2024-يىل 29-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

دەۋەت ۋە ئىسلاھاتنىڭ تەدرىجى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

دەۋەت ۋە ئىسلاھاتنىڭ تەدرىجى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

 

مۇسۇلمانلار ئويغىنىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەدرىجى ئىسلاھ قىلىش قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىشى لازىم، چۈنكى يول ئۇزۇن، شۇنداقلا بۇزغۇنچىلىق ۋە يامانلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. بۇ بۇزغۇنچىلىقلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن تەدرىجى يول تۇتۇشقا مۇھتاج. دەسلەپكى ئىسلام دەۋىتىمۇ تەدرىجى باشلىنىپ، تاللاش باسقۇچى، تەربىيىلەش باسقۇچى، ئاندىن قارشىلىشىش باسقۇچى، ئاندىن غەلىبە قىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن. يۇقىرىقى ھەممە باسقۇچلارنى بىر قېتىمدىلا باشلىغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىسا نۇقسان، تۇراقسىزلىق، مۇشەققەت ۋە ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

ئىسلام ئۈچۈن دەۋەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بەزىلەر ئىسلاھاتنى بىر كۈن ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇلار ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىماستىن، رېئال شارائىتنىڭ ئەھۋاللىرىنى چۈشەنمەستىن، ياخشى ئۇسۇل-چارىلەر ھەققىدە ياخشى تەييارلىق قىلماستىن مۇسۇلمانلارنىڭ رېئال ھاياتىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگەرتىشنى ئىرادە قىلىشىدۇ.

كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېتەكلەشتە تەدرىجى ئىش قىلىشتىكى بۇ ئىلاھى قانۇنىيەتكە ئەگىشىش لازىم. تەدرىجى ئۇسۇل ئارقىلىق ئىسلامنى ھاياتتا تەتبىقلىغىلى بولىدۇ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى ئۈنۈم بېرىدۇ.

ھەقىقى ئىسلام جەمئىيىتىنى تۇرغۇزۇش رەئىس ياكى سۇلتان ياكى ياكى قومانداندىن چىققان بىر قېتىملىق سىياسى قارار بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، دەپ خىيال قىلمايلى. ھەقىقى ئىسلام جەمئىيىتى ئىدىيە، ئىستىل ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلغان تەدرىجى ئىش-ھەرىكەت قىلىش يولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ جاھىلىيەت ھاياتىنى ئىسلامغا ئۇيغۇن ھاياتقا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۇتۇپ ماڭغان يول تەدرىجى ئىش-ھەرىكەت قىلىش يولى ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدىكى 13 يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى كارغا كېلىدىغان مۆمىن ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىدى.

مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا ئىنتىلسە، تەدرىجى ئىش-ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتىگە رېئايە قىلىشى كېرەك. چۈنكى بىر قانچە يىلدا ئۆرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەن نەرسىنى بىر قانچە كۈندە تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىسلام ھەرىكەتلىرى ئېغىر بېسىق بولۇش ۋە چىرايلىق سەۋر قىلىش سىياسىتىنى تۇتۇپ مېڭىش كېرەك.

مەدىنە دۆلىتىگە قارايدىغان بولساق، ئىسلام دۆلىتى ھىجرىيىنىڭ بىرىنچى يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھاراق، جازانىنىڭ ھارام قىلىنىشى ۋە چەكلىنىشى دەرھال يولغا قويۇلمىغان.

قۇرئان كەرىمنىڭ مېتودىغا قارايدىغان بولساق، ئىنسان تەربىيىلەشتە ئېغىر بېسىق ۋە تەدرىجى يول تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ھەل قىلماقچى بولغان تېما ئىمان ۋە ئەقىدىگە ئالاقىدار تېما بولسا، ئىسلام دىنى ئۇ مەسىلىنى كەسكىن كېسىپ بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەگەر ئۇ مەسىلە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ياكى ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسى بولغان بولسا، سىلىق ۋە تەدرىجى يول تۇتاتتى ۋە ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان شارائىتلارنى تەييارلاتتى.

 

ئۆزگەرتىشنىڭ ئەسلى يولى تەدرىجىلىك يولىنى تۇتۇش

 

تەدرىجى يول تۇتۇش كائىنات ۋە شەرىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بولۇپ، ئىنسان خاراكتېرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى تەدرىجى يولغا قويغان. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىمۇ شۇنداق قىلغان.

پەرز، ۋاجىپ ئىشلاردا تەدرىجى يول تۇتقانلىقنىڭ جانلىق مىساللىرىدىن بىرى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قېتىمدىلا چۈشمەستىن، بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ چۈشكەنلىكىدۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە قارىساق ئىبادەتلەردىن ئىلگىرى تەۋھىدكە دەۋەت قىلاتتى.

رەسۇلۇللاھ «مۇئاز»ئىسىملىك ساھابىنى يەمەنگە دەۋەتچى سۈپتىدە يولغا سالغاندا يوليورۇق كۆرسىتىپ:«سەن ئەھلى كىتابقا تەۋە بىر يۇرتقا كېتىپ بارىسەن، سەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغاندا بىرىنچى قىلىپ تەۋھىد ئەقىدىسىگە چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار سېنىڭ دەۋىتىڭگە قوشۇلسا، ئاندىن كېيىن بىر كۈندە بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرگىن. بۇنىڭغىمۇ قوشۇلسا زاكاتنىڭ بايلاردىن ئېلىنىپ، كەمبەغەللەرگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغىن. بۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلسە زاكات ئالدىغاندا ئېسىل مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋىلىشتىن ساقلانغىن، مەزلۇمنىڭ دۇئاسىدىن ساقلان، چۈنكى ئۇنىڭ دۇئاسى تېز ئىجابەت بولىدۇ»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

نامازغا قارىساق دەسلەپتە ئىككى رەكئەتتىن پەرز قىلىنغان، ئاندىن پەرز نامازلارنىڭ رەكەت سانى تۆت رەكئەتكە كۆتۈرۈلگەن ۋە نەپلە نامازلار قوشۇلغان.

شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان ئىشلارمۇ تەدرىجى چەكلەنگەن، دەۋەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ھارام ئىشلار تېخى ھارام قىلىنمىغان. ھارام ئىشلارمۇ بىر بىرلەپ ھارام قىلىنغان. زىنا-پاھىشىمۇ بىر قېتىمدىلا چەكلەنمىگەن، ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىش كېيىن چەكلەنگەن. يېمەك-ئىچمەككە تەۋە نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنىدە ھارام قىلىنغان.

«سەقىف قەبىلىسى» مۇسۇلمان بولىدىغان چاغدا رەسۇلۇللاھقا زاكات بەرمەسلىك ۋە جىھاد قىلماسلىقنى شەرت قىلىۋالغان ئىكەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلار توغرىسىدا:«ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، پات ئارىدا زاكات بېرىدۇ ۋە جىھاد قىلىدۇ»دېگەن(ئەھمەد رىۋايىتى).

جەمئىيەتلەرنىڭ ئەھۋالى بىر خىل بولمايدۇ، شۇڭا ھەر جەمئىيەتكە مۇناسىپ تەدرىجى چارە قوللىنىش مۇھىم. تەدرىجى يول تۇتماسلىق ئاللاھنىڭ كائىنات ۋە شەرىئەتتىكى قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولۇپ، رېئال ھايات بىلەن بىۋاستە سوقۇشۇشقا باشلاپ بارىدۇ، رېئال ھايات بىلەن بىۋاستە سوقۇشۇش باشقىلارنى دەۋەت يولىدىن قاچۇرۇپ قويىدۇ.

ئاللاھنىڭ جەمئىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش قانۇنىيىتى تەدرىجى يول تۇتۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى بىر قانچە يىلدا يىغىلىپ قالغان خاتالىق ۋە بۇرۇلۇشلارنى بىر كېچە-كۈندۈزدە ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىشلارنى ھەل قىلىش ۋە داۋالاشتا ئېغىر بېسىق بولۇش ۋە تەدرىجى يول تۇتۇش لازىم:«ئاللاھنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن دەۋەت ئېلىپ بارغىن»(نەھل سۈرىسى، 125-ئايەت).

ھېكمەت دېگەن تەدرىجى يول تۇتۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى كۆنۈپ قالغان ئادەتلەردىن بىر قېتمدىلا ۋاز كەچمەيدۇ، ئاز-ئازدىن تەدرىجى يېنىش ئارقىلىق ۋاز كېچىدۇ.

دەۋەت ياكى ئىسلاھات ئىشلىرىدا تەدرىجى يول تۇتۇش ھارام نەرسىنى مۇباھ قىلىپ بېرەلمەيدۇ ۋە پەرزنى ساقىت قىلىۋەتمەيدۇ. پەرز ئىش قىيامەتكىچە پەرز بولىۋېرىدۇ، ھارام ئىش قىيامەتكىچە ھارام بولىۋېرىدۇ. بىر ھارامنى چەكلەش تېخىمۇ ئېغىر ھارام ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان بولسا ياكى ئۇ ھارام ئىشنى  چەكلەش ياكى ئىنكار قىلىشقا شارائىت ھازىرلاۋاتقان بولسا، شارائىت سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە سۇكۇت قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

دېمەك، تەدرىجى ئىش قىلىش ھالال ياكى ھارام دەپ پەتىۋا بېرىدىغان فىقھى يول ئەمەس، بەلكى ئىسلاھ قىلىشتىكى باسقۇچلۇق مېتود ۋە دەۋەت يولىدىن ئىبارەت.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2016.8.25 كۈنى