2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«ئىسلام دىنىي مىراس مەسىلىسىدە ئاياللارغا زۇلۇم قىلغان»دېگەن گۇمانىي

 

 

«ئىسلام دىنىي مىراس مەسىلىسىدە ئاياللارغا زۇلۇم قىلغان»

دېگەن گۇمانىي كۆز-قاراشقا قانداق رەددىيە بېرىمىز؟

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

بەزىلەر»ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسىنى ئەركىشىنىڭ ئالىدىغان ھەسسىدىن ئاز بەلگىلەپ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغان» دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قىلىشىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار بارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئاشۇنداق گۇمانىي شۆبھىلەرنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ مۇتلەق ئادىللىقى، ۋە شەرىئىتىدە ھىچ بىر ئىنسانغا زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ مۇستەھكەم سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرىمىز.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:

«پەرۋەردىگارىڭ ھىچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ»(كەھف سۈرىسى،49-ئايەت).

«ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»(نىسا سۈرىسى، 49-ئايەت)

«ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر».(ئال ئىمران، 182-ئايەت)

«ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى».(ئەنكەبۇت سۈرىسى،40-ئايەت)

«ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ».(نىسا سۈرىسى،40-ئايەت)

«ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ».( نىسا سۈرىسى،124-ئايەت)

«ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق».(تەۋبە سۈرىسى، 70-ئايەت).

ھەقىقەتەن مىراس مەسىلىلىرىدىكى پەرقلىنىش ئىسلام فىقھىسىدىكى مىراس مەسىلىلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ، مىراسلاردىكى ھەسسىلەر مىراسخورلارنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىغا قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ، بىراق تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەمگە ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ:

بىرىنچى ئۆلچەم:ئۆلگۈچى بىلەن مىراسخورنىڭ ئارىلىقىدىكى تۇغقانلىق دەرىجىسىدۇر. مىراسخورنىڭ ئەر ۋە ياكى ئايال بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن بولغان تۇغقانلىق دەرىجىسىگە قارىلىدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ تۇغقانلىقى قانچە يېقىن بولسا مىراستىكى ھەسسىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ۋە ئۇ تۇغقانلىق قانچە يىراقلاشسا مىراسىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ.

مەسىلەن ئۆلگۈچى ئايالنىڭ بىر قىزى ۋە ئېرىلا بولغان بولسا قىزى (قىز بولىشىغا قارىماي) مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ, ئەمما ئۇ قىزنىڭ دادىسى (ئەر بولىشىغا قارىماي) مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ، بۇنداق بولىشى قىزنىڭ ئانىسىغا بولغان تۇغقانلىقى ئەرنىڭ ئايالىغا بولغان تۇغقانلىقىدىن يېقىن بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر.

ئىككىنچى ئۆلچەم: مىراسخورلارنىڭ ھاياتتىكى ئورنىدۇر.ئادەتتە ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھاياتقا يۈزلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مىراستىكى ھەسسىسى، ئۇ ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقىنى باشقىلارغا تاشلاپ ھايات بىلەن ۋىدالىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەسسىدىن كۆپ بولىدۇ, شۇڭا مىراسخولارنىڭ ئەر ياكى ئايال بۇلىشىغا قارالمايدۇ.

مەسىلەن ئۆلگۈچى ئادەمنىڭ قىزى ئۇ ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسىدىن (ھەر ئىككىلىسى ئايال تۇرۇپ) كۆپرەك مىراس ئالىدۇ.

ۋە يەنە ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى، بىر قىزى ۋە بىر ئوغلى بولغان بولسا، قىزى چوڭ دادىسىدىن كۆپرەك مىراس ئالىدۇ.

 ئۈچىنچى ئۆلچەم: ئىقتسادىي مەسئۇليەت ئۆلچىمىدۇر. مانا بۇ ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مىراس ئېگىز-پەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىن بىر ئۆلچەم،لېكىن بۇ ئېگىز-پەسلىك ئايالغا زۇلۇم قىلىش ياكى ئۇنى كەمسىتىشكە ئېلىپ بارمايدۇ, بەلكى ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە.

مىراسخورلار ئارىسىدا ئىلگىرىكى ئىككى ئۆلچەمدە يەنى(تۇغقانلىق دەرىجىسى ۋە مىراسخور كىشىلەرنىڭ ھاياتتىكى ئورنى)دا ئوخشاشلىق تېپىلىپ قالسا، مەسىلەن ئۆلگۈچىنىڭ قىزلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولغىنىدەك، ئىقتسادىي مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچىنچى ئۆلچەم مىراستىكى ھەسسىلەرنىڭ ئېگىز-پەس بولىشىدا چوڭ رول ئوينايدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىم ئەر-ئايالنىڭ مىراسىدىكى ئوخشاشماسلىقنى پۈتۈن مىراسخورلارغا ئومۇملاشتۈرۋەتمەستىن مۇشۇ بىر ھالەتكىلا قاراتقان.

بىراۋنىڭ قىزى بىلەن ئوغلىنىڭ مىراس ئالغاندا نېسىۋىدە ئوخشاشماسلىقنىڭ ھېكمىتى شۇكى: شەرىئەت ئۇ ئوغۇلنى ئايالىغا ۋە ئەۋلادلىرىغا نەپىقە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ, ئەمما ئۇ قىزدىن ئېرىگە ۋە بالىلىرىغا نەپىقە بېرىشنى پەرز قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن ۋە بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۇنىڭ ئېرىگە پەرز قىلىدۇ.

ئۇ قىز ئۆزىدىن بىر ھەسسە كۆپ مىراس ئالىدىغان قېرىندىشىغا قارىغاندا مىراسىي ئاز كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ يەنىلا مىراستا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ۋە كۆپ ھەسسىگە ئېرىشىدۇ، ئۇنداق بۇلىشى ئۇ قىزنىڭ مىراسىي ئەرگە ۋاجىپ قىلىنغان نەپىقىنى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىرگە ھەرخىل ئەھۋاللارغا ۋە خېيىم-خەتەرلەرگە قارشى ئۇ قىزنىڭ ھاياتىنى خاتىرجەم قىلىش ۋە ئاجىزلىقىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ساقلاپ قىلىنغان ئىقتىسادىي ئامانەتتىن ئىبارەت، مانا بۇ كۆپىنچە كىشلەر بىلمەي قالىدىغان ئىلاھىي ھىكمەت.

 

تۆۋەندە ئەر كىشىگە يۈكلەنگەن ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتتىن بىر قانچىنى  قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمىز:

1-ئەركىشى ئائىلە تۇرمۇشىنى باشلاش ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بىلەن باغلانغاندىن تارتىپلا تويلۇقتىن ئىبارەت ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ئىقتىسادىي مەجبۇرىيىتى بار، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بېرىڭلار»(نىسا سۈرىسى، 4-ئايەت)

تويلۇق بولسا ئائىلە تۇرمۇشى باشلىنىشنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدىن بۇلۇپ, ئەر كىشى ئايالىغا تەقدىم قىلىشى ۋاجىپ بولغان ھەدىيەدىن ئىبارەت، ئايالنىڭ ئەر بىلەن تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇردىغانلا مەقسىتى بولغان ئىكەن ئەرنىڭ ئۇ ئايالدىن تويلۇقنى ئېلىۋېلىش ھەققى يوق، دېمەك بۇنىڭدىن ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىگە قارىغاندا ئالاھىدە ئىقتىسادىي ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز.

2-گەرچە ئايال كۆپ پۇلدار بولغان بولسىمۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئەرنىڭ ئۇ ئايالغا نەپىقە قىلىشى ۋاجىپ، ئۇ ئايالدىن مېنى باق، دەپ تەلەپ قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئۆزۈڭنى-ئۆزەڭ باق دېيىش ھەققى يوق. چۈنكى ئىسلام دىنى ئاياللارغا ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىپ ئۇلارنىڭ مېلىنى ساقلاپ ئۇلارنىڭ مېلىغا ھېچقانداق ئىقتسادىي مەجبۇرىيەتنى ۋاجىپ قىلمىغان.

3-ئەركىشى يەنە بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇلغان، دېمەك ئەر كىشى ئۆلگۈچىنىڭ يۈرەك پارىسى، ھاياتتىكى ئۈمىدى ۋە قىيىنچىلىقلاردا يۆلىنىدىغان يۆلەنچۈكلىرىدىن بىر يۆلەنچۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ئائىلە مەسئۇلىيەتلىرى ۋە پۈتۈن ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەيدۇ.

مانا بۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىزنى بايلىققا ئەتراپلىق نەزەر سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى بايلىق ياكى ئېگىدارچىلىقنىڭ ئۇقۇمى كىرىمنىڭ ئۇقۇمىدىن ئومۇمىيراق، چۈنكى كىرىم دېگەن ئەسلى بايلىققا قوشۇلىدىغان مال، بايلىق بولسا بارلىق چىقىملار ۋە كىرىملەردىن قالغان ساپ مال.(مەقسەت ئەركىشىنىڭ كىرىمى ئايالنىڭكىدىن كۆپ بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ شەرىئەت ۋاجىپ قىلغان نۇرغۇن نەپىقىلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن قولىدا قالىدىغىنى ئاز، ئەمما ئايال كىشىنىڭ كىرىمى ئازدەك كۆرۈنسىمۇ ئۇ كىرىم بارلىق نەپىقىلەر كەچۈرۈم قىلىنغان ساپ مالدىن ئىبارەت).

مۇشۇ سەۋەبنى نەزەردە تۇتۇپ ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ئايالغا ئەركىشىنىڭ كىرىمىدىكى ھەسسىنىڭ يېرىمىنى بەرگەنلىكى ۋە بۇ كىرىمنى زاكاتتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدىن باشقا بارلىق چىقىملاردىن ساقلاشقا كېپىللىك قىلغانلىقىنى بايقايمىز، ئەمما ئاللاھ تائالا ئەر كىشىگە ئايالنىڭ ھەسسىدىن ئارتۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئايالىغا، بالىلىرىغا، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىغا، باشقا تۇغقانلىرىغا ۋە خىزمەتچىلىرىگە نەپىقە قىلىشقا، ئۇلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىشكە بۇيرىغان. مانا بىز بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالا ئايال كىشىنى بايلىقتا ئەر كىشىدىن ئۈستۈن قىلىپ ئۇنىڭ مېلىنى بارلىق چىقىملاردىن ساقلاشقا كېپىللىك قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا بىر قىز-ئوغۇل تۇغقانلارنىڭ مىراس مەسلىسىدەك ئىقتسادىي مەسئۇلىيەتتىن خالىي بولغان مەسىلىدە ھېكمەتلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئەر بىلەن ئايالنى مىراستا باراۋەر قىلغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا- ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بۇلۇپ،,ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ))(نىسا سۈرىسى، 12-ئايەت).

ئاللاھ تائالا بۇ مەسىلىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى مىراستا باراۋەر قىلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ مىراس ئېلىش سەۋەبى بىر ئانىدىن بولغانلىقى. ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ (ئەسەبە) يەنى(مىراس ئىلمىدە «ئەسەبە»دېگەن: شەرىئەت مۇئەييەن ھەسسە بەلگىلەپ بېرىلمىگەن، ئەمما ھەسسە ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ئۈلۈشىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مىراستىن ئېشىپ قالغىنىنى ئالىدىغان، بولمىسا قۇرۇققول قالىدىغان، ئەگەر مىراستا ئۆزى يالغۇز بولسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسىدەك، ئوغلى ياكى نەۋرىسىدەك، تاغىسى ياكى بىر تۇغقانلىرىدەك يامان ۋاقىتلاردا ئەتراپىدا يار-يۆلەك بۇلۇپ تۇرىدىغان ئەر تۇغقانلىرىدۇر) دەرىجىلىك تۇغقىنى ئەمەس، ئۇنداق بولغان ئىكەن بۇ يەردە ئەركىشىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان ئىقتسادىي مەسئولىيەت ۋە ياكى ئېغىر ۋەزىپىمۇ يوق.

مىراس مەسىلىلىرى ۋە ھالەتلىرىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق بەزى تەتقىقاتچى ئالىملار نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقەتلەرنى ئاشكارا قىلدى، ئۇ ھەقىقەتلەر تۆۋەندىكىچە:

 

1-مىراس ئەھۋاللىرىدىن پەقەت تۆت ئەھۋالدىلا ئايال كىشى ئەر كىشى ئالىدىغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلىقى.

2-يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئەھۋالدا ئايال كىشى ئەركىشى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدىغانلىقى.

3- نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئايال كىشى ئەر كىشىدىن كۆپ مىراس ئالىدىغانلىقى.

4- يەنە ناھايىتى نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئايال كىشى مىراس ئېلىپ ئەركىشى ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا بولغان بولسا مىراسسىز قالىدىغانلىقى.

بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

 

بىرىنچى: ئايال كىشى ئەر كىشى ئالىدىغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغان ئەھۋاللار:

 

1-ئۆلگۈچىنىڭ بىر قىزى ۋە بىرنەچچە ئوغۇللىرى بولغاندا ئۇ قىز ھەر بىر قېرىندىشى ئالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

ۋە يەنە ئوغۇلنىڭ قىزى ئوغۇلنىڭ ئوغلى ئالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

2- ئۆلگۈچىنىڭ پەقەت دادىسى ۋە ئانىسىلا بۇلۇپ بالىلىرى ۋە ياكى ئايالى بولمىسا، ياكى ئۆلگۈچى ئايال بۇلۇپ دادىسى ۋە ئانىسىدىن باشقا بالىلىرى ۋەياكى ئېرى بولمىسا،  دادىسى ئۈچتىن ئىككى ھەسسىنى ۋە ئانىسى ئۈچتىن بىر ھەسسىنى ئالىدۇ.

3- ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانا بىر بىر ھەمشىرىسى ۋە بىر قانچە قېرىنداشلىرى بولسا ھەمشىرىسى ھەر بىر قېرىندىشى ئالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

4- ئۆلگۈچىنىڭ دادا بىر بىر ھەمشىرىسى ۋە بىرقانچە قېرىنداشلىرى بولسا، بو ئەھۋالدىمۇ ھەمشىرىسى ھەر بىر قېرىندىشى ئالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

 

ئىككىنچى: ئايال كىشى ئەركىشى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدىغان ئەھۋاللار:

 

1- ئۆلگۈچىنىڭ بالىلىرى بولغان ھالەتتە ئانىسى دادىسى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ.

2- ئانا بىر ھەمشىرىسى ئۆزىنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ.

3- ئاتا-ئانا بىر ھەمشىرىلەر ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ.

4- ئۆلگۈچىنىڭ قىزى تاغىسى (يەنى دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى) بىلەن ياكى دادىسىنىڭ (ئەسەبە) ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ. يەنى ئۇلارنى مىراستىن مەھرۇم قىلىدىغان توسالغۇ بولمىغان ئەھۋالدا مىراسنى ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئالىدۇ.

5-ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە ئوغلىنىڭ ئوغلى بولسا، ئانىسى دادىسى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ، يەنى ھەربىرى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىر ھەسسىدىن ئالىدۇ.

6-  ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئېرى، ئانىسى، ئانا بىر ئىككى ھەمشىرىسى ۋە ئاتا- ئانا بىر بىر قېرىندىشى بولغان بولسا، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ئانا بىر ھەمشىرىسى ئاتا-ئانا بىر قېرىندىشى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ، يەنى ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئورتاق ئۈلۈشىدۇ.

7-ئۆلگۈچىنىڭ بىرلا ئوغلى ياكى بىرلا قىزى بولغان بولسا،ئوغلى (ئەسەبە) تۇغقىنى بولغانلىقتىن مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ، ۋە قىزىمۇ ھەم مىراسنىڭ يېرىمىنى بەلگىلەنگەن ھەسسىسىگە ئاساسەن، ئاندىن قالغان يېرىمىنى «رەد»(رەد نىزامى) دېگەن: بىر مەسىلىدە ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسىدەك، ئوغلى ياكى نەۋرىسىدەك، تاغىسى ياكى بىر تۇغقانلىرىدەك ئەر تۇغقانلىرى بولمىغان بۇلۇپ، بار مىراسخورلار بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى يەنە ئۇلارغا ھەربىرىنىڭ ھەسسىسنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ ئۈلەشتۈرۈش دېمەكتۇر) نىزامىغا ئاساسەن ئالىدۇ، دېمەك مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ يالغوز دادىسىلا ياكى يالغوز ئانىسىلا بولغان بولسا، دادىسى(ئەسەبە) يەنى ئەر تۇغقىنى بولغانلىقتىن مىراسنىڭ ھەممىنى ئالاتتى، ئانىسىمۇ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بەلگىلەنگەن ھەسسىسىگە ئاساسەن ۋە قالغىنى (رەد) نىزامىغا ئاساسەن ئالىدۇ.

8- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ھەمشىرىسى ۋە ئېرى بولغان بولسا، ھەمشىرىسى خۇددى ئەر كىشىدەكلا ئېرى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ، يەنى ھەمشىرىسىنىڭ ئورنىدا قېرىندىشى بولغان بولسا مەسىلەن: ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئېرى ۋە قېرىندىشى بولغان ھالەتتە ئېرى مىراسنىڭ يېرىمىنى، قېرىندىشى قالغان يېرىمىنى ئالغان بولاتتى.

9-ئانا بىر ھەمشىرە، ئاتا-ئانا بىر قېرىندىشى بىلەن ئوخشاش مىراس ئالىدۇ، مەسىلەن ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئېرى، ئانىسى، ئانا بىر ھەمشىرىسى ۋە بىرلا ئاتا-ئانا بىر قېرىندىشى بولغان بولسا، ئېرى مىراسنىڭ يېرىمىنى ۋە ئانىسى ئالتىدىن بىر ھەسسىنى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى ئالتىدىن بىرنى ئالىدۇ، ئەمما قالغان ئالتىدىن بىرى (ئەسەبە) بولغانلىقتىن ئاتا-ئانا بىر قېرىندىشىغا قالىدۇ.

10-  بەزى ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدا بىر مەسىلىدە ھەسسە ئىگىلىرىمۇ بولمىسا ۋە ھەم (ئەسەبە)لەرمۇ بولمىسا «زەۋىل ئەرھام« (زەۋىل ئەرھام) دېگەن: ئاللاھ مىراستا مۇئەييەن ھەسسە بەلگىلەپ بەرمىگەن ۋە ھەم (ئەسەبە)مۇ ئەمەس تۇغقانلار) دەرىجىسىدىكى تۇغقانلار مىراس ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىراس ئورتاق تارقىتىلىدۇ، مەسىلەن ئۆلگۈچىنىڭ قىزىنىڭ قىزى، قىزىنىڭ ئوغلى، ئانىسىنىڭ ئاكىسى ۋە دادىسىنىڭ ھەمشىرىسى بولسا، بولار مىراسنى ئورتاق ئۈلۈشىدۇ.

11- ئالتە مىراسخور بار، ئۇلار مەڭگۈ مىراستىن مەھرۇم بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈچى ئايال، ئۈچى ئەر، ئەرلەر: ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئېرى، ئوغلى ۋە دادىسى، ئەمما ئۈچ ئايال: ئۆلگۈچى ئەرنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ئانىسىدۇر.

 

ئۈچىنچى: ئايال كىشى ئەر كىشىدىن كۆپ مىراس ئالىدىغان ئەھۋاللار:

 

1- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئېرى ۋە بىرلا قىزى بولسا ئېرى مىراسنىڭ تۆتتىن بىر ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەمما قىزى مىراسنىڭ يېرىمىنى بەلگىلەنگەن ھەسسىسىگە ئاساسەن، قالغىنىنى (رەد) نىزامىغا ئاساسەن ئالىدۇ، دېمەك دادىسىدىن كۆپ مىراس ئالىدۇ.

2- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئېرى ۋە ئىككى قىزى بولغان بولسا، ئېرى مىراسنىڭ تۆتتىن بىر ھەسسىسىنى ئالسا، ئىككى قىزى ئۈچتىن ئىككى ھەسسىنى ئالىدۇ، نەتىجىدە ھەربىر قىزى دادىلىرىدىن كۆپ مىراسقا ئېرىشىدۇ.

3- ئۆلگۈچىنىڭ يالغۇز قىزى دادىسىنىڭ بىر قانچە ئەر تۇغقانلىرى(يەنى تاغىلىرى) بىلەن بولغان ئەھۋالدا ئۇلاردىن كۆپ مىراسقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئو قىز مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، باشقىلار ئۇ قىزدىن قالغاننى ئالىدۇ.

4-ئۆلگۈچى ئايالنىڭ 60 مو يېرى بولۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، دادىسى، ئانىسى ۋە ئىككى قىزى بولغان بولسا، ئىككى قىزىنىڭ بۇ مىراستىكى ھەسسىسى 32 مو، يەنى ھەربىر قىز 16 مودىن ئالىدۇ، ئەمما ئىككى قىزنىڭ ئورنىدا ئىككى ئوغۇل بولغان بولسا ئىدى، بەلگىلەنگەن ھەسسە ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ مىراستىكى ھەسسىسى 25 مو بولغان بولاتتى.

5- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ 48 مو يىرى بولۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، ئاتا-ئانا بىر ئىككى ھەمشىرىسى ۋە ئانىسى بولغان بولسا، ئىككى ھەمشىرىسىدىن ھەر بىرىنىڭ مىراسىي 12مو، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىنىڭ ئورنىدا ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشى بولغان بولسا ھەر بىر قېرىندىشى 8 مو دىن ئالغان بولاتتى، چۈنكى ئۇ ئىككەيلەن (ئەسەبە) بولغانلىقتىن بەلگىلەنگەن ھەسسە ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قالغىنىنى ئالىدۇ.

6- يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ ئۆزىدە ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانا بىر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئاتا بىر ئىككى قېرىندىشىدىن كۆپ مىراس ئالغان بولاتتى.

7- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ قالدۇرغان مىراسىي156 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، دادىسى، ئانىسى ۋە بىر قىزى بولغان بولسا، قىزى مىراسنىڭ يېرىمىدىن ئىبارەت 72 مونى ئالىدۇ، ئەمما ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا بىر ئوغۇل بولغان بولسا پەقەت 65مولا ئالالايتتى، چۈنكى ئۇ (ئەسەبە) بولغانلىقتىن بەلگىلەنگەن ھەسسە ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قالغىنىنى ئالىدۇ.

8- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ قالدۇرغان مىراسىي48 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، ئانىسى ۋە بىر ھەمشىرىسى بولسا، ھەمشىرىسى 18 مونى ئالىدۇ، ناۋادا ھەمشىرىسىنىڭ ئورنىدا ئاتا-ئانا بىر قېرىندىشى بولغان بولسا، ئۇ پەقەت 8 مونى ئالغان بولاتتى، چۈنكى ئۇ (ئەسەبە) بولغانلىقتىن ئەر بىلەن ئانا ھەسسىسىنى ئېلىپ  ئېشىپ قالغىنىنى ئالىدۇ، دېمەك بو يەردە ئۆلگۈچىنىڭ ھەمشىرىسى قېرىندىشى ئالغان مىراستىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك مىراس ئالىدۇ.

9- ئۆلگۈچى ئەركىشىنىڭ قالدۇرغان مىراسىي 48 مو يەر بۇلۇپ, مىراسخورلار: ئايالى، ئانىسى، ئاتا بىر ئىككى ھەمشىرىسى ۋە ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشى بولغان بولسا، ئانا بىر ئىككى ھەمشىرىسى تۇغقانلىق جەھەتتە يىراق تۇرۇپ 16 مونى ئالىدۇ، يەنى ھەربىرى 8مودىن، ئەمما ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشى 12 مونى ئالىدۇ، يەنى ھەربىرى 6 مودىن ئالىدۇ.

10- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ قالدۇرغان مىراسى120 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، ئانا بىر ھەمشىرىسى ۋە ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشى بولسا، ئانا بىر ھەمشىرىسى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر ھەسسىسىنى يەنى 40 مونى ئالىدۇ، ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشى 20 مونى ئالىدۇ، دېمەك بىر ھەمشىرىسى تۇغقانلىق جەھەتتە يىراق تۇرۇپ ھەربىر ئوغۇل قېرىندىشى ئالغاندىن تۆت ھەسسە كۆپ ئالىدۇ.

11- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە ئېرى بولغان بولسا، ئېرى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئانىسى ئۈچتىن بىرنى ئالىدۇ، ئۇلاردىن قالغىنىنى، يەنى ئالتىدىن بىرنى دادىسى ئالىدۇ، ئالتىدىن بىرى ئانىسىنىڭ ھەسسىسىنىڭ يېرىمىدىن ئىبارەتتۇر.

12- ئۆلگۈچى ئايالنىڭ قالدۇرغان مىراسىي 60 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، ئانىسى، ئانا بىر ھەمشىرىسى ۋە ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشى بولغان بولسا، ئانا بىر ھەمشىرىسى 10 مونى ئالىدۇ، ئەمما ئاتا-ئانا بىر ئىككى قېرىندىشىنىڭ ھەربىرى 5 مودىن ئالىدۇ، دېمەك ئانا بىر ھەمشىرىسى تۇغقانلىق جەھەتتە يىراق بولغان بولسىمۇ ئىككى قېرىندىشىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ھەسسە كۆپ مىراس ئالىدۇ.

13- ئۆلگۈچى ئەركىشىنىڭ قالدۇرغان مىراسىي 576 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئايالى، دادىسى، ئانىسى، بىر قىز ۋە ئوغلىنىڭ قىزى بولغان بولسا، ئوغلىنىڭ قىزى 96 مونى ئالىدۇ، ناۋادا ئوغلىنىڭ قىزىنىڭ ئورنىدا ئوغلىنىڭ ئوغلى بولغان بولسا ئۇ ئارانلا 27 مو ئالغان بولاتتى.

14- ئۆلگۈچى ئەركىشىنىڭ قالدۇرغان مىراسىي 60 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئانىسى، ئانىسىنىڭ ئانىسى ۋە دادىسىنىڭ ئانىسى بولغان بولسا، ئانىسى ئالتىدىن بىرنى مىراستا بەلگىلەنگەن ھەسسىسىگە ئاساسەن ۋە قالغىنىنى (رەد) نىزامىغا ئاساسەن ئالىدۇ، دېمەك مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ، ئەمما ئانىسىنىڭ ئورنىدا دادىسى بولغان بولسا، يەنى مىراسخورلار: دادىسى، ئانىسىنىڭ ئانىسى ۋە دادىسىنىڭ ئانىسى بولغان بولسا، ئانىنىڭ ئانىسى ئالتىدىن بىرنى يەنى 10 مونى ئالسا، قالغان 50 مونى دادىسى ئالاتتى، دېمەك ئانىسى 60 مو مىراسنىڭ ھەممىنى ئالغان مەسىلىدە دادىسى بولغان بولسا ئاران 50 مونى ئالالايتتى.

 

تۆتىنچى: ئايال كىشى مىراس ئېلىپ ئەركىشى ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا بولسا مىراستىن مەھرۇم قالىدىغان ئەھۋاللار:

 

1- ئەگەر ئۆلگۈچى بىر ئايالنىڭ قالدۇرغان مىراسىي 195 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، دادىسى، ئانىسى، بىر قىزى ۋە ئوغلىنىڭ قىزى بولغان بولسا مەسىلەن، ئوغلىنىڭ قىزى ئالتىدىن بىرنى، يەنى 26 مونى ئالىدۇ، ئەگەر ئوغلىنىڭ قىزىنىڭ ئورنىدا ئوغلىنىڭ ئوغلى بولغان بولسا ئۇنىڭ ھەسسىسى نۆل بولغان بولاتتى، چۈنكى ئۇ (ئەسەبە) بولغانلىقتىن بەلگىلەنگەن ھەسسە ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قالغىنىنى ئالاتتى، دېمەك بو ئەھۋالدا ئوغلىنىڭ ئوغلىغا ھىچ نەرسە قالمايدۇ، چۈنكى ئېرى تۆتتىن بىرىنى ئالسا، ئانىسى ئالتىدىن بىرنى ئالسا، دادىسى ئالتىدىن بىرنى ئالسا، قىزى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالسا، ئوغلىنىڭ ئوغلىغا ھىچ نەرسە قالمايدۇ.

بىز بۇنىڭدىن ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارغا نەقەدەر ئېھتىرام نەزىرى بىلەن قاراپ ئۇلارغا مىراس بېرىپ ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان ئەرلەرگە مىراس بەرمىگەنلىكنى كۆرۈۋالالايمىز.

2- ئەگەر ئۆلگۈچى بىر ئايالنىڭ قالدۇرغان مىراسىي 84 مو يەر بۇلۇپ، مىراسخورلار: ئېرى، ئاتا-ئانا بىر ھەمشىرىسى ۋە ئاتا بىر يەنە بىر ھەمشىرىسى بولغان بولسا، ئاتا بىر ھەمشىرىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى يەنى 12 مونى ئالىدۇ، ئەمما ئۇ ئاتا بىر ھەمشىرىسىنىڭ ئورنىدا ئاتا بىر بىرلا قېرىندىشى بولغان بولسا، ئۇ مىراس ئالالمايتتى، چۈنكى ئېرى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئاتا-ئانا بىر ھەمشىرىسى قالغان يېرىمىنى ئالىدۇ، ئاتا بىر قېرىندىشى (ئەسەبە) بولغانلىقتىن ھىچ نەرسە قالمايدۇ.

3-چوڭ ئانىنىڭ مىراسىي: كۆپىنچە ئەھۋاللاردا چوڭ ئانا مىراس ئېلىپ چوڭ دادا مىراس ئالالمايدۇ،  چوڭ ئانا ۋە چوڭ دادىنىڭ مىراس تۈزۈمىگە نەزەر سالغىنىمىزدا تۆۋەندىكى مەلۇماتنى بايقايمىز: ئۈزى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئارىلىقىغا ئانا يەنى ئايال كىرىپ قالمىغان چوڭ دادا، دادىنىڭ دادىسى ياكى دادىنىڭ دادىسىنىڭ دادىسىغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن بولسۇن مىراس ئالالايدىغان چوڭ دادا بولىدۇ، ئەمما ئانىنىڭ دادىسى ياكى ئانىنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى مىراس ئالالمايدىغان چوڭ دادا بولىدۇ، ئەمما مىراس ئالالايدىغان چوڭ ئانا دېگەن ئۆزى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئارىلىقىغا مىراس ئالالمايدىغان چوڭ دادا كىرىپ قالمىغان چوڭ ئانىدۇر.

دېمەك دادىنىڭ دادىسى ۋە دادىنىڭ دادىسىنىڭ دادىسى قانچىكى ئۈستۈن بولسۇن مىراس ئالالايدۇ، ئەمما ئانىنىڭ دادىسى ۋە دادىنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى مىراس ئالالمايدۇ، شۇنىڭدەك ئانىنىڭ ئانىسى ۋە ئانىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى مىراس ئالالايدۇ، ئەمما دادىنىڭ ئانىسى ۋە ئانىنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسى مىراس ئالالمايدۇ.

4- ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئانىسى بولغان بولسا ئانىسىنىڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى بەلگىلەنگەن ھەسسىسىگە ئاساسەن، قالغىنىنى (رەد) نىزامىغا ئاساسەن ئالىدۇ, ئەمما دادىسىنىڭ ئانىسى مىراس ئالالمايدۇ.

5- يۇقىرىقى مەسىلىدىكىدەك بىر مەسىلىدە ئۆلگۈچىنىڭ دادىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى بولغان بولسا، ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى بەلگىلەنگەن ھەسسىسىگە ئاساسەن، قالغىنىنى (رەد) نىزامىغا ئاساسەن ئالىدۇ، ئەمما دادىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئانىسى  مىراس ئالالمايدۇ.

دېمەك مىراس ئەھۋاللىرى ئىچىدە 30 دىن كۆپرەك ئەھۋاللار بولۇپ بو ئەھۋاللاردا ئايال كىشى ئەركىشىگە ئوخشاشلا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك مىراس ئالىدۇ، ياكى ئايال كىشى مىراس ئېلىپ شۇ ئايالنىڭ ئورنىدا ئەر كىشى بولغان بولسا مىراس ئالالمايدىغان ئەھۋاللار بار، پەقەت تۆت ئەھۋالدىلا ئايال كىشى ئەركىشىنىڭ مىراستىكى ھەسسىسىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ قالىدۇ، مانا بۇ تۆت ئەھۋال ھازىرغىچە غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ سۇيىقەستلىك پىكىرلىرى سەۋەبىدىن جەمئىيەتلەردە «ئىسلام مىراس تەقسىم قىلىشتا ئاياللارغا زۇلۇم قىلغان» دېگەندەك ئىغۋالارنى پەيدا قىلىپ يۈرمەكتە.

يۇقىرىقى ھەقىقەتلەر مىراس ئىلمىدىكى پۈتۈن ئەھۋاللار ۋە مەسىلىلەرنى سىيرىپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى، مېنىڭچە مۇشۇ ئوچۇق ۋە روشەن چۈشەنچىلەر ۋە مىساللاردىن كېيىن بارلىق ئىنساپلىق ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ قەلبىدىن ئىسلام شەرىئىتىگە قارىتا مۇشۇنداق گۇمانىي كۆزقاراشلار چوقۇم توزۇپ يوقاپ كېتىدۇ، دەپ قارايمەن.

ئاخىرىدا بىزگە مۇشۇنداق ئادىل ۋە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن شەرىئەتنى قانۇن قىلىپ بەلگىلەپ بەرگۈچى پۈتۈن ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتىنى تىلەيمىز.

(بۇ ماقالە 2006- يىلى، 07- ئاينىڭ ، 19- كۈنى توردا نەشىر قىلىنغان).

 

ئەزھەرىي تور بېتى

www.azheri.com

2017 -يىلى