2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان كەرىم ۋە ئىدىيە كۈرىشى

قۇرئان كەرىم ۋە ئىدىيە كۈرىشى

 

ئاللاھ قۇرئاندا :«قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارىشى چوڭ كۈرەش(جىھاد) قىلغىن» دەيدۇ. (فۇرقان سۈرىسى، 52-ئايەت).

(1)

نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەيغەمبەر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندە دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ھەرىكىتىگە مۇھتاج ئىدى. شۇ زاماندىكى ئىنسانلار ئارقىمۇ-ئارقا زەنجىرسىمان توقۇنۇش ئىچىدە ياشايدىغان ئىدى. بۇ توقۇنۇشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى سىياسىي، ئىقتىسادى ياكى ئەسكەرى كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى جەھەتتىن دىنىي ۋە ئېتىقاد كۆرۈش ئىدى. ئۇ ئەقىل ۋە قەلب ئارىسىدىكى ئىدىيە (كۆز قاراش) ئۇرۇشى بولۇپ، ھەر تەرەپ مۇقەددەس دەپ قارىغان قاراشتا  تۇرۇپ، كۆز قارىشى ۋە ئىدىيىسىنى باشقىلارغا تاڭىدىغان ئىدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ساپ تەبىئىي خاراكتېرىگە ئۇيغۇن تەۋھىد ئېتىقادىغا يېتەكلەش، ئۇلارنى دىنىي ۋە دۇنيالىق جەھەتتىن ئىسلاھات قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن بۇ ناھەقچىلىقنىڭ ھەممىسىگە قارىشى كۈرەش قىلىشقا؛ ئىدىيە ۋە دىنىي بۇزۇقچىلىققا ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ئەلۋەتتە بۇ نۇرغۇن يۇرتلارغا يۈزلىگەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشكە تېگىشلىك چوڭ ۋەزىپە ۋە بۈيۈك غايە. بىراق ئاللاھ يەر شارى خاراكتېرىدىكى مۇنچىۋالا چوڭ ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپىگە پەقەت بىر ئىنسان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى تاللىغان. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەقىقەتنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا، بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە ۋە بۇ قۇرئان ئارقىلىق چوڭ كۈرەشكە ئاتلىنىشقا بۇيرۇغان. ئىنسانلارنى ھىدايەتكە باشلاش، كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇققا قارىشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ كۈرەش ئۈچۈن:«ئەگەر خالىساق ھەر بىر شەھەرگە بىردىن پەيغەمبەر ئەۋەتەتتۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارىشى چوڭ كۈرەش قىلغىن» دەيدۇ (فۇرقان سۈرىسى، 52-ئايەت) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىنى يالغۇز ئۈستىگە ئېلىپ يەر شارى خاراكتېرلىك پەيغەمبەر سۈپتىدە دىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۇقۇمىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەككە شەھىرىدە پەيغەمبەرلىكنى ئېلان قىلىپ كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياۋى پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەنىڭ ئېسىل سۈپەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەشكەن. مەسىلەن، نۇھنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشى، ھۇدنىڭ جاسارىتى، سالىھنىڭ ئېغىر بېسىقلىقى، ئىبراھىمنىڭ ئىتائەتمەنلىكى، يۈسۈپنىڭ تەقۋالىقى، مۇسانىڭ باتۇرلۇقى، ئەييۇبنىڭ سەۋىرچانلىقى، داۋۇتنىڭ شىجائىتى، سۇلايماننىڭ زېرەكلىكى، يەھيانىڭ كەڭ-قورساقلىقى ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ تەمكىنلىكى مۇجەسسەملەشكەن.

بىلىم-مەرىپەت ۋە دەۋەت قىلىش دائىرىسى قانچە كەڭ بولسا مەسئۇلىيەتمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. چوڭ ئەجىر ئېلىش ئارزۇسى قانچە كۈچلۈك بولسا كۆپرەك كۈرەش قىلىش ۋە بەدەل تۆلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مەسئۇلىيىتىنىڭمۇ چوڭلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئايەتتىكى «كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن» دېگەن ئايەتتە ئەقىدىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە كاپىرلارنىڭ ئېتىقادلىرىغا ئىتائەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى كاپىرلارنىڭ ئېتىقادى قاراشلىرى ئۇلارنى كاپىرلىققا باشلاپ بارىدۇ.

(2)

چوڭ كۈرەش(جىھاد) تىن مەقسەت نېمە؟

«قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارىشى چوڭ كۈرەش(جىھاد) قىلغىن»دېگەن ئايەتتىكى خىتاب قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتلىرى ئارقىلىق ئېتىقاد ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ناھەقچلىككە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارىشى تۇرۇشتا رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۈممىتىگە قارىتىلغان خىتابتۇر.

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا نېمىتى، قۇرئان ئايەتلىرى ئارقىلىق ناھەقچىلىككە قارىشى تۇرۇش ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىن. قايسى بىر ئادەم قۇرئاننى تاشلاپ قويغان بولسا، قۇرئان بىلەن كۈرەش قىلىشنى تاشلاپ قويغان بولىدۇ. قۇرئاننىڭ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش قۇرئانغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق بولىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ دەۋەت يولىدا كەلگەن ئەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش زۆرۈر.

ئەڭ بۈيۈك كۈرەش قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىش، چۈشىنىش، ئەمەل قىلىش، يەتكۈزۈش، كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇش؛ ئەقىل، تۇيغۇ ۋە ئەزالارنىڭ ھەرىكەتلىرىدە ئۇنى ئاساس قىلىشتۇر.

ھاۋايى-ھەۋەسكە ۋەھىي بىلەن، نادانلىققا قۇرئاننىڭ كەڭرى بىلىم-مەرىپەت  نەزىرىيىسى بىلەن ۋە زۇلۇمغا قۇرئاننىڭ ئادالىتى بىلەن قارىشى تۇرۇش لازىم.

قۇرئان ئارقىلىق كۈرەش قىلىشتا ئەسلى قائىدە سىلىق ۋە گۈزەل شەكىلدە دەۋەت قىلىشتۇر. بىراق تەرسا ۋە توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن قاتتىق تۇرۇش ۋە مەيداننى ھەر قايسى تەرەپتىن ئايرىپ تۇرۇش لازىم.

قۇرئان بىلەن كۈرەش قىلىش دېگەن: قۇرئان ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈش؛ قۇرئاننىڭ ھۆججەتلىرى، ئەقىدىلىرى ۋە يوليورۇقلىرى ئارقىلىق پاكىت كەلتۈرۈش ئاساسىدا بولىدۇ. قۇرئاننى ئىزاھلاش، كۆرسەتمىلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش، مەقسەتلىرىنى نامايان قىلىش ۋە دۇنيا ئەھلىگە نەشىر قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى كۈرەش ئۇقۇمى دەۋەت ۋە پاكىت كۆرسىتىش ئاساسىدىكى كۈرەشتۇر. قىلىچ ئارقىلىق ئەمەس، تىل ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتۇر. دەۋەت قىلىش ۋە ۋەھىي ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىش قىلىچ ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتىن بۇرۇن بولىدۇ ۋە مۇھىمدۇر.

ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، باتىلغا قارىشى تۇرۇپ ھەقىقەتنى نامايان قىلىش دەۋەت قىلىش ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتۇر. دەۋەت قىلىش، پاكىت كۆرسىتىش ۋە بايان قىلىپ بېرىش كۆرۈشى مەنپەئەتى چوڭدۇر ۋە دۈشمەنلىرى كۆپ بولغانلىقتىن قىلىچ ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتىن مۇھىم. پاكىت ۋە  ھۆججەتنىڭ كۈچى بولمىسا، ئاللاھنىڭ يولىدىكى كۈرەش ھىدايەت ۋە ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت مەقسەتلىرىنى ئادا قىلالمايدۇ.

ئىسلامدىكى بۈيۈك كۈرەش ئىدىيە كۆرىشىدۇر. بىراق ئىسلامدىكى ئۇرۇش تاجاۋۇزچىلىققا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن بولىدىغان ئايرىم ھالەتتۇر:«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» (بەقەرە سۈرىسى، 190-ئايەت).

ئاللاھ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىپ:«كىم سىلەرگە چېقىلسا، سىلەرمۇ شۇنچىلىك مىقداردا چېقىلساڭلار بولىدۇ. ئاللاھدىن قورقۇڭلار» (بەقەرە سۈرىسى، 194-ئايەت) دەيدۇ.

پاكىت كۆرسىتىش ۋە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەش كاپىرلارغا قارىتىلغاندەك مۇناپىقلارغىمۇ قارىتىلىدۇ. ئۇلار تەرسالىق قىلىپ قالسا پاكىت تېخىمۇ كۈچلۈك كەلتۈرۈلگەن ھالدا كۈرەش داۋاملىشىدۇ:«ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا جانلىق ئۆتكۈدەك سۆز قىلغىن» (نىسا سۈرىسى، 63-ئايەت).

قۇرئاندىن پاكىت كەلتۈرۈش ئارقىلىق مۇناپىقلارغا قارىشى بولىدىغان كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇلارغا قارىشى كۈرەش قىلىش كاپىرلارغا قارىشى كۈرەش قىلغاندىن تەسرەك بولىدۇ. مۇناپىقلارغا قارىشى كۈرەش قىلىدىغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى ۋە ئالاھىدە شەخسلەردۇر. بۇ كۈرەشنى قىلىۋاتقانلار گەرچە سان جەھەتتە ئاز بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قەدرى قىممىتى يۇقىرى كىشىلەردۇر. مۇناپىقلارغا قارىشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش كاپىرلارغا قارىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتىن چوڭ:«ئي پەيغەمبەر! دۈشمەن كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارغا قارىشى كۈرەش قىلغىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن» (تەۋبە سۈرىسى، 73-ئايەت).

ئازغۇن ئېقىملار، دىنسىزلار، ئىلمانىيلار، ئازغۇن قاراشلار، ئېغىر بىدئەتلەر ۋە دەۋرىمىزدىكى بۇزۇق ئىدىيەلەرگە ۋە ئىدىيە ھۇجۇملىرىغا قارىشى كۈرەش قىلىش  قۇرئان ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەشتۇر. تەپەككۇر قىلغان ئادەم قۇرئان كەرىمدىن ئۇلارغا مۇناسىپ رەددىيەنى تاپالايدۇ.

ئازغۇن ئېقىم، خاتا ئىدىيە قانچە كۆپ تارالغان بولسا، ئالىملارنىڭ ئۇلارغا قارىشى كۈرەش قىلىشقا قارىتا ئېھتىياجى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇزۇق ئىدىيە ۋە ئىدىيە ھۇجۇملىرىغا قۇرئاننىڭ پرىنسىپال ئاساسلىرى ۋە ئۆزگەرمەس نىشانلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كۈچنىڭ يېتىشىچە تاقابىل تۇرۇش لازىم.

مەزكۇر ئايەتتە پاكىت كۆرسىتىش، دەۋەت قىلىش، ئىلمىي كۈرەش قىلىش بىر قانچە ئېتىبارلار سەۋەبىدىن «چوڭ كۈرەش» دەپ ئاتالغان:

1.دەۋەت كۆرۈشى ئىخلاس ۋە توغرا بولۇش شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. چۈنكى ئىخلاس بولمىغان دەۋەت قوبۇل قىلىنمايدۇ، توغرا بولمىسا ئۈنۈمسىز بولىدۇ. قۇرئان ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەش قەلب، تىل ۋە قولى ئارقىلىق بولمىسا ئۈنۈم بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ:« كىم ئۇلار بىلەن تىلى ئارقىلىق كۈرەش قىلسا ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق كۈرەش قىلسا ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق كۈرەش قىلسا ئۇ مۆمىندۇر. كىم ئۇنىڭ ھىچبىرىنى قىلمىسا ئۇ ئادەمدە قىلچىلىك ئىمان بولمايدۇ» دېگەن (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  1. ئالىملارنىڭ قۇرئان ئارقىلىق قىلىدىغان كۆرۈشى ئومۇمىي بولغاندا ئاندىن چوڭ كۈرەش سانىلىدۇ. قاتتىقلىق تەلەپ قىلىنىدىغان ئورۇندا قاتتىق تۇرۇش لازىم، خۇسۇمەتچىلەرگە رەددىيە بېرىش تەقەززا قىلىنغاندا رەددىيە جانلىق ۋە كەسكىن بولۇشى لازىم. قۇرئان ئارقىلىق كۈرەش قىلغان ئالىملار دىن دۈشمەنلىرىگە قارىشى ئەڭ چوڭ كۈرەش قىلىۋاتقان ئالىملاردۇر.

3.ئالىملارنىڭ كۆرۈشى قانچىلىك تەسىر پەيدا قىلالىسا مىقدارى شۇنچە چوڭ كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. ئالىملار تەۋھىدنى ئىسپاتلاشتا پاكىت تۇرغۇزۇش، دىنسىزلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ شەك گۇمانلىرىغا رەددىيە بېرىش، ھەقىقەتنى قوللاش، دىننى بۇرمىلايدىغان تۈرلۈك بىدئەتچىلەرنىڭ خاتا ئىدىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ناھەق مەيداندىكىلەرگە قارىشى تۇرۇش ئارقىلىق كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ.

قۇرئانغا ياردەم بېرىدىغان ۋە قۇرئان ئارقىلىق كۈرەش قىلىدىغان بىر بۆلەك ھەققانىي كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوغداشتا بىلىم-مەرىپەت ۋە ئەمەل قىلىش جەھەتتىن ھەر زامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئاللاھ كېپىل بولغان.

 

(3)

چوڭ كۈرەش (جىھاد)  ھايات كۆرىشىدۇر

قۇرئان كەرىمدە» بۈيۈك كۈرەش(جىھاد) «دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ كۈرەش ھايات كۆرىشىدىن ئىبارەت. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇش، ئادالەتنى بەربا قىلىش، تەقۋالىق باسقۇچىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە باشقىلار بىلەن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالاقە ئورنىتىشتىن ئىبارەت ھايات مەيدانلىرىدىكى كۈرەشتۇر.

قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بۇ سۆز  پەقەتلا جەڭ مەيدانىدىكى كۈرەشنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى دۇنيا ياكى ئاخىرەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەنەستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:«مۇشرىكلار بىلەن مال-مۈلۈكىڭلار، جانلىرىڭلار ۋە تىلىڭلار بىلەن كۈرەش قىلىڭلار»دەپ كەلگەن. تىل بىلەن كۈرەش قىلىش دەۋەت قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، بايان قىلىش ۋە پاكىت تۇرغۇزۇش ئارقىلىق بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم:«ئى پەيغەمبەر! كاپىرلار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن» دەيدۇ (تەھرىم سۈرىسى،9-ئايەت). مۇناپىقلار بىلەن بولىدىغان كۈرەش پاكىت كۆرسىتىش، قانائەتلەندۈرۈش ياكى سەزگۈر تۇرۇش ۋە ھەزەر قىلىش ياكى پىلانلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ئارقىلىق بولىدۇ.

ئۇنداقتا كۈرەش قىلىش جان، قول، تىل، قەلب ۋە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. مۇسۇلمانچە ياشاش، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ھايات كۆرشىدۇر. ھاياتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئەقىل، قەلب ۋە بەدەننى ئىسلاھ قىلىش، مائارىپ ۋە ساغلاملىقنى ياخشىلاش، تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەنلەر تەتقىقاتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشتۇر.

«جھد» دېگەن سۆزنىڭ تىلدىكى مەنىسى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىش دېگەن بولىدۇ. قايسى بىر كىشى دىنىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى دۇنيالىق جەھەتتىن بولسۇن گۇناھ بولمىغان ياكى باشقىلارغا زىيان سالمىغان ئاساستا ئومۇمىي مەنپەئەت ياكى خۇسۇسىي مەنپەئەت ئىشلىرىدا كۈچ چىقارغان بولسا ئۇ كىشىمۇ مۇشۇ ئۇقۇمدىن تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.

كىشىلەرنىڭ ھاياتى، جەمئىيىتى ۋە تۇرمۇشلىرىدا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىش، مائارىپ ئىشلىرىدا ئۈنۈم قازىنىش ۋە ئىجادىيەت يارىتىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھايات كۆرىشىدىكى مەغلۇبىيەت مۇسۇلمانلارنى بۈگۈنكىدەك بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋە ئارقىدا قېلىپ قېلىشقا سەۋەب بولغان.

 

(4)

كۈرەش (جىھاد) نىڭ تۈرلىرى

كۈرەشنىڭ تۈرلىرى بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

1.نەپسى ۋە ھاۋايى ھەۋەس بىلەن كۈرەش قىلىش: نەپسى ۋە ھاۋايى ھەۋەس بىلەن كۈرەش قىلىش ئاساسلىق كۈرەش:«بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا يېتەكلەيمىز»(ئەنكەبۇت سۈرىسى،69-ئايەت).نەپسى ئالدىدا مەغلۇب بولغان ئادەم دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ.

2.دەۋەت قىلىش كۆرىشى: ئالىملارنىڭ كۈچى، تىلى، قەلىمى، ئەخلاقى ۋە ئىش- ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بولىدۇ.

3.قۇرۇپ چىقىش كۆرىشى: ئۈممەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇش كۆرىشىدۇر.

ھاياتلىقتا ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىم. ئەگەر ھاياتلىقتا ئىز قالدۇرالمىسىڭىز سىز ھاياتلىقتىكى ئارتۇق بىر ئادەم بولۇپ قالىسىز. يەنى ئۈنۈم قازانغان دەۋەتچى، مۇئەللىم، دوختۇر، ئىنژېنېر، يازغۇچى، ھۈنەرۋەن  ۋە تېخنىكىچى …لار ئۈممەت قۇرۇلمىسىغا ھەسسە قوشقۇچىلاردۇر.

  1. ئۇرۇش ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەش: نەپسى جەھەتتىن بولىدىغان كۈرەش، دەۋەت كۆرىشى ۋە ئۈممەتنىڭ قۇرۇلما كۆرىشىدە ئۈنۈم قازانساق ئۇرۇش ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەش باسقۇچى يېتىپ كېلىدۇ.

كۈرەشنىڭ ئۇرۇشتىن باشقىمۇ مەنىلىرى بار:

ئاللاھ قۇرئاندا:«كاپىرلار ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا قارىشى قۇرئان ئارقىلىق كۈرەش قىلغىن»دەيدۇ(فۇرقان سۈرىسى، 52- ئايەت).

ئىبنى ئابباس مەزكۇر ئايەتتىكى بۈيۈك كۈرەش دېگەن سۆزنى ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى دەۋەت قىلىش، پاكىت ئارقىلىق بايان قىلىش كۆرشىدۇر دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، دەۋەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش كۈرەشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

قۇرئان ئارقىلىق بولىدىغان كۈرەش«ئىلمىي نەزەرىيە كۆرىشى، ئەمەلىي تەتبىقلاش كۆرىشى»دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك كۈرەش بىرىنچى تۈرلۈك كۈرەشنىڭ مېۋىسى سانىلىدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پاكىت ئارقىلىق كۈرەش قىلىش مەيدانلىرى كۈچ ئارقىلىق بولىدىغان مەيدانلاردىن قېيىن بولىدۇ. ئەقىلنى بويسۇندۇرماق بەدەنلەرنى بويسۇندۇرماقتىن قېيىندۇر.

 

ئابدۇراھمان جامال ئەزھەرىي

2015.3.15 كۈنى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى