2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ئەقىل (4)ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى

( 7 )

ئىسلام ئاقىلانىلىقىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى

ھەزارەت لېنىيىسىدە تەرەققى قىلىش ۋە ئارقىدا قېلىش، ئويغىنىش ۋە يىقىلىشتىن ئىبارەت  ئىسمېنالىق ۋە ئورۇن ئالمىشىش ئەھۋالى كۆرۆلۈپ تۇرىدۇ: «بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز(يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىر كۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)»(ئال ئىمران، 140-ئايەت).

ساۋاب ۋە جازا قانۇنىيىتى ئارزۇغا تاپشۇرۇلمىغان، بەلكى ھەر قانداق مىللەت باراۋەر بولىدىغان مۇقىم ئاساس ۋە ئىزچىل قانۇنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئىنسان بۇ قانۇنىيەتنى بۇزۇۋۇتەلمەيدۇ. دىن ئارزۇ-ئارمان بىلەن بولمايدۇ، دىن دېگەن قەلبىدە مۇستەھكەم ئورنىغان ۋە ئەمەل ئارقىلىق تەستىقلىغان نەرسىدىن ئىبارەت:«(ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب)سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە)جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ دىن باشقا(ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ» (نىسا سۈرىسى، 123-ئايەت).

  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەزارەت ۋە مىللەتلەر لېنىيىسىدىكى ئالمىشىش ۋە ئىسمېنالىق ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«زۇلۇم مەندىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، زۇلۇمدىن قانچىلىك كۆرۈنسە ئادالەتتىن شۇنچىلىك يوقاپ كېتىدۇ. زۇلۇمنىڭ دەستىدىن زۇلۇمدىن باشقىنى تونۇمايدىغان ئەۋلادلار تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلىپ بېرىدۇ، قانچىلىك ئادالەت قولغا كەلسە، زۇلۇمدىن شۇنچىلىك مىقداردا يوقايدۇ، ھەتتاكى ئادالەت ئىچىدە ئادالەتتىن باشقىنى تونۇمايدىغان ئەۋلادلار تۇغۇلىدۇ»(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام ھەزارىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىسىدە ئىسلام ئاقىلانىلىقى چېكىنگەن شۇنداق بىر دەۋر پەيدا بولغان. قۇرئاننىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. ئىسلام فىقھى مەزھەپلىرىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئورنىغا تۇرغۇن ھالەت ۋە تەقلىدچىلىك (دورامچىلىق) پەيدا بولغان. ھەقىقى تەسەۋۋۇپنىڭ ئورنىغا بىدئەت ۋە خۇراپاتلار تارقىلىپ كەتكەن. ئىسلامنىڭ ئەقىدە-پەلسەپە ئىلمىي چېكىنىپ، لوگىكا چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

ئىسلام ئاقىلانىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەزارەتنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىنڭ ئىچكى ۋە سىرتقى بولۇپ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەب-ئامىللىرى بار:

سىياسى جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئابباسىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئىسلام ھەزارىتىدە پارسلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇقىرى سانايدىغان«پارىس مىللەتچىلىكى»بىلەن خەلىپىلىك ئارىسىدا توقۇنۇش كۈچەيدى. ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇئتەسىم(795-841م) پارسلار بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا بىر تەرەپلىمە تۇرىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن تەركىپ تاپقان قۇل ئەسكەرلەردىن دۆلەت ۋە خەلىپىلىك قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى دەپ ئويلىغان. خەلىپە مۇئتەسىم باغدادنىڭ سامىرا شەھىرىنى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىسى قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن. يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ گازارمىسى جانلىنىپ، كۈچ-قۇۋۋەت مىزانىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغان. بۇ ئەسكەرلەر خەلىپىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا خەلىپىلىكنى قورچاق ئورنىدا «ئويۇنچۇق»قا ئايلاندۇرۇۋالغان. تارىخشۇناس مەسئۇدىنىڭ ئىپادىلىشىچە:«خەلىپىنىڭ پەرمانى ئىجرا قىلىنمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان».

ئابباسىيە خەلىپىسى قادىر بىللاھ(991-1031م)نىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، خەلىپە قادىر بىللاھ تۈرلۈك ئازغۇن ئىدىيە ئېقىملىرىغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن (ئىسلام ئاقىلانلىقى ۋە ئىلمىي كالام)نىڭ قاراشلىرىنى ھارام دەپ چەكلەپ، ئىسلام روھىغا زىت پەرمان چىقارغان. ئىسلام ئاقىلانىلىقىغا قارىشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىنقىلاب ئىسلام ئەللىرىدە ئىدىيە مەيدانلىرىغا يول ئالغان.

ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇل بولۇپ ئەرەب تىلىنى بىلمىگەنلىكى،  ئىسلام ھەزارىتى ۋە ئاقىلانىلىقىدىن يات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام ھەزارىتى ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان. ھەربى قوماندانلار ئاجىز خەلىپىلەرنى كونترول قىلىپ دۆلەتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. نەتىجىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەسكەرلىشىپ كەتكەن، ئەقىلنىڭ ئورنىغا مۇسكۇل ۋە كۈچ كۆرسىتىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مانا مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئىسلام دىنى ئەرەب تىلىدىن چەتنەشكە باشلىغان. مۇشۇ تارىختىن باشلاپ ئىسلام تارىخىدىكى ئاقىلانىلىق ۋە ھەزارەت تەرەققىياتى چېكىنىشكە باشلىغان.

ئاندىن(1096-1291م) يىلغىچە ئىككى ئەسىر داۋاملاشقان خرستىئان ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن. خرىستىئانلار موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام دۇنياسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ماددى ۋە ئىدىيە ۋەيرانچىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە مۇستەقىللىق يۈزلىنىشلىرى پەيدا بولغان. مۇشۇ خەتەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دۆلىتى، ئۈممىتى ۋە ھەزارىتىگە تەھدىت سالغان. نەتىجىدە ئابباسىيلاردىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى يېتەكچىلىكى ۋە رەھبەرلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قۇل بولۇپ كېلىپ، مىسىردا ھەربىي قوماندان بولۇپ، ئاخىرى سۇلتانلىققا ئۆرلىگەن تۈركلەرنىڭ قولىغا قالغان. ئەسلى قۇل ھەربى قوماندانلار مىسىرنى مەركەز قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى (1250-1517م) يىلغىچە ئىككى ئەسىر سورىغان. ئىسلام دۆلىتىنى ئىگىلىۋالغان ئەسكەرلەر دەۋرى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيە، ئىلمىي ۋە ھەزارەت ھاياتىغا ئەكس تەسىر قىلغان. نەتىجىدە ھەزارەت چېكىنىشى گۈللىنىشنىڭ ئورنىغا چۈشكەن، ئىسلام ئاقىلانىقى ئارقىغا چېكىنگەن، ئەسلى قۇل تۈرك ئەسكەرلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەردە ئىسلام ئاقىلانىلىقى يوقاپ كەتكىلى تاس قالغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانليلار دۆلىتى 1299م- يىلى قۇرۇلۇپ، 1517م-يىلى خەلىپىلىك بىلەن سۇلتانلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا  كەلتۈرگەن.