2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

پەتىۋا بېرىش ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى

پەتىۋا بېرىش ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى يۈز بەرگەن ۋە كۈتۈلىۋاتقان شەرىئەتنىڭ بارلىق ئەھكاملىرى ئۈچۈن ئومۇمىي بىر  ئۆلچەم ئورنىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى نىشان بىرلىكى، پىكىر بىرلىكى، خىزمەت بىرلىكى ۋە چىقىش يولىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكىدەك ئورۇنسىز تالاش-تارتىش كۆپەيگەن، ئىدىيە كۆرىشى جانلانغان، پرىنسىپال مەسىلىنىڭ ئورنىغا تارماق مەسىلىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان، غايىنىڭ ئورنىغا ۋاسىتىنى ئالدىغا قويۇۋالغان، پرىنسىپنىڭ ئورنىغا شەخسلەرگە مۇتەئەسسىپىلىك قىلىش كۈچەيگەن بىر زاماندا دەۋەت ۋە خىزمەت يولىدا شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش نىشانلىق ئىسلاھاتنىڭ ۋە توغرا ئويغىنىشنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

خىزمەت يولىدا شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئاساسلىق مەسىلىنى ئۇنتۇپ تارماق مەسىلىلەر مەشغۇل بولۇپ كېتىش، ۋەھىينى ئەمەس شەخسلەرنى مۇقەددەس بىلىش، ۋاستىنى مەقسەتنىڭ ئالدىغا قويۇۋېلىش… دېگەندەك تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان مەسىلىلەرنى تۈگىتىدۇ ۋە كېسەلنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

(1)

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى: شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان مەقسەت ۋە غايىلەردىن ئىبارەت.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى پرىنسىپال مەقسەتلەر ياكى زۆرۈرىيەت مەقسەتلىرى، ئېھتىياج مەقسەتلىرى ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ياكى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسەتلىرى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇ مەقسەتلەر قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرپنىڭ ھەر بىر ھۆكۈملىرىدە كۆزلەنگەن، شەرىئەت يولغا قويغان ھەر بىر ھۆكۈمدە بۇ مەقسەتلەردىن بىرنى ياكى بىر قانچىسىنى ھىمايە قىلىشنى كۆزلىگەن، چۈنكى شەرىئەت مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

1.زۆرۈرىيەت مەقسەتلىرى: دىن، جان، ئەقىل، ئىززەت-ئابروي ياكى نەسىل ۋە مال-مۈلۈكنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىبنى تەيمىيە ۋە ئەللامە تاھىر بىن ئاشۇرغا ئوخشاش بۈيۈك بەزى ئالىملار دەلىلنىڭ كۆپلۈكىدىن: ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي ھۆرمەتنى قوغداشنىمۇ شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن دەپ قارىغان. چۈنكى بۇ مەسىلىلەرمۇ شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال ئاساسلىرىنىڭ قاتارىدىن.

زۆرۈرىيەت مەقسەتلىرى ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان ئاساسلىق مەقسەتلەر بولۇپ، بۇ مەقسەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىرەرسى يوق بولۇپ قالغاندا ھايات تۈزۈمى بۇزۇلىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ ۋە ئادىمىيلىككە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. بۇ مەقسەتلەرنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىنسانلىقىنى يوقاتمىغان بارلىق دىنلار ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئويلىنىش كەتمەيدۇ، زۆرۈرلۈكى ئۆزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەت پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىرسىدىن چاتاق چىقسا، قالغىنىغا چوقۇم سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەرىئەتنىڭ بارلىق ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بۇ بەش تۈرلۈك زۆرۈر مەسىلىنى ھىمايە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.

2.ئېھتىياج خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەر:

ئېھتىياج مەقسەتلىرى دېگەن: ئېھتىياج تەلەپ قىلىۋاتقان مەقسەتلەردىن ئىبارەت. ئېھتىياج مەقسەتلىرى زۆرۈرىيەت دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان مەنپەئەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەقسەتلەر ھايات ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان بەك زۆرۈر ئورۇندا تۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ مەقسەتلەر بولمىسا ھايات توختاپ قالمايدۇ. بىراق بۇ مەقسەتلەرگە ئېھتىياج كۆپ بولىدۇ، يوق بولۇپ قالسا جاپا-مۇشەققەت تۇغۇلىدۇ.

 مەسىلەن، ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتى، مىقدارى ۋە شەكىللىرىنى بەلگىلەش دىننى ھىمايە قىلغانلىقتۇر، چۈنكى تەپسىلاتى ئېنىق بولمىسا ئېنىقسىزلىق پەيدا بولۇپ، نەپسى خاھىش، ھورۇنلۇق ۋە سۇسلۇق قىلىش ئالدىدا يول ئېچىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىبادەتنى قوغداش ئۈچۈن تەپسىلاتى، شەرتلىرى، مىقدارلىرى ۋە شەكىللىرىنى بەلگىلەش لازىم بولغان.

ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئالدىن زاكالەت بېرىش سودىسى، يوق نەرسىنى ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش سودىسى، مۇزارىبە (بىرسى پۇل يەنە بىرسى كۈچ چىقىرىپ شېرىكلىشىش)سودىسى، ھۈنەرۋەنلەرگە بۇزۇۋەتكەن نەرسىلەرنى تۆلىتىش… دېگەندەك ئىشلارنى دۇرۇس قىلغان. بۇ ئېھتىياجلارنى تاشلاپ قويۇش ئىنساننىڭ ھالاك بولۇشىغا ئېلىپ بارمايدۇ. بىراق ئىنساننىڭ زىيان تارتىشى، مۇشەققەت چىكىشى ۋە قىيىن ھالەتتە قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت يۈز بەرگەندە رۇخسەتنى يولغا قويۇش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدۇر. مۇشۇ ۋەجىدىن ئالىملار ئىسلام شەرىئىتىدىكى چوڭ قائىدىلەرنىڭ بىرى بولغان: «مۇشەققەت ئاسانلىقنى تۇغدۇرىدۇ»، «ئىش تارايسا كېڭىيىدۇ» دېگەن قائىدىلەرنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن.

  1. گۈزەللەشتۈرۈش ياكى تولۇقلاش مەقسەتلىرى:

زۆرۈرىيەت ياكى ئېھتىياج دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان ھەر قانداق مەنپەئەتلىك ئىشلار گۈزەللەشتۈرۈش ياكى تولۇقلاش مەقسەتلىرىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ مەقسەت ھاياتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇ مەقسەتلەر ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ ئومۇمى تۈزۈمى مۇكەممەللىشىپ، خاتىرجەم ياشايدۇ. دېمەك، شەرىئەت مەنپەئەتلەرنى بارلىق سەۋىيىسى بويىچە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. گۈزەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەقسەتلەر ۋاجىپ، سۈننەت، مۇباھ، مەكروھ ۋە ھارام دېگەن تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

مەسىلەن، نەپلە ئىبادەت، مۇئامىلىگە ئالاقىدار ئەدەب-ئەخلاق، ئېسىل ئادەتلەر، مەنىسىز ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئىسراپ قىلماستىن چىرايلىق ياسىنىش، ئەتىر ئىشلىتىش، ئەۋرەتنى يۆگەش، نىجىس نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىشتىن توسۇش…دېگەنگە ئوخشاش ئىشلار.

(2)

پەتىۋا بېرىش ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسىتى

1.پەتىۋا بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئورنى:

شەرىئەت مەسىلىلىرىدە پەتىۋا بېرىشنىڭ كىشىلەرگە دىننى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىشتا چوڭ رولى بار. رەسۇلۇللاھ ۋە رەسۇلۇللاھدىن كېيىنكى ئۆلىمالار بۇ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. بەزى ئۆلىمالار پەتىۋا بېرىشنى شەرىئەتكە ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇش دەپ ئىزاھلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا بەرمەكچى بولغان كىشىدە باشقا شەرتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئىلمىي سالاھىيەت» تېپىلىشى لازىم.

بۇ يۈكسەك ماقامنى بىلىمسىزلەردىن ھىمايە قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پەتىۋا بېرىش ئىشلىرىدا بىلىمسىزلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش لازىم. رەسۇلۇللاھ بىلىمسىز ئادەملەرنىڭ پەتىۋا بېرىش ئىشلىرىغا ئارىلاشسا ياكى ئوتتۇرىغا چىقىۋالسا دىن ۋە كىشىلەرگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان:« ئاللاھ بىلىم-مەرىپەتنى ئىنسانلاردىن بىراقلا تارتىۋالمايدۇ، ئالىملارنى ۋاپات قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىلىم-مەرىپەتنى ئېلىۋالىدۇ، جەمئىيەتتە ئالىم قالمىغاندا كىشىلەر نادان ۋە بىلىمسىز ئادەملەرنى رەئىس ۋە مۇپتى سايلىۋالىدۇ،  كىشىلەر ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇلار بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىۋېرىدۇ، نەتىجىدە ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).

بۈيۈك ئالىم ئىمام شاتىبى پەتىۋا بېرىشتىن ئىبارەت بۇ مەنسەپنىڭ پەزىلىتىنى تونۇشتۇرۇپ:«مۇپتى پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئاللاھقا ۋاكالىتەن دىنى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا جاۋاب بېرىپ شەرىئەتكە ۋاكالىتەن ئىمزا قويىدۇ ۋە پەيغەمبەرگە ئىزباسارلىق قىلىپ ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ۋە مۇپتىلار ھاكىملارغا ئوخشاش «ئىش ئۈستىدىكى مەسئۇللار» دەپ ئاتالغان، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بىلەن بىر ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان» (شاتىبى: مۇۋاپىقات، 5-توم، 253-بەت).

2.شەرىئەتتە ئاسانلاشتۇرۇش چۈشەنچىسى:

 ئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلىق ۋە قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى مۇقەررەر بىر مەسىلە. شەرىئەتكە بىر پۈتۈن قارايدىغان بولساق، ئاللاھ بۇ دىننى ئىنسانلارغا رەھمەت ۋە ئاسان قىلىپ بەرگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىمۇ رەھمەت، كۆيۈنۈش ۋە ئىنساننىڭ قۇربىتى يەتمەيدىغان ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ مېنى تەسلەشتۈرىدىغان قىلىپ ئەۋەتمىدى، بەلكى ئاسانلاشتۇرغۇچى مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتكەن»دەيدۇ (مۇسلىم رىۋايىتى).

رەسۇلۇللاھ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنى ئاسانلاشۇرۇشقا ۋە كىشىلەرگە قىينچىلىق تۇغدۇرماسلىققا بۇيرۇپ:«ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار، خۇش- بىشارەت بېرىڭلار، دىندىن قاچۇرۇپ قويماڭلار»دەپ تەۋسىيە قىلىپ تۇراتتى» (بۇخارى رىۋايىتى). مۇسۇلمانلارنى مۇمكىن قەدەر دىننىڭ دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شەرىئەتتە كەلگەن دەلىلگە ئاساسەن ئاسانلاشتۇرۇش ۋە توغرا يولغا قىزىقتۇرۇش لازىم. مۇسۇلماننى دەلىل ئاساسىدا دىننىڭ كۆرسەتمىسى دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرغانلىق شەرىئەتنىڭ ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش، مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە ئۇيغۇندۇر.

پەتىۋا بېرىش مەسىلىسىدە چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەسلەشتۈرۈش چەكلەنگەندەك، دىننىڭ كۆرسەتمىسىگە سەل قاراشمۇ چەكلىنىدۇ. شەرىئەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە كەسكىن مەسىلىلىرىدە ۋاز كېچىش ياكى ئاسانلاشتۇرۇش قەتئىي توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ شەرىئەت پرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى ۋە ئاساسلىرى بىلەن ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ئىنسانلارغا تەتبىقلاشتا، شۇنداقلا ھەر زامانغا يارايدىغان سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىدا رەھمەت بولۇپ كەلگەن.

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، شارائىت ۋە رېئاللىقنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن –دەلىلسىز- ئاسانلاشتۇرۇش ئۇقۇمىدا مۇبالىغە قىلىۋېتىش خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.

(3)

پەتىۋانى ئاسانلاشتۇرۇشتا چېكىدىن ئاشۇرۇش ۋە سەل قاراش مەسىلىسى

 

پەتىۋا بېرىش ساھەسىدە جەمئىيەتتە ئىككى ئېقىم بار بولۇپ، بىرسى ئاسانلاشتۇرۇشتا مۇبالىغە قىلىۋەتكەن، يەنە بىرسى تەسلەشتۈرۈشتە مۇبالىغە پەيدا قىلىپ ئاسانلىق پرىنسىپىدىن يىراقلاشقان.

بىرىنچى: ھۆكۈمنى قاتتىقلاشتۇرۇش ۋە ئېھتىيات يولىنى تۇتقان ئېقىم:

بۇ ئېقىمنىڭ مۇھىم بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. مەزھەپ ياكى كۆز-قاراش ياكى بەزى ئالىملارغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىش.

مۇتەئەسسىپلىك دېگەن: ئىجتىھادى ئىشلاردا ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى تالاش-تارتىش قىلغىلى بولمايدىغان بىردىن بىر ھەق دەپ قاراشتىن ئىبارەت. بۇلار ئۆزىگە ياخشى گۇماندا بولىدۇ، باشقا ئىجتىھاد يولىنى تۇتقانلارغا قوپال تېگىدۇ. كىشىلەرنى باشقا كۆز-قاراشلاردىن مەھرۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا مەجبۇرلاشتا چىڭ تۇرىدىغان يولنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە كىشىلەرنى قىيىن ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئىمام ئەھمەد: كىم كىشىلەرگە پەتىۋا بەرسە، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا مەجبۇرلىشى توغرا ئەمەس، دېگەنىكەن (نۇۋەۋى: مەجمۇئ، 1-توم، 90-بەت).

2.پەقەتلا دەلىلنىڭ زاھىرىغا ئېسىلىۋېلىش:

دەلىلنى چوڭ بىلىش ۋە ئۇنى ئاساس قىلىش شەرىئەتنىڭ تەلىپى، ئۇقۇمى ئېنىق دەلىل بار يەردە ئىجتىھاد قىلىشقا ئورۇن يوق. بىراق دەلىلنى چۈشەنمەي ياكى شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى بىلمەستىن دەلىلنىڭ زاھىرىغا ئېسىلىۋېلىش بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. پىقھىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ باقمىغان كىشىلەر ئۆلىمالار تەرىپىدىن زاھىرىيلار ياكى قاتماللار دەپ ئاتالغان. بۇلار پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي بولغان ئۇسۇلى فىقھى بىلىملىرى بىلەن شۇغۇللانمىغان، ئالىملارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمىگەن، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان؛ زامان، ماكان ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تارماق ئەھكاملارنىڭ ئۆزگىرىدىغان سەۋەبلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن كىشىلەردۇر. (د.يۈسۈپ قەرزاۋى: ئۆلچەم ۋە ئۆلچەمسىزلىك ئارىسىدىكى ھازىرقى زامان ئىجتىھادى، 88-بەت).

بۇلارنىڭ ئاغزى ۋە قەلىمىدىن دەلىلسىز ياكى قائىدىسىز ھارام دېگەن سۆز كۆپ چىقىدۇ.

  1. ۋاسىتىنى چەكلەشتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە ئېھتىيات يولىنى تۇتۇشتا مۇبالىغە قىلىۋېتىش:

شەرىئەتنىڭ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مەقسەتلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ۋاسىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئېتىبارغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر كەلگەن. بۇ قائىدىنى ئېلىشنىڭ توغرىلىقىدا مەسىلە يوق. بىراق «ۋاستىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن بۇ قائىدىنى تەتبىقلاشتا مۇبالىغە قىلىپ، بىر مەنپەئەتگە قارشى ياكى خىيالى زىيانغا قارشى بىر قانچە مەنپەئەتلەرنى بىكار قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس.

مەسىلەن، بەزىلەر باشقا مىللەتلەر قولغا كەلتۈرگەن بىلىم-مەرىپەت، ئىجادىيەت ۋە ئىدارە تۈزۈملىرىدىن پايدىلىنىشنى بىدئەت دەپ قاراپ رەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئىقتىساد ۋە مېدىتسىنا ساھەسىدىكى كۆپلىگەن يېڭى مەسىلىلەرنى كاپىر ئەللىرىدىن كەلگەن دەپ قاراپ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە زىت كەلمەيدىغان بەزى نۇقتىلارنىمۇ رەت قىلىدۇ. ئۈممەتنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئېھتىياجى بولغان ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە زىت كەلمىسىلا ۋاسىتىنى چەكلەش ئەمەس، بەلكى ۋاسىتىنى ئېچىش لازىم.

بۇ ئېقىم ئىجتىھاد ياكى ئىختىلاپ بولغان مەسىلىلەردە سەل قاراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن قائىدىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئېھتىيات يولىنى تۇتۇۋېلىپ پەقەتلا ھارام ياكى ۋاجىپ دېگەن پەتىۋا بېرىش ئارقىلىق ھۆكۈمنى ھەممە كىشىلەرگە ۋە ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئومۇملاشتۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئۈممەت ياكى مىللەتنىڭ ئېھتىياجى بولغان بەزى ساھەلەردە ئاياللارنىڭ ئۆلچەملىك كىيىم-كېچەك بىلەن خىزمەت قىلىشىنى چەكلەيدۇ، جازانە بار دېگەن شۇبھە بىلەن بانكا مۇئامىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام دەپ قارايدۇ…

بىر ئىنسان تەقۋالىقىنى ئاشۇرۇش ۋە كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە قانچىلىك ئېھتىيات يولىنى تۇتسا دۇرۇس، قوللاشقا ئەرزىيدۇ، بىراق كىشىلەرگە ئاسان پەتىۋا تۇرسا ئېغىر پەتىۋا بېرىش ياكى مەجبۇرلاش كىشىلەرنى قىيىن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھەر قانداق ئىشلاردا ئېھتىيات يولىنى تۇتۇش ۋە باشقىلارنى شۇنىڭغا بۇيرۇش ئىنسانلارنىڭ ئەھۋاللىرىدا قىيىن شارائىت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىدا زىيان كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. ( ياقۇپ باھىسىن: ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش، 115-بەتكە قاراڭ).

ئىككىنچى: سەل قاراش ۋە دەلىلسىز ئاسانلاشتۇرۇۋېتىش ئېقىمى:

بۇلارنىڭ مۇھىم بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. دەلىلگە زىت كەلسىمۇ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم دەپ قاراپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ:

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولغان مەنپەئەت دېگەن دەلىل ياكى ئىجماغا زىت كەلمەيدۇ. ئەگەر مەنپەئەت ئېنىق دەلىل ياكى ئېنىق ئىجماغا زىت كەلسە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى دۇرۇس دەپ قاراپ، ئىجماغا زىت ھالدا پەتىۋا بەرگەن. يەنە بەزىلەر ساياھەتنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ھاراق ساتسا دۇرۇس، رامىزان ئېيىدا ئىشلارنى ئاقسىتماسلىق ئۈچۈن روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن. يەنە بەزىلەر مىراستا ئوغۇل-قىزلارنى باراۋەر قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ھالبۇكى بۇ پەتىۋالار ئېنىق دەلىلغا زىت كېلىدۇ.

2.رۇخسەت ئىزدەپ يۈرۈش:

قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن رۇخسەتلەرنى تۇتۇپ مېڭىش يوللۇقتۇر. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ  كۈچلۈك ھۆكۈملىرى ئىجرا قىلىنغاندەك، رۇخسەت ھۆكۈملىرىنىڭمۇ ئىجرا قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ»دېگەن (تەبرانى ۋە بەززار رىۋايىتى).

ھەزرىتى ئائىشە:«رەسۇلۇللاھ ئىككى ئىش ئارىسىدا ئىختىيارلىق بېرىلسە، گۇناھ بولمىسىلا ئاسان ئىشنى تاللايتتى، ئەگەر گۇناھ بولۇپ قالىدىغان ئىش بولسا قەتئىي قىلىپ سالمايتتى»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ئەمما مۇپتى ئېھتىياج بولمىسىمۇ پەتىۋالىرىدا دائىم مەزھەپلەردىكى رۇخسەت ھۆكۈملەرنى ئىز قوغلاپ يۈرسە بولمايدۇ. چۈنكى ھەر مەسىلىدە ئېھتىياج بولمىسىمۇ مەزھەپلەردىكى رۇخسەت تەرەپلىرىنى ئىز قوغلاپ يۈرۈش نەپسى خاھشقا باشلاپ بارىدۇ ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ.

(4)

پەتىۋانى ئاسانلاشتۇرۇش ئۆلچەملىرى

 

ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇراھاللىق ۋە ئاسانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر شەرىئەت. شۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋا بەرگۈچىلەر ئورۇنسىز چىڭ تۇرۇۋېلىش بىلەن سەل قاراش ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتۇشى كېرەك. ئىمام شاتىبى:«يېتىشكەن مۇپتى جۇمھۇر كىشىلەرگە مۇناسىپ كەلگۈدەك ئوتتۇراھال يول بىلەن پەتىۋا بېرىدۇ، ئۇلارنى قاتتىقلىق مەزھىپىگە قىسىتىمايدۇ ياكى سەل قاراش تەرىپىگە مايىل بولمايدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ياكى سەل قارىماستىن ئوتتۇراھال يولغا دەۋەت قىلىشتۇر. ئوتتۇراھاللىقتىن چەتنىگەن ھەر قانداق بىر نەرسە يېتىشكەن ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ. دەلىلسىز قاتتىقلاشتۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراش ئادالەتتىن چەتنىگەنلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇنىڭ بىلەن ھەل بولمايدۇ. پەتىۋانى دەلىلسىز قاتتىقلاشتۇرغۇچى ياكى سەل قارىغۇچى تەرەپنىڭ ھەر ئىككىسى ھالاك قىلغۇچىدۇر. پەتىۋا ئىشلىرىدا كىشىلەرگە قىيىن ھالەت شەكىللىنىدىغان تەرەپكە تەشەببۇس قىلىنسا، دىن كىشىلەر تەرىپىدىن يامان كۆرۈلۈپ قېلىپ، كىشىلەرنىڭ دىندىن قېچىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەمما سۇسلۇق قىلىش تەرەپكە تەشەببۇس قىلىنسا، نەپسى خاھىشقا يول ئېچىپ بېرىدۇ» دېگەن (مۇۋاپىقات، 5-توم، 276-بەت).

دېمەك، مۇپتى شەرئى دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى ۋە پەتىۋا بېرىشنىڭ ئاساسلىرى بويىچە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا رېئايە قىلىپ، قاتتىقلاشتۇرۇۋەتمەستىن ياكى سەل قارىماستىن ئوتتۇراھال يولنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئىمام سۇفيان سەۋرى:« ھەقىقى بىلىم دېگەن ئىشەنچ بىلەن رۇخسەت يولىنى تۇتۇپ مېڭىشتا نامايان بولىدۇ، قاتتىقلىقنى ھەممە ئادەم قاملاشتۇرالايدۇ»دېگەنىكەن. مانا بۇ تەقۋا ۋە ئوتتۇراھال يول تۇتقان ئۆلىمالارنىڭ يۆنىلىشىدۇر.

بىلىم-مەرىپەت بولسا ئىنسانلارنى بىلمەي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلايدۇ، تەقۋالىق بولسا نەپسى خاھىش بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلايدۇ، ئوتتۇراھاللىق بولسا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشتىن ساقلايدۇ. مانا بۇ ئىسلاھاتچى ئۆلىمالار دەۋەت قىلىۋاتقان توغرا شەرئى ئىجتىھاد يولىدۇر.

(5)

پەتىۋا بېرىشتە ئاسانلاشتۇرۇش ئۆلچەملىرى

1.بىلىملىك ۋە ئادالەتلىك بولۇش.

  1. ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسىنى بېرىشتىن ئىلگىرى مەسىلىنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش.
  2. ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسى بىلەن ئەمەل قىلغاندا دەلىل ۋە قائىدىلەرنى بايان قىلىش.

4.بىر ئىشتىن چەكلىگەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇباھ بولىدىغان يولنى كۆرسىتىپ قويۇش.

  1. ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسى بىلەن ئەمەل قىلغاندا ھاسىل بولىدىغان مەنپەئەتنىڭ ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش.

6.ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسى بىلەن ئەمەل قىلغاندا قىيىن ھالەتنى كۆتۈرۈۋېتىش قائىدىسىنى ئېتىبارغا ئېلىش. بۇ يەردىكى سىقىنچىلىقتىن مەقسەت: بەدەن ياكى جان ياكى مال-مۈلۈككە پەيدا بولىدىغان ئارتۇق مۇشەققەتتىن ئىبارەت.

7.ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسىنى ئالغاندا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرگە قاراپ چىقىش. مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ ئىش قىلىش ياكى پەتىۋا بېرىشنىڭ شەرىئەتتە ئاساسىي بار.

8.ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسىنى بېرىشتىن ئىلگىرى ئەمەلىي شارائىتنى چۈشىنىش مۇھىم. چۈنكى ئىجتىھادى ئەھكاملار ۋەزىيەت، زامان، ماكان ۋە مۇھىتقا قارىتا تەسىرلىنىدۇ (ئىبنى ئابىدىن مەجمۇئەسى، 123-بەت).

شۇنىڭغا بىنائەن:« ئىجتىھاد خاراكتېرىدىكى ئەھكاملارنىڭ زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىشى ئىنكار قىلىنمايدۇ»دېگەن فىقھى قائىدە شەكىللەنگەن (د.ئەھمەد زەرقا:فىقھى قائىدىلەرنىڭ ئىزاھاتى، 227-بەت).

ئەسكەرتىش:

(1).شەرئى ئەھكام شارائىت ۋە زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، بەلكى شەرئى ھۆكۈم بىر شارائىتتىن يەنە بىر شارائىتقا قارىتا زامان، ماكان ياكى شارائىت سەۋەبىدىن پەرق ئېتىدۇ. يەنى شەرئى ھۆكۈم ئىللىتى ۋە سەۋەبىگە قارىتا ھەرىكەت قىلىدۇ.

(2).پەتىۋا نەپسى خاھىش بىلەن ياكى بىرەرسىنىڭ ياخشى ياكى يامان دېگەن سۆزى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. بەلكى ئالىملار ئىزدىنىشتە ھېس قىلغان سەۋەب تۈپەيلىدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەنپەئەت ئېتىبارى بىلەن ئۆزگىرىدۇ.

(3).پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى بەلگىلەش مەسىلىسى مۇجتەھىد ياكى پەتىۋا بېرەلەيدىغان ئالىملارغا خاستۇر، خالىغان ئادەم بۇ مەيدانغا كىرەلمەيدۇ.

  1. ئاسانلاشتۇرۇش پەتىۋاسى بىلەن ئەمەل قىلغاندا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۆرپ-ئادەتكە قاراش.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا زىت كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەتلەر  زامان، ماكان ۋە شارائىتقا قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئۆلىمالار توغرا ئۆرپ-ئادەتنى ئېتىبارغا ئېلىپ خېلى كۆپ مەسىلىلەرگە شۇ ئاساستا پەتىۋا بەرگەن. مەسىلەن، بالاغەتكە يېتىش يېشى، ئالدىم- تەگدىم دېيىش مەسىلىسى، بەزى سودا سېتىق ئىشلىرى… دېگەندەك. دېمەك، پەتىۋا ئىشلىرىدا مىللەت ياكى يۇرتلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىگە رېئايە قىلىش مۇھىم. چۈنكى شەرىئەت مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2018- يىلى ، 5- ئاينىڭ 8- كۈنى

ئىستانبۇل.