2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئەركىنلىك پەرز

 ئەركىنلىك پەرز

ئىسلام ئىنساننىڭ ھوقۇقىنى مۇقەددەس بىلىپ، ھوقۇق دەرىجىسىدىن زۆرۈرىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى پەرز ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزدى. مەسىلەن، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، خاتىرجەملىك، ئىدىيە، ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، بىلىم مەرىپەت ئېلىش، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا قاتنىشىش ۋە مەسئۇللاردىن ھېساب ئېلىش… ئىسلام نەزىرىدە ئىنسان ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەتتىن ئىبارەت، بەلكى بولىشى پەرز ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار بولمىسا ئىنسان  نورمال ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىشلارنى قوغداش پەقەتلا ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، بولمىسا بولمايدىغان ۋاجىپ ئىشلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. نورمال ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرگە تاجاۋۇز قىلىش ئېغىر جىنايەت ۋە گۇناھ سانىلىدۇ.

دىننىڭ توغرا يۆنىلىشتە مېڭىشى دۇنيا ئىشلىرىنىڭ توغرا بولىشىغا باغلىق. دۇنيا ئىشلىرى ئىسلاھ بولماي يەنى ئىنسان ئىسلامدا زۆرۈرىيەت دەپ قارالغان نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن بولالماي تۇرۇپ دىن ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

(1)

ئەركىنلىك زۆرۈرىيەتلىرى

ئىسلام نەزىرىدە ئىنسان ئەركىنلىكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىيەتلەرنىڭ قاتارىدىن. ئەركىنلىك ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ھاياتنىڭ مەنىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، ئەركىنلىك ھەقىقى ھاياتلىقنىڭ ئىپادىسى.

قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى بىر قانچە غايىلەردە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز:

1.ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلاردىن چەكلەش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش،

  1. ئىنساننىڭ نەرسە-كېرەكلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ھالال ۋە ھارام ئاساسىدا ئىنتىزامغا سېلىش،

3.ئىنساننى تۈرلۈك ئىشكەل ۋە زەنجىرلەردىن ئازات قىلىشتۇر.

ئىسلام دىنى ئىنسان ئەركىنلىكىنى مۇقەددەس بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىشنى ئىنسان ئەقلىگە تاپشۇردى، شۇڭا ئىمان يولىنى ماددى مۆجىزىلەر يولىدىن ئازات قىلدى:«ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە(يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟»(ھۇد سۈرىسى، 28- ئايەت).

«ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟» (يۈنۈس سۈرىسى، 99- ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىش ئىنسانغا ئارتىلغان پەرزدۇر، چۈنكى ئەقىل دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئاچقۇچى. دېمەك، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش، چۈشىنىش پەرزلىرىنى ئىجرا قىلىش مۇسۇلمان ئىنسانغا مۇناسىپ ئىنسانىي خۇسۇسىيەتتۇر.

مانا بۇ ئىسلامدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئورنى، ئەركىنلىك ئىنسانىي زۆرۈرىيەت ۋە ئىلاھىي پەرزدۇر. ئەركىنلىك بولمىسا ئىنسان ئىنساندەك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى ئىنسان ھوقۇقىنى رېئاللىققا ئاشۇرىدىغان«دىن، جان، ئەقىل، ئابروي ۋە مال-مۈلۈك»نى ھېمايە قىلىشنى ئىلاھى پەرز ۋە شەرئى مەسئۇلىيەت قىلىپ بەلگىلىدى. بۇ پەرزلەردىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، غەرب مەدەنىيىتىدە «ھايات»نى قوغداش ئىنسان ھوقۇقىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، جان ئىگىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كەچسە بولىدۇ، شۇڭا غەرب مەدەنىيىتىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئادەم جىنايەتچى دەپ قارالمايدۇ.

ئىسلام دىنى بولسا ھاياتنى قوغداشنى ئىلاھى پەرز ۋە شەرئى ۋاجىپ ئىش دەپ قارايدۇ، جان ئىگىسىنىڭ جان مەسىلىسىدە سۇسلۇق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، جاننى قوغداش پەرز ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك، ئەركىنلىك ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئىلاھى پەرز ۋە شەرئى مەجبۇرىيەت دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى ئۇ «ھايات»لىق بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئىسلامدا خاتا ئادەم ئۆلتۈرۈپ سالغان كىشى بىر جاننى ھاياتتىن مەھرۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، كاپپارەت سۈپتىدە قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىشى لازىم. چۈنكى قۇللۇق ئۆلۈم، ئەركىنلىك ھاياتلىقتىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى ئەركىنلىكنى ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلىپ بەلگىلىدى.

 قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئەركىنلىك ئۈستىدە تەربىيىلىدى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە زۇلۇمغا بويسۇنمايدىغان ۋە مۇستەبىتلەرگە پسەنت قىلمايدىغان ئەركىن ھۆر بولۇش ئارزۇسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئەركىنلىكنى ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئەقلىنى قۇرۇپ چىقىشتا مۇقىم مېتود قىلىپ بەلگىلىۋەتتى.

(2)

ئەركىنلىك ئىسلامنىڭ جەۋھىرى

     ئىسلامنىڭ جەۋھىرى ئىنساننى تىرىلدۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى زالىملارنىڭ مۇستەبىتلىكىدىن ئازات قىلىدۇ:«ئى مۆمىنلەر!ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان)ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار» (ئەنفال سۈرىسى، 24- ئايەت).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى ئىنساننىڭ ئازات قىلىش ئىدى: «ئۇلار ئەلچىگە -ئۈممى پەيغەمبەرگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلگىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ(سۈپىتىنىڭ)يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق, كويزا-كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر(يەنى قۇرئان )غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»( ئەئراف سۈرىسى،157-ئايەت). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى  ئىنساننى ئازات قىلىشتۇر.

دېمەك،ئىسلامنىڭ بارلىق تەلىماتلىرى ئەركىنلىكنى تىرىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىسلام مۆمىنلەردىن ماددى، قانۇنى ۋە ئەخلاقى تاقاق, كويزا-كىشەنلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ. مۆمىنلەردە ياخشى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئاللاھغا يالغۇز ئىبادەت قىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەركىنلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى سانىلىدۇ

ئىسلام دىنى ئىنساننى ئىنسانغا ئىبادەت قىلىشتىن ئازات قىلىش دىنىدۇر، ئەركىنلىك ۋە ئازات قىلىش ئىسلامنىڭ جەۋھىرىدۇر. ئىسلام مۇستەبىتلىك پەيدا قىلىپ چىققان ئىشكەللەرنى ۋە باتىل ئېقىملەرنىڭ كىشەنلىرىنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر. ئىسلام ئىنسان ئەقلىنىڭ ئالدىدا تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش ئەركىنلىك ئىشىكلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر.

ئىنسانىيەتنىڭ ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىدا ئىمان يولى ئەقىلنى ھەيرانغا سالىدىغان ماددى مۆجىزىلەر بىلەن بولاتتى، ئىنسانىيەت ئەقلى پىشىپ يېتىلگەندە ئىمان يولى قانۇنىيەت ۋە ئايەتلەر ھەققىدە نەزەر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش بىلەن بولىدىغان بولدى. قۇرئان كەرىم تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇشقا قىزىقتۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام پەيلاسوپلىرى: ئىنسانغا ۋاجىپ ۋە زۆرۈر بولغان بىرىنچى ئىش تەپەككۇر قىلىش دەپ بېكىتكەن. چۈنكى ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ئىماننىڭ يولىدۇر.

مانا بۇ ئەركىنلىكنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى.ئەركىنلىك ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ھەزارەت تارىخىدىكى بىرىنچى تەتقىقات تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامدىكى ئەركىنلىك مەسئۇلىيەتكە باغلانغان. ئىسلامدىكى ئەركىنلىك ئىنسانىي زۆرۈرىيەتنىڭ قاتارىدىكى بىر زۆرۈرىيەت، ئىلاھى پەرز ۋە شەرئى ۋاجىبتۇر.

ئىسلامدىكى ئەركىنلىك ئىنساننىڭ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىلىدۇ. ئىسلامنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى ۋىجدان ئەركىنلىكىنى مۇقەررەر- لەشتۈرگەنلىكى ھەر قايسى مەيداندىكى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى مۇقەددەس بىلگەنلىكىگە پاكىتتۇر. ئىنسان باشقىلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا تاجاۋۇز قىلمىغان ئاساستا كاپىر بولىمەن دېسە ئىختىيارى:«دىندا زورلاشقا بولمايدۇ»(بەقەر سۈرىسى، 256- ئايەت). ئاللاھ كىشىلەرگە ھىدايەت ۋە ئىماننى ئىرادە قىلغان.  شۇنداقتىمۇ ئىنسانلارغا ئەركىنلىك ۋە تاللاش ھوقۇقىنى تولۇق بەرگەن. بۇ ئارقىلىق ئىسلام بارلىق مەيدانلاردا ئىنسان ئەركىنلىكىگە يان باسقان…ئىسلام دىنى ئەركىنلىكىنى ئەڭ يۇقىرى شەكىلدە ۋۇجۇتقا چىقىرىپ بەرگەن.

 ئىسلام دىنى ھاۋايى-ھەۋەس ۋە كۆڭۈلنىڭ يولسىز تەلەپلىرى ۋەيران قىلىۋەتكەن، خىيال ۋە خۇراپات يۈگەنلىۋالغان خار ئىنسانلارنى خالىمايدۇ ۋە ياقتۇرمايدۇ.

ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشنىڭ سەۋەبى ئەركىنلىك دائىرىسىنىڭ سىقىلغانلىقى ۋە دىننىڭ مەقسەتلىرىنىڭ ھەممە ساھەلەردە ئاكتىپ ھالدا رېئايە قىلىنمىغانلىقى سەۋەبتۇر. دېمەك، مۇسۇلمانلاردىكى مەدەنىيەت ئويغىنىشى ئەركىنلىككە باغلىق.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي