىققان ئىشلارنى ئايرىغان. دېمەك، رەسۇللاھدىن سادىر بولغان سۆزلەرنىڭ قاتارىدا قانۇن (شەرئى ھۆكۈم)بىلەن ئالاقىسى يوق بەزى سۆزلەرنىڭمۇ بارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.‏

‏‏ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «سىلەر مېنىڭ قېشىمغا جېدەللىشىپ كېلىسىلەر، مەن بىر ئىنسان. بەلكىم بەزىڭلار گەپدان بولۇپ گەپنى جانلىق ئىپادىلىشىڭلار مۇمكىن. مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاڭلىغان نەرسىگە قارىتا ھۆكۈم چىقىرىمەن، شۇ چاغدا ھۆكۈم خاتا بولۇپ قېلىپ بىرەيلەننىڭ ھەققى يەنە بىرەيلەنگە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئالمىسۇن» دېگەن.

ماۋۇ ھەدىس رەسۇللاھنىڭ قازىلىق ۋە كىشلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش  ئاساسىدا چىققان. دېمەك، رەسۇلۇللاھدىن قازىلىق سۈپتىدە چىققان ئىشلارنىڭ بەزىسى شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىغا بويسۇنىدۇ.

‏يەنە قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ ئۆلۈپ كېتىدىغان چاغدا:«ئەتراپىدىكى ساھابىلىرىگە قەغەز قەلەم كەلتۈرۈڭلار، مەن سىلەرگە بىر نەرسە يېزىپ بېرەي، شۇ بۇيىچە ماڭساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر» دېگەندە ساھابىلىرى ئىختىلاپ قىلىشىپ، ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولغان، نەتىجىدە يېزىپ بەرمىگەن. ئەگەر يېزىپ بەرمەكچى بولغان نەرسە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەھىي ياكى شەرىئەت بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ يېزىپ بېرىشنى تاشلىمىغان بولاتتى. دېمەك بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ قانۇن چىقىرىشنى مەقسەت قىلمىغان ۋە ئىجرا قىلىشقىمۇ ھېرىس بولمىغان.

‏يەنە بىر ھەدىسنى مىسال ئالساق، رەسۇلۇللاھ :«كىم بىر دۈشمەننى ئۆلتۈرسە ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىسپاتى بولسا، دۈشمەننىڭ قۇرال يارىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مال-مۈلكىگە شۇ ئادەم ھەقلىق»دېگەن(بۇخارى ۋە مۇسلىم)

‏ھەدىسنىڭ زاھىرىي سىرتقى چۈشەنچىسىگە قارىساق، ھەر بىر جەڭچى دۈشمەننىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى غەنىمەت ئېلىشقا ھەقلىق دېگەن ئۇقۇم چىقىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئالىملار بۇ مەسىلىدە بىر نەچچە خىل قاراشتا بولغان. يەنى بۇ ھۆكۈم ھاكىمنىڭ رۇخسىتىگە ۋە تەقسىماتىغا بويسۇنمايدىغان ھەر دەۋردە جارى بولىدىغان ئومۇمى قانۇنمۇ؟ ياكى ھەدىس شەرىپ مۇئەييەن ھالەت ۋە مۇئەييەن ئۇرۇشتىكى ۋاقىتلىق ھەربى قارارمۇ؟.

‏بۇ يەردىكى مەسىلە ھەدىسنىڭ رەسۇلۇللاھدىن چىقىش سۈپىتىنى بەلگىلەشكە باغلىق. يەنى بۇ ھەدىس قانۇن، پەتىۋا سۈپتىدە چىققان ھەدىسمۇ ياكى ھەربى قومانداندىن چىققان ۋاقىتلىق ھەربى قارارمۇ؟.كىم بۇ ھەدىسنى تەبلىغ، پەتىۋا ۋە ئومۇمى قانۇن سۈپىتىدە چىققان دەپ قارىسا، دۈشمەننىڭ قۇرال ياراق، نەرسە كېرەكلىرى داۋاملىق ھەر بىر ئۇرۇشتا، شۇ جەڭچىنىڭ ھەققى دەپ قارىغان.

‏كىم بۇ ھەدىسنى رەئىس ۋە قومانداندىن چىققان ھەدىس دەپ قارىسا، غەنىيمەتنى رەئىس ياكى قومانداننىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىشقا بولمايدۇ، بۇ ئىش ھەر قېتىمدا رەئىسنىڭ قارارىغا باغلىق، دەپ قارىغان.

‏رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ ۋەھىيى، تەبلىغ ياكى  مۇئەييەن يېڭى مەسىلە ئۈچۈن پەتىۋا سۈپتىدە چىققانلىقىنى؛  ياكى سىياسەت ۋە مەسلىھەت يوسۇنىدا چىققانلىقىنى؛ ياكى  دۇنيا ئىشلىرىدىكى تەجرىبە يولى ئارقىلىق چىققانلىقىنى بىلسەك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىڭ مەقسىتىنى بىلەلەيمىز.

‏ئۇنداق بولمىغاندا ھەدىسنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىشتە خاتالىق يۈز بېرىپ قالىدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدە ئىزدەنگۈچىلەر رەسۇلۇللاھتىن سادىر بولغان سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ سۈپىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە مۇھتاج.

 

2. ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلىش:

‏ھەدىسنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن مەقسەت: رەسۇلۇللاھتىن سادىر بولغان سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ  يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولغان ھالەت ياكى مەسىلىدىن ئىبارەت.

‏ھەدىس شەرىپنىڭ كېلىش سەۋەبى قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشۈش سەۋەبىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن كېلىش سەۋەبىگە چېتىشلىق ھەدىسلەرنىڭ سانى، مۇئەييەن سەۋەبتىن چۈشكەن ئايەتلەرنىڭ سانىدىن كۆپ. شۇنداقلا ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلىش ۋە سەۋەبىگە رېئايە قىلىشقا بولغان ئېھتىياج، ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بىلىشكە بولغان ئېھتىياجدىن كۈچلۈك ۋە مەنپەئەتلىك. چۈنكى ھەدىس شەرىپ شارائىت ۋە كېلىش سەۋەبىگە بەك زىچ مۇناسىۋەتلىك.

‏‏ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبىدىن غاپىل قېلىش، ئايەتلەرنىڭ مەقسىتىدىن چىقىپ كېتىشكە ئېلىپ بارغاندەك، ھەر بىر ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبى ۋە شارائىتىنى بىلمەسلىك دىندا داۋالغۇشقا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق پەيدا قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ. شۇڭا ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ قىياس قىلىش خاتالىققا  ئېلىپ بارىدۇ.

‏مەسىلەن:رەسۇلۇللاھ:«جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ئادەمگە  ۋاجىپ» دېگەن.

‏مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئالىملار تۈرلۈك قاراشتا بولغان ۋە كۆپ تالاش-تارتىش قىلغان. يەنى ۋاجىپمۇ، سۈننەتمۇ ياكى مۇستەھەبمۇ؟ ۋاقتى قاچان؟ دېگەندەك… ئەمەلىيەتتە بۇ ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق، بۇ مەسىلىدە تالاش -تارتىش قىلىش ھاجەتسىز.

‏ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دېگەن:«كىشلەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا يىراق جايلاردىن كېلىشەتتى، كەلگىچە چاڭ-توزانغا دۈچ كېلەتتى ۋە تەرلەپ كېتەتتى. نەتىجىدە ئۇلاردىن تەرنىڭ پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى. رەسۇلۇللاھ  بۇلارغا قارىتىپ:«بۈگۈن يۇيۇنىۋالغان بولساڭلار، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!» دېگەنىدى. دېمەك،جۈمە نامىزىغا يۇيۇنۇپ كېلىش باشقىلارغا كىر، مەينەتچىلىك ۋە تەر سەۋەبىدىن ئازار بەرمەسلىك، شۇنداقلا يېقىمسىز پۇراقلارنى يوقۇتۇش مەقسەتتۇر.

‏ئەگەر ھەدىسنىڭ بۇ سەۋەبىنى بىلسەك، جۈمە كۈنى غۇسۇلى قىلىش بەدىنى ۋە كىيىمى كىرلىشىپ كەتكەن ياكى تەرلەپ كەتكەن ئادەم ھەققىدە ۋاجىپ، دېگىلى بولىدۇ. باشقا كىشلەر ھەققىدە يۇيۇنۇش مۇستەھەپ دەرىجىلىك سۈننەت دائىرىسىدە بولىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى