2024-يىل 17-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاندىكى ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنى بىلىشنىڭ پايدىسى

قۇرئاندىكى ئىلاھى قانۇنىيەتلەرنى بىلىشنىڭ پايدىسى

 

قۇرئان كەرىمنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئىنسانغا ئويغىنىش-غاپىل قېلىش، غەلىبە قىلىش-مەغلۇب بولۇش سەۋەبلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئىنسان بۇ قانۇنىيەتلەردىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ ياكى قارشى تۇرالمايدۇ ۋە ياكى ۋاز كېچەلمەيدۇ.

مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ياكى يېقىلىپ چۈشۈشكە ئېلىپ بارىدىغان مۇقەددىمىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ. قۇرئاننىڭ قانۇنىيەتلىرى مۇسۇلمانلارغا بىر قانچىلىغان نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ:

1.ئۇ قانۇنىيەتلەر ئۈممەتنى ھىدايەت قىلىشنىڭ سەۋەبىدۇر:«ئاللاھ سىلەرگە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار(يەنى پەيغەمبەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشىنى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدۇ»(نىسا، 26-ئايەت). ئاللاھ كىشىلەرگە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قائىدىلەرنى ۋە ھېكمىتىنى ئېچىپ بەرمەكچى. بۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلىش تەۋبە قىلىشنىڭ سەۋەبىدۇر، تەۋبە قىلىش يەككە سەۋىيە بويىچە بولغاندا ياخشىلىققا ئۆزگىرىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئېلىپ ئېيتقاندا رېئاللىقنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەلبىي تەرەپلەرنى كوللېكتىپ ھالدا قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئارقىدا قېلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئەھۋاللارنى تۈزىتىشنى ۋە مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مۇستەھكەملەشنى كۆرسىتىدۇ.

2.بۇ قانۇنىيەتلەر ئىلاھى ئادالەتنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن بولغان بىر كۆرۈنۈشتۇر:

چۈنكى بۇ قانۇنىيەتلەر بىر ئىنسان بىلەن يەنە بىر ئىنسان ئارىسىنى، بىر مىللەت بىلەن يەنە مىللەت ئارىسىنى ئايرىپ قارىمايدۇ. ياخشى ئىشلار دائىم گۈزەل نەتىجە يارىتىدۇ، يامان ئىشلار دائىم يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتتۇر:«بۇ ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن»(ئەھزاب سۈرىسى، 62-ئايەت). ئەگەر بۇ قانۇنىيەتلەر مۇقىم ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملاشمايدىغان بولسا، بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىبرەت ئېلىشنىڭ پايدىسى بولمىغان بولاتتى.

3.ئاللاھقا قارىتا ئىماننى ئاشۇرۇش:چۈنكى بۇ قانۇنىيەتلەر ئاللاھنىڭ ئاجايىب قۇدرىتى ۋە ئىنچىكە ھېكمەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئاسمان-زېمىندا ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ، ھېچكىم بۇ قانۇنىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ كائىناتنىڭ پەيدا بولىشىدا قالايمىقانچلىق ۋە تاسادىپىيلىققا ئورۇن يوق. شۇڭا بۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلگەن ئادەمنىڭ قەلبى ئاللاھنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايدۇ.

4.بۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلىش ۋەقەلىك ۋە ھادىسىلەرگە توغرا باھا بېرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا تەھلىل قىلغان كىشى كەلگۈسىگە نەزەر يۈرگۈزەلەيدۇ ۋە بۇ قانۇنىيەتلەرنى ئۆزىنىڭ، مىللىتىنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.

5.قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇزۇن زامان يۈز بەرگەن نەرسىنى قىسقا شەكىلدە بايان قىلىپ بەرگەن قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئەقىلنىڭ سەۋەب-نەتىجە ئالاقىسىنى بىلىشكە يول ھازىرلاپ بېرىدۇ.

6.بۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلىش باتىل ئىشلارغا قارىشى تۇرۇشتا، ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىغا قىزىقتۇرىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلەن كۆڭۈللىرىنى خاتىرجەم قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان باتىلنىڭ گۈللىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايدۇ. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا زالىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولغان ئارقىمۇ-ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ نەزىرىدە باتىلنىڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكى ئۇنىڭ زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ،ھەقىقەتنىڭ ئۇرۇغى كېچىك بولسىمۇ، چوڭىيىدۇ.

7.ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەممە ئىنسانلارغا تەتبىقلىنىدۇ، ھېچكىم بۇنىڭدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ.

8.بۇ قانۇنىيەتلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇشتا پايدىلىنىش لازىم: دەۋەت قىلىش قۇرئان كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا بولىدۇ، چۈنكى بۇ قۇرئاندا ئەقىلنى ھەيرانغا سالغۇدەك ھەقىقەت ۋە مۆجىزىلەر بار. قانۇنىيەتلەر بىلمى قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ قاتارىدىن. چۈنكى ئىنسان بۇ ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى ھەقىقەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، قانۇنىيەتلەر بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، تارىخى ۋەقەلىكلەر ئۇزۇن زامانلار بويى ئېنىق بولمىغان ۋە ھادىسىلەرنىڭ ھەقىقى ئىللىتى روشەن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانچە بىلىملىك بولسىمۇ مۇنچە ئىنچىكە يولغا قويالمايدۇ. شۇڭا ئاللاھنىڭ مەخلۇقلاردىكى قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ شەرتىدۇر.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى