2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۈمىدۋارلىق ۋە ئارزۇ

ئۈمىدۋارلىق ۋە ئارزۇ

(تەرجىمە ماقالە)

مۇقەددىمە

بارلىق ھەمدۇ- سانالار ئاللاھغا خاستۇر، ئۇنى ماختايمىز، ئۇنىڭغا  تايىنىمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تىلەيمىز.نەپسىلىرمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزدىن ئاللاھغا پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى مەدەتكار يوقتۇر.

ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىسى ۋە مەخلۇقاتلىرىنىڭ سەردارى بولغان رەسۇلۇللاھغا تا ئەبەتكىچە ئۈزۈلمەستىن دۇئايى – سالاملىرىمىز بولسۇن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پاك ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغىمۇ، بارلىق ئىسىل خىسلەتلىك ساھابىلەرگىمۇ، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭغان ئىسىل كىشلەرگىمۇ دۇئايى – سالاملىرىمىز بولسۇن!

مەقسەتكە كەلسەك، مەن بۇ ماقالەمدە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھي ئىسلاھ دەستۇرى بولغان «بىر قەۋم  ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دېگەن ئايەت كەرىمىسىگە ئاساسەن، ئۇلۇغ  بىر ئىمانىي مەنانى مۇھاكىمە قىلماقچىمەن. ئىسلاھ ۋە تۈزەش يولىنى تۇتۇپ، ئۈمىدسىزلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالەمنىڭ ئىگىسى ئاللاھغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىققا يۈزلىنىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرشتىم.

ئاللاھغا بولغان ئىشەنچ ئاشقانسىرى، ئاللاھ تائالانىڭ غەلىبە- نۇسرەت ۋە ئىززەت- قۇۋۋەت ئاتا قىلىش ۋەدىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق كۈچىيىدۇ. شۇڭا  پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ھاياتى پارلاق ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىققا تولۇپ- تېشىپ تۇرۇشى لازىم.

ئىززەت غەلبىگە، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ  ۋە چەكسىز ئۇلۇغۋار پاك شەرىئەتنىڭ شان- شۆھرەتكە تولغان پارلاق كەلگۈسىگە  تولۇق ئۈمىدۋارلىق ھازىرلىنىشى زۆرۈر.

ئاللاھ تائالادىن  بۇ ماقالەم ئارقىلىق ئۆزەمگە ۋە بۇ ماقالەمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى سورايمەن.  شۇنداقلا ئۇلۇغ رەببىمدىن   بۇ ماقالە ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى ئۈمىدۋارلىق يولىغا قايتىدىن يول ئېلىشقا يېتەكلىشىنى، ھازىرقى ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىزنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەتلىك، غەلىبىلىك ۋە شان- شۆھرەتلىك پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە قىلىشىنى تىلەيمەن. چۈنكى ئاللاھ ئۆزىلا بۇنىڭغا ئىگە ۋە قادىردۇر، ئۇ بىزگە كۇپايە ۋە ئەڭ ياخشى ئىگىدۇر.

ئۈمىدۋارلىقتىن ۋە ئارزۇدىن ئايرىلىپ، ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قېلىشنىڭ خەتىرى

پەلەستىن، باغداد،  ئافغانىستان، چېچەنىيە ۋە باشقا ئىسلام دىيارلىرى ئىزچىل ھالدا ۋەھشىيانە تاجاۋۇزچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقىنىغا قارىماستىن؛ ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە ئىزچىل تۈردە قىرغىنچىلىق، زۇلۇم، تىنىچسىزلىق، قورقۇنچ بولۇۋاتقىنىغا قارىماستىن؛  نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ھەيرانلىق ئىچىدە:ھازىر ئۈمىدۋارلىق ھەققىدە گەپ ئېچىش ۋاقتىمۇ؟! دەپ سوئال قويغان تەقدىردىمۇ؛ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە  تۈگەشكەنلىكىنى سەزگەن،» ئەمدى ئامال يوق!» دەيدىغان  نۇرغۇن كىشىلەر مەۋجۇد بولسىمۇ؛

پەلەستىن- قۇددۇس شەرىپ ۋە ئەقسا مەسجىدى  ھەققىدە دەۋاتقىنىڭلار پەقەت قۇرۇق ئارزۇ، سۆز جىق بولسىمۇ ئۆزگىرىش بولمىدىغۇ، ئەمدى ئامال قالمىدى» دەيدىغان  نۇرغۇن ئادەملىرىمىز مەۋجۇد بولسىمۇ؛ ئۈممەتنى قاپلىغان ئاشۇنداق نۇرغۇن ئېغىر ئۈمىدسىزلىك ۋە ئامالسىزلىققا قارىماستىن؛ مەن تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن شۇنداق دەيمەنكى:

ھازىر دەل ئۈمىدۋارلىق ھەققىدە گەپ قىلىشنىڭ مۇۋاپىق پەيتى، چۈنكى مەن » ئۆزىنى ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت ئىلاھىي پرىنسىپ ئاساسىدا، بۇنداق ئۈمىدسىزلىك ۋە تىنىچسىزلىقنى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئۈمىدۋارلىقنى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۈمىدۋارلىق ھەققىدە  تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلماقتىمەن.

*مەن پۈتۈن ئىشەنچ ۋە غەيرىتىم بىلەن شۇنداق دەيمەنكى:

دەل مۇشۇ پەيىتتە ئۇلۇغ ئىلاھي دەستۇر بولغان «ئۆزىنى ئۆزگەتىش» پرنسىپى ئاساسىدا » ئۈمىدۋارلىق» تېمىسىنى ئوتتۇرۇغا قويۇش لازىم.

چۈنكى مەن ئۈممەتنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىك چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەرمەكتىمەن. ھالبۇكى ئۈمىدسىزلىك بەك خەتەرلىك مەسىلىدۇر.

ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئۈممەتكە كەلتۈرىدىغان خەتەرلىرىدىن:

ئۈمىدسىزلىك – ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك- كىشلەرنىڭ قازا- قەدەرگە بولغان ئەقىدىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك-ئۈمىدۋارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر؛ غەلبە ۋە زەپەرنىڭ ياغىسىدۇر، مەغلۇبىيەتنىڭ دوستىدۇر.

ئۈمىدسىزلىك- چۈشكۈنلۈك، ھورۇنلۇق ۋە بىكار تەلەپلىكنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك- ئۈممەتنىڭ ھەرىكەت- ئەمگەك قابىلىيىتىنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئۈمىدسىزلىك- ئۈممەتنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى، ئىجتىھاد – غەيرىتىنى پالەچ قىلىدۇ.

ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۈممەت بارلىق نەرسىدە مەغلۇب بولىدۇ.

ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۈممەت يالىقاۋ، بىكار تەلەپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۈممەت  چۈشكۈنلۈككە پاتىدۇ. بۇنداق ئۈممەتنىڭ  ئەزالىرى ئەمگەكنى خالىمايدۇ، ھېچبىرى ئىشلەپچىقىرىشنى خالىمايدۇ؛ ھېچكىم ئۇتۇق قازىنىشنى ۋە ئىجادكارلىقنى خالىمايدۇ.

ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۈممەت ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن ئۈممەتتۇر.

ئۈمىدۋارلىق ۋە ئارزۇ

ئۈمىدۋارلىق ئارزۇدىن باشلىنىدۇ.ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن ياشاپ، ئارزۇيۇڭنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئويلايسەن، شۇڭا ئارزۇيۇڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى كېرەك.

سەن بۇ ئىبارىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسەن:قانداق بىر نەرسىنى ئارزۇيۇڭغا پۈكسەڭ، ئاندىن شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىڭنى بېغىشلىساڭ، دېمەك سېنىڭ بۇ ئارزۇيۇڭ ئىشقا ئېشىشى كېرەك ۋە ئىشقا ئاشىدۇ. مانا بۇ  پولاتتەك قانۇنىيەت! قېنى، بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى!!!.

پۈتۈن ئۈممەتنىڭ زەپەر قۇچقان ھالدا ئەقسا مەسجىدىگە كىرىشىنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى.

مەسجىدى ئەقساغا كىرەلەيمەن دەپ ئارزۇ قىلغىن؛ مەن سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ئارزۇ- ئارمان ئۇرۇقىنى چېچىۋاتىمەن، پەيغەمبىرىمىزمۇ ساھابىلىرىگە قارىتا  مۇشۇنداق قىلاتتى؛ دېمەك سېنىڭ ئارزۇيۇڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.

مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە:«(بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ دەرۋازىسىدىن)سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (پەرۋەردىگارىمىز)گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن! دەڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 58- ئايەت) دېگەن دەرۋازىدىن بىزمۇ  ئەقسا مەسجىدىگە كىرىپ بارىدىغانلىقىمىزنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى!

قۇددۇستىكى سەخرە گۈمبىزىنى كۆرۈشنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى! زەيتۇنلارنى كۆرۈشنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى! ئەقسا مەسجىدىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرۈشنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى! ئەقسا مەسجىدىنىڭ دەرىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشنى  ئارزۇ قىلايلى!

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ: «ھەقىقەت(ئىسلام) كەلدى، باتىل يوقالدى، باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ».(ئىسرا سۈرىسى 81- ئايەت) دېگەن ئايىتىنى بىرلىكتە ياڭرىتىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلايلى!

ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئىچىدە زەپەر قۇچۇپ كىرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ سەير قىلىپ بارغان ئورۇندا، رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇغان ئورۇندا سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى!

سالاھىددىن ئەييۇبى( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) دەسسىگەن جايلارنى كۆزىمىزگە سۈرتۈشنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى، ئىراق قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىق ھوقۇقلىرىنى قايتا قولىغا ئالغانلىقىنى كۆرۈشنى بىرلىكتە ئارزۇ قىلايلى!

قېرىندىشىم!

بۇ ئارزۇلار بىز ئاللاھنىڭ:«بىر قەۋم ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» (رەئد سۈرىسى 11- ئايەت) دېگەن سۆزىگە قايتىدىن ئەمەل قىلىدىغانلا بولساق، ئىشقا ئېشىش مۈمكىنچىلىكى بار.

ئەگەر بىز ھەممىمىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بېرىلىپ ئىشلىرىمىزدا ئۇتۇق قازىنىدىغان بولساق، ئوقۇشىمىزدا يۇقۇرى نەتىجىىنى قولغا كەلتۈرىدىغان بولساق، ياخشى ئىشلاردا ئاكتىپچانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيدىغان بولساق، ئاتا- ئانىلىرىمىزغا ۋاپادار بولالىساق، دىيارلىرىمىزنى ئىخلاسىمىز بىلەن گۈللەندۈرەلىسەك، زېھنىمىزنى يىغىپ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرىدىغان بولساق، يۇقۇرقى ئارزۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا گەپ يوق.

ئاللاھغا تايىنىش ئاساسىدىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ يولىدىكى يارقىن بىشارەتلەر

تۆۋەندە مەن ئارزۇ- ئۈمىدلىرىمىزنىڭ مۇقەررەر ھەقىقەت ۋە تولۇق رېئاللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتى بارلىقىغا بىزنى تولۇق ئىشەنچكە ئىگە قىلدىغان بىر مۇنچە پاكىت- دەلىللەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. بۇلار ئىشەنچلىك يارقىن بىشارەتلەردۇر:

  1. ئاللاھنىڭ مۇستەھكەم كائىنات نىزاملىرى:

بۇ نىزاملارنىڭ بىرى :«بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز». (ئال ئىمران سۈرىسى، 140- ئايەت).

كۈنلەر ئايلىنىپ، زامان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئىشلىرى ئۆزگەرمەستىن بىرلا خىلدا مېڭىۋەرمەيدۇ. مىسالغا ئالساق، يەر شارىدا ئۇزۇن زامانلار شەرق يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر شەرقتە، بولۇپمۇ ئىراقتا يارالغان؛  ئىراق پەيغەمبىرىمىز يۈنۇسنىڭ يۇرتى.كېيىن يېتەكچىلىك غەربكە يۆتكەلگەن، يەنى گىرىپلار، يۇنانلىقلاردا بولغان. ئاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن قايتىدىن شەرق يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتۈپ، تەخمىنەن 1300 يىل شەرق يېتەكچىلىگى داۋاملاشقان.ئاندىن كېيىن يېتەكچىلىك قايتىدىن غەربكە كۆچكەن ، يەنى ئالدىنقى ئەسىرلەردە غەرب يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتتى.

ئۇنداقتا ئەمدى نۆۋەت كىمگە كېلىپ، كىمنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشتى؟ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاخىرلىشىپ، بىزنىڭ نۆۋىتىمىز كېلىپ قالدى… بۇ بىز ئۈچۈن يارقىن بىشارەت.

ئاللاھنىڭ يەنە بىر نىزامى:«بىر قەۋم ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ». ئەگەر بىز  ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارغا قاراپ ئۆزگىرىش ياسايدىغان  بولساق، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئەھۋالىمىزنى ۋە ئىشلىرىمىزنى بىز رازى بولىدىغان ھالغا ئۆزگەرتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن يارقىن  بىشارەت.

  1. بۇ ئىسلام ئۈممىتى ھېچقاچان مەڭگۈلۈككە مۇنقەرز بولۇپ يوقالمايدۇ:

بۇ ئىقرار بولۇشقا تېگىشلىك ، شەكسىز ئىشىنىشكە زۆرۈر بولغان ئەقىدىدۇر؛ يەنى بۇ ئۈممەت ئاجىزلىشىشى مۈمكىن، ئەمما ھەرگىز مۇنقەرز بولمايدۇ. شۇڭا يەنە قايتىدىن ئېگىلمەس- سۇنماس كۈچ- قۇدرىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇقەررەر. چۈنكى  بۇ ئۈممەت ئىلگىرى مۇنقەرز بولۇپ تۈگىگەن پارىسلار، رىملىقلار ۋە فىرئەۋىنلەردەك باشقا ئۈممەتلەرگە تامامەن ئوخشىمايدۇ.

 بۇ ئۈممەت داۋاملىشىپ بارىدۇ، چۈنكى بۇ ئۈممەت  ئاللاھ تائالانىڭ يەر شارىدىكىلەرگە ئاتا قىلغان قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى دەستۇرنى ئېلىپ يۈرىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھتائالانىڭ دەل شۇ دەستۇرىغا قارىتا: « ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ھەقىقەتەن ئۇنى قوغدايمىز» ( ھىجىر سۈرىسى، 9- ئايەت) دېگەن ئاخىرقى سۆزىنى ئېلىپ يۈرىدۇ.

ئەگەر  بۇ ئۈممەت مۇنقەرز بولىدىغان بولسا، شەكسىز قىيامەت قايىم بولىدۇ. يەر يۈزىدە تەۋھىد ئەقىدىسىنى كىم باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ؟!  ئەگەر بۇ ئۈممەت مۇنقەرز بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ يەر شارىدىكى شەرىئىتىنى كىم ئىجرا قىلىدۇ؟ شۇڭا بۇ ئۈممەت- قۇياش ۋە ئايدۇر.

ئەگەر بۇئۈممەت يوقالسا، قىيامەت قايىم بولىدۇ. بىز ھازىر قۇياش تۇتۇلغان ۋاقىتقا دۇچ كەلدۇق، بۇ قۇياشنىڭ پاتقىنى ئەمەس.

 قۇياش تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەرسە، بۇ ئۈممەتنىڭ ئۆمرىدىكى ئۆتكەن مەزگىللەر قۇياش تۇتۇلغانغا ئوخشايدۇ، ھەرگىز قۇياش پاتقانغا ئوخشىمايدۇ. قۇشلار قۇياش تەرەپتىن تارىلىۋاتقان ئاجىز نۇرلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قۇياشنىڭ پارلىشغا ئىنتىزاردۇر.

بۇ ئۈممەتمۇ شۇنداق؛ زۇلمەتنىڭ يوقىلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاپ، نۇرلار پارلايدىغان مەزگىل بولاي دەپ قالغانلىقىغا ئېنىق ئىشەنچتە، چۈنكى، ئۆز دىنىنى تولۇق ھالدا چىڭ تۇتقان مۇسۇلمان ياشلىرىدىن تارىلىۋاتقان شولىلار جىلۋە قىلماقتا.بۇ ئۈممەت يوقالمايدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن يارقىن بىشارەت.

  1. قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفلەر:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«شەك-شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز» (غافىر سۈرىسى، 51- ئايەت).

دېمەك، پەقەت پەيغەمبەرلەر ياردەمگە ئېرشىپ قالماستىن، مۆمىنلەرمۇ ئېرىشىدۇ. نەدە ئېرشىدۇ؟

دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى ».(مۇجادەلە سۈرىسى، 21- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى؛ ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ ».(نۇر سۈرىسى، 55- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر) ».(سەف سۈرىسى، 8 – ئايەت).

شەكسىز ئاللاھ غالبىتۇر:«ئاللاھ ئىشلىرىدا غالىبتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ» (يۈسۈف سۈرىسى، 21- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام)نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق )ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ(ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ».(تەۋبە سۈىرىسى 33- ئايەت).

مۇشۇنداق ئۇلۇغ ۋەدىلەر بار يەردە نەگە بارماقچىمىز؟ روھىمىزدا ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلساق بولمامدۇ؟

باشتىكى  قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ۋەدە- بىشارەتلەر بىلەن بىللە يەنە پەيغەمبىرىمىزنىڭىمۇ بىر مۇنچە ۋەدە- بىشارەتلىرى بار:

تەمىم دارى رەسۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:»بۇ ئىسلام دىنى چوقۇم كېچە- كۈندۈز يەتكەن يەرلەرگە يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا كېسەك ئۆي ۋە كىگىز ئۆينىڭ ھەر قاندىقىغا چالا قويماستىن ئەزىزنى ئەزىز قىلىپ ياكى خارنى خار قىلىپ بۇ دىننى كىرگۈزىدۇ؛ ئىسلام ئارقىلىق ئەزىزنى ئەزىزلىسە، كۇفرى ئارقىلىق خارنى خارلىققا پاتۇرىدۇ».

تەمىم دارى مۇنداق دەيتتى:» ئۇنى مەن ئائىلەمدىكىلەرگە قاراپمۇ بىلدىم، ئۇلاردىن مۇسۇلمان بولغانلىرى ياخشىلىققا، ئىززەت- شەرەپكە ئېرىشتى. كاپىر بولغانلىرى بولسا، خارلىققا، مەھكۇملۇققا ۋە جىزيە تۆلەشكە ئېرىشتى». ئىمام ئەھمەد» مۇسنەد»تە بايان قىلغان، 16344- ھەدىس.

سەۋبان رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى دەيدۇ:»ئاللاھ تائالا ماڭا يەرنى قاتلاپ كۆرسەتتى، ئۇنىڭ شەرق- غەرب جايلىرىنى كۆردۈم. مېنىڭ ئۈممىتىم كەلگۈسىدە ماڭا قاتلاپ كۆرسىتىلگەن زىمىنغا ئىگە بولىدۇ.  ماڭا قىزىل ۋە ئاق ئىككى خەزىنە بېرىلدى. مەن ئۈممىتىم ئۈچۈن رەببىمدىن ئۇلارنى ئومۇمى قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى، ئۇلارنى  تۇخۇمىدىن تارتىپ قۇرۇتىۋېتىدىغان، ئۆزلىرىدىن باشقا دۈشمەننىڭ قولىغا قويماسلىقنى سورىدىم. رەببىم ماڭا: ئى مۇھەممەد! مەن بىرەر ھۆكۈم چىقارسام رەت قىلىنمايدۇ، مەن ئۇممىتىڭ ئۈچۈن ساڭا، ئۇلارنى ئومۇمى قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك قىلمايدىغانلىقىم ۋە ئۇلارغا يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋلىرى بىرلىكتە قارشى چىققاندىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇخۇمىدىن تارتىپ قۇرۇتىۋېتىدىغان، ئۆزلىرىدىن باشقا دۈشمەننىڭ قولىغا قويمايدىغانلىقىم بىلەن سورىغنىڭنى بەردىم، ئۇلار بىر- بىرىنى ھالاك قىلىپ، بىر – بىرىنى تۇتقۇن قىلمىسىلا بولدى»، سەھىھ مۇسلىم، 5144- ھەدىس.

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى بايان قىلغان: » قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار ئىسلامنى قوغداپ كۆرەش قىلغان ھالدا بۇ دىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ»سەھىھ مۇسلىم، 3546- ھەدىس.

ئەبۇئىنەبە خۋلانى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى ئاڭىلغانمەن دەپ بايان قىلىدۇ:»ئاللاھ تائالا ئىزچىل تۈردە بۇ دىن ئىچىدە يېڭى كۆچەتلەرنى تىكىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىتائەت قىىلشقا ئىشلىتىدۇ».ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

ئەبۇ قەبىل مۇنداق دەيدۇ:»بىز ئابدۇللاھ ئىنى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئالدىدا ئىدۇق، ئۇنىڭدىن :قۇستەنتىنىيە (ھازىرقى ئىستانبۇل) بىلەن رۇمىيە (ھازىرقى ئىتالىيە رىم شەھرى) نىڭ قايسىسى بىرىنچى بولۇپ فەتھى قىلىنىدۇ؟ دەپ سورالدى. ئابدۇللاھ ھالقىسى بار بىر ساندۇقنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر يازمىنى چىقاردى ۋە مۇنداق دېدى: »  بىز رەسۇللاھنىڭ ئەتراپىدا خەت پۈتۈۋاتقان ئىدۇق، تۇيۇقسىز رەسۇلۇللاھتىن : قۇستەنتىن بىلەن رۇمىيە شەھرىنىڭ قايسىسى بۇرۇن فەتھى قىلىنىدۇ؟ دەپ سورىلىپ قالدى.رەسۇلۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەردى:»ھىرەقلىنىڭ شەھرى ( يەنى قۇستەنتىن) ئەۋۋەل فەتھى قىلىنىدۇ»، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 6358- ھەدىس.

ھەقىقەتنمۇ رەسۇللاھنىڭ بىشارىتىدىن توققۇز ئەسىر كېيىن، مۇھەممەد فاتىھ ئىسىملىك، 23 ياشلىق تەقۋادار مۇسۇلمان يىگىتنىڭ قولى ئارقىلىق قۇستەنتىن شەھرى فەتھى قىلىنغان.

ئەمدى رىم شەھرىمۇ فەتھى قىلىنىشى چوقۇم، چۈنكى بۇ،خاتالىقتىن خالى ۋە راستچىل پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقىقى سۆزىدۇر.

غەربلىكلەر ئىسلام دىنىمىزگە كىرىشكە يۈزلەندى، بۇمۇ بىشارەتلەردىنغۇ؟

* ئەبۇ ھۈرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىگىنى رىۋايەت قىلىدۇ: » مۇسۇلمانلار  يەھۇدىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرمىگىچە، ھەتتا بىر يەھۇدى تاش ۋە دەرەخنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنسا، تاش ۋە دەرەخ: ئەي مۇسۇلمان، ئەي ئاللاھنىڭ بەندىسى! كەينىمدە يەھۇدى بار، كېلىپ ئۆلتۈرگىن دېمۈگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.»غەرقەد»ناملىق دەرەخ مۇنداق دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەھۇدىلارنىڭ دەرىخىدۇر» سەھىھ مۇسلىم، 5203- ھەدىس.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: »  دۇنيادىن پەقەت بىر كۈنلا قالغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كۈننى ئۇزارتىدۇ ۋە ئۇ كۈندە ئىسمى مېنىڭ بىلەن ئىسىمداش، دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ دادامنىڭ ئىسمى بىلەن ئىسىمداش بولغان، مەندىن، مېنىڭ ئائىلە نەسلىمدىن بىر كىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، ئۇ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە تولغان يەر يۈزىنى باراۋەرلىك ۋە ئادالەتكە تولدۇرىدۇ». ئەبۇداۋۇد، 3733 – ھەدىس.

بۇمۇ بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ ئۈمىدۋارلىق ۋە زور بىشارەتتۇر.

ئۈمىدۋارلىقىڭنى كۈچكە تولدۇرىدىغان مۇشۇنداق بىشارەتلەردىن كېيىن يەنە نېمە دىمەكچىسەن؟

  1. بۇ ئىسلام دىنى ھەر ۋاقت زەئىپلەشكەن( ئاجىزلاشقان) چاغدا، قايتىدىن تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ:

ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىق ۋە ئاسانلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر- بىرىدىن  روشەن پەرقلىنىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى:

«قايغۇ يىلى» دەپ ئاتالغان بىرلا يىلدا ھەزرىتى خەدىچە  ۋە ئەبۇتالىپ ئۆلۈپ كەتتى. (قىيىنچىلىق) ئاندىن بۇ يىلغا ئۇلىنىپلا ھىجرەت قىلىش بولدى( ئاسانلىق).

رەسۇلۇللاھنىڭ قازا قىلىشى ئاندىن ئەرەپ قەبىلرىنىڭ ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈشى (قىيىنچىلىق) كېيىن شۇنىڭغا ئۇلىنىپلا فارىس ۋە رۇمنىڭ پەتھى قىلىنىشى، (ئاسانلىق).

ئەندەلۇستىكى( ئىسپانىيە) مۇسۇلمان بۆلۈنمە خانلىقلارنىڭ غۇلىشى ( قىيىنچىلىق) كەينىدىنلا ئىسپانىيەدە 400 يىل داۋاملاشقان مۇرابىتلار دۆلىتىنىڭ يورۇققا چىقىشى ( ئوڭايلىق).

ئەھلى سەلىب( خىرىستىئانلار)نىڭ ئۇزۇن ۋاقىت (90 يىلچە) بەيتۇلمۇقەددەسنى ئىستىلا قىلىۋېلىشى ( قىيىنچىلىق) ئاندىن سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ قولى ئارقىلىق بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئازات قىلىنىشى ( ئاسانلىق).

مۇڭغۇللارنىڭ ئىسلام خەلىپلىكىنىڭ پايتەختى باغداتقا بېسىپ كىرىپ، باغداتنى ۋە ئۇنىڭدىكى كۈتۈپخانىلارنى ۋەيران قىلىشى (قىيىنچىلىق) ئاندىن قۇتۇزنىڭ مۇڭغۇللارنى مەغلۇپ قىلىشى (ئاسانلىق).

ئەندەلۇس ( ئىسپانىيە) نىڭ ئاخىرقى رەۋىشتە  قولدىن كېتىشى (قىيىنچىلىق) ئاندىن دەل شۇ يىلى قۇستەنتىن ( ئىستانبۇل) نىڭ فەتھى قىلىنىشى (ئاسانلىق).

دېمەك، ئىسلام قۇياشى غەربى ياۋرۇپادا پېتىپ بولغۇچە، شەرقى ياۋرۇپادىن پارلاپ چىققان.

بۇ ئىسلام دىنىمىز بىر خىل ئاجايىپ مەزمۇتلۇق ۋە ئىچكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇ كۈچ ئاپەت خاراكتېرلىق كىرزىس يۈز بەرگەن پەيتتە پارتلاپ چىقىدۇ.

  1. ئىسلام ئويغىنىش دولقۇنى:

بۇ ئويغىنىش ئەڭ كۈچلۈك بىشارەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ھازىر مۇسۇلمان ياشلىرى ئاللاھغا بىلىم ۋە ئاڭ بىلەن ئىبادەت قىلىپ، قۇرئان كەرىمنى توغرا قائىدىسى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن ئۆز دىنىنىڭ  ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشكە، تەجۋىد قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە يۈزلەنمەكتە.

شۇنداقلا  دىن ۋە تەجۋىد قائىدىلىرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قىلىدىغان ياشتا چوڭىيىپ قالغان ئاياللارمۇ مەۋجۇد.

يەنە شۇنىڭدەكلا، ھايالىق، ھىجابلىق، ئەرلەر بىلەن قالايمىقان ئارىلاشمايدىغان نۇرغۇن ئىسلام قىزلىرى مەۋجۇد.

شۇنداقلا، ئىسلام مەزمۇنىدىكى ئۈن- سىن لېنتىلىرى ئىنتايىن زور دەرجىدە تارقىلىۋاتىدۇ.

شۇنداقلا ئىسلامي مەزمۇندىكى كىتاپلار ئەڭ بازارلىق ۋە ئەڭ كەڭ تارقىلىدىغان ھالغا كەلدى.

شۇنداقلا ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىگە كىشلەر كەڭ دەرىجىدە يۈزلەندى.

شۇنداقلا ئۇتۇق قازانغان ياشلار، تىجارەتچىلەر ۋە داڭلىق ئەربابلار – ئىبادەت ۋە ئىسلام يولىغا كۈنسېرى كۆپلەپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇئىنتايىن ئۇلۇغ بۇرۇلۇش.

شۇنداقلا ئىسلام دىنىغا كىرۋاتقان غەربلىك داڭلىق ئەربابلار كۈنساناپ كۆپەيمەكتە.

  1. غەربلىكلەرنىڭ زور مىقداردا ئىسلام دىنىغا كىرشىكە يۈزلىنىشى:

بۇ مەسىلىدىن ئىنتايىن زور بىشارەتلەر، چوڭ ئۈمىدۋارلىق، بەلكى ئۇلۇغ ئۈمىدۋارلىقلارغا ئىگە بولىمىز.

  1. ئاياللارنىڭ ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا گۇناھلاردىن قول ئۈزۈشىكە يۈزلىنىشى.

 بۇ ئۇلۇغ ئۈمىدۋارلىق ۋە زور بىشارەتتۇر. چۈنكى ئاياللار جەمىئىيەتنىڭ يېرىمى بولۇپ، قالغان يېرىمىنى ئاياللار تەربىيلەيدۇ.

  1. ئۈممەتنىڭ ئىلكىدە نۇرغۇن كۈچ- قۇۋۋەت بارلىقى:

ئىسلام ئۇممىتى نۇرغۇن كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە؛ ئۈممەت ئۇلۇغ روھى قوزغاتقۇچ كۈچكە ئىگە، سان- ساناقسىز ئادەم كۈچىگە ئىگە، زور ماددىي ۋە ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

ئۈممەت شۇنداق بىر ئۇلۇغ قورالغا، كۈچلۈك ساغلام دەستۇرغا ئىگىكى، بۇ دەستۇرنى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىگە تەتبىقلاپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان بولسا، ئۈممەتنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە توسالغۇ بولۇپ تۇرالمايدۇ ۋە ھازىرقى ئەھۋالىمز كارامەت بىر ئەھۋالغا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ قورال دەل ئۇلۇغ ئىلاھىي دەستۇرغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت:«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»،(رەئد سۈرىسى، 11- ئايەت).

  1. بارلىق زېمىن تۈزۈملىرىنىڭ جۇلىقى چىقىپ، كىشلەر تۈزگەن قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى؛ ساپ ئەقىلگە تايانغان بارلىق تەلىماتلارنىڭ چېكىنىشى، گوياكى ئاللاھ تائالا بىزگە دەۋاتقاندەكلا:بارلىق قانۇن- تۈزۈملەرنى، ھەر خىل تەلىماتلارنى سىناپ باقتىڭلار ۋە نەتىجىدە مەغلۇپ بولدۇڭلار، خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمىدىڭلار!ئەمدى سىلەرگە پەقەت ئىسلاملا دىن، تۈزۈم ۋە شەرىئەت بولۇپ تۇرالايدۇ.

كوممۇنىزمنى، كاپتالىزمنى، سېكۇلارزىمنى ۋە باشقا نۇرغۇن- نۇرغۇن يارىماس ئەقلىي تەلىمات- ئىزملارنى سىناپ كۆردۈڭلار، نەتىجىدە مەغلۇپ بولدۇڭلار. قۇرۇق جىدەلگە پاتتىڭلار، خاتىرجەملىك تاپالمىدىڭلار.

ئەمدى سىلەر ئىززەت- ھۆرمەت، يۈكسەكلىك، خاتىرجەملىك، مۇقىملىق ۋە دۇنيا- ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىنى خالىساڭلار، ئالدىڭلاردا  سىلەر ئۈچۈن دىن ، شەرىئەت، نىزام ۋە ھاياتلىق يولى بولالايدىغان پەقەت ئىسلاملا بار.

  1. قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق، سەۋردىن كېيىن غەلىبە، زۇلمەتتىن كېيىن نۇر تۇغۇلىدۇ؛ تاڭ ئېتىپ نۇرلار جىلۋە قىلىشتىن ئىلگىرىكى دەقىقىلەر ئەڭ قاراڭغۇ بولىدۇ.

جاپا- مۇشەققەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى لەھزىلىرىدە ئاسانلىق يېتىپ كېلىدۇ.

 ھەزرىتى ئىبنى ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: »  بىلگىنكى، قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىشتا نۇرغۇن ياخشىلىق بار، غەلىبە سەۋر بىلەن بىللىدۇر، خوشاللىق جاپا بىلەن بىللىدۇر، قىيىنچىلىق بىلەن بىللە ئاسانلىق باردۇر» ئىمام ئەھمەد مۇسنەدى، 2666- ھەدىس.

بىراقلا يېشىلەر، تۈگەر مۇشەققەت،

ھالقىدەك سىقسىمۇ قەۋەتمۇ – قەۋەت!

بۇ يارقىن بىشارەتلەرنى ھەمرا قىلىڭلار، ئۇلارنى يېزىپ كۆچۈرۈڭلار، تارقىتىڭلار، بۇلار ئارقىلىق روھىڭلارغا ئۈمىدۋارلىق ئۇرۇغىنى تېرىڭلار!

2004- 2- 20 كۈنى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلالى

قاھىرە شەھىرى