2024-يىل 6-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شەرىئەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە قارىتا ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى

شەرىئەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە قارىتا ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى

 

ئاللاھ:«كىمكى مېنىڭ كۆرسەتمىلىرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار(يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز. ئۇ:«ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى (مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ»دەيدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا روشەن ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارغا نەزەر سالمىدىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش نەزەردىن ساقىت بولىسەن» ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق،تېخىمۇ باقىيدۇر»(تاھا سۈرىسى، 124،127-ئايەت).

«مېنى ئەسلىسەڭلار، ئاندىن سىلەرنى ئەسلەيمەن» (بەقەر، 152-ئايەت) دېگەن ئايەت: مېنىڭ شەرىئىتىمىگە ئەگىشىش ئارقىلىق مېنى ئەسلىسەڭلار، سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت، ھىدايەت، نۇسرەت، خاتىرجەملىك، رازىلىق ۋە ھېكمەت بېرىش ئارقىلىق سىلەرنى ئەسلەيمەن، دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ.

غېمىڭىز ئاخىرەت بولسۇن:

ئاللاھ ئىنساننى ئاخىرەت ئۈچۈن ياراتتى، كىمنىڭ چوڭ غېمى دۇنيا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئىشقا ئاشمايدۇ، دائىم ئالدىدا توسالغۇلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ۋە دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكى بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتتىكى»تار تۇرمۇش»تىن مەقسەت ياخشىلىق يوللىرىنىڭ تارىيىپ، بىرەر ئىشلاردا ھىدايەتكە ئېرىشەلمەسلىك ۋە رىزىق يوللىرىغا توغرا يول بىلەن يېتەلمەسلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئىنساننىڭ بۇ ھاياتنىڭ داۋامى بولغان ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈنمۇ چوڭ غايىسى بولىشى لازىم، چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك قىلىپ يارىتىلغان، مۆمىننىڭ قەلبى ياخشى ئەمەللەرگە تويمايدۇ ۋە قېرىپ قالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ:«كىم ئاخىرەتنى غېمى قىلىپ تاڭ ئاتقۇزسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بايلىقىنى قەلبىدە قىلىپ بېرىدۇ، ئىشلىرىنى قولاشتۇرۇپ بېرىدۇ، دۇنيا ئۇ خالىمىسىمۇ كېلىپ تۇرىدۇ. كىم دۇنيانى پۈتۈن غېمى قىلىۋالسا، ئاللاھ كەمبەغەللىكنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قىلىپ قويىدۇ، ئىشلىرى قولاشمايدۇ ۋە دۇنيادىن پۈتۈلگىنىدىن باشقىسى كەلمەيدۇ»دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈلگەنلىكنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن:

بەرىكەتنىڭ ئازلىقى، تىجارەتتە پايدىنىڭ ئازلىقى، مەھسۇلاتنىڭ ئازلىقى ۋە تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ كۆپ بولىشى، ئوت كېتىش، يەر تەۋرەش، قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى… دىن ئىبارەت. بۇ خىل تۈردىكى كرىزىس ۋە مۈشكۈلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىك سەۋەبىدىندۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي