2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام دۆلەت شەكلىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن

ئىسلام دۆلەت شەكلىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن

ئىسلامدا سىياسەت، دۆلەت ۋە ئومۇمىي ئىدارە ئىشلىرى شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال ئاساسلىرى، قائىدىلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا باشقۇرۇلىدۇ. ئىسلام دىنى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئىسمىنى ۋە شەكلىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن. ئەگەر ئىسلامدا تەپسىلاتلىرى بەلگىلەنگەن مۇقىم سىياسىي تۈزۈم بولغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ تۈزۈم ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا تەتبىقلاشقا يارىمىغان بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى ئىنسان ھاياتىدا مۇقىم بولغان ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاق ساھەلىرىدە تەپسىلى ئەھكاملىرىنى بايان قىلغان. سىياسەتكە ئوخشاش ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ياكى تەرەققى قىلىپ تۇرىدىغان ساھەلەردە بىر بۆلەك ئومۇمىي قائىدە، پرىنسىپ ۋە مەقسەتلەرنى بايان قىلغان. تەپسىلاتىنى زامان ۋە شارائىتقا قاراپ ئىجتىھاد قىلىشقا قالدۇرۇپ قويغان.

1.قۇرئان- سۈننەتتە دۆلەت ئىسمى ۋە شەكلى تىلغا ئېلىنمىغان

قۇرئان ياكى سۈننەتتە سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئىسمى ۋە شەكلى توغرىسىدا ئېنىق ھۆججەت كەلمىگەن. ئىسلام تارىخىدىكى «ئىسلام خەلىپىلىك تۈزۈمى» ياكى «خەلىپىلىك » سىياسىي ئىجتىھاد بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىنسانىي پائالىيەت ۋە تارىخى بىر تەجرىبە. ۋەھىيىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئىنساننىڭ تارىخى تەجرىبىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. سىياسىي تۈزۈمدىكى تارىخى تەجرىبە ۋەھىينىڭ پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى تەتبىقلاش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.

ئىسلامنىڭ سىياسىي تارىخىدا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەگىشىشكە تېگىشلىك دىننىڭ كۆرسەتمىسى دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئىسلام تارىخىنى قانۇن چىقىرىش، سىياسىي ئەھكاملارنى چۈشىنىش ۋە سىياسەتنىڭ شەكلىنى بەلگىلەشتە دىن سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېلىش توغرا كۆز-قاراشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. سىياسىي تارىخىمىزنىڭ بەزى زامانلىرىدا يۈز بەرگەن سىياسىي مۇستەبىتلىك، كۈچ ئارقىلىق ھوقۇققا چىقىۋېلىش، پىتنە ئۇرۇشى، ئۈممەتنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلىمەسلىك ۋە كېڭەشنى بىكار قىلىۋېتىش دېگەندەك ئەھۋاللار شەرىئەتنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. بۇ ئىشلارنى قىلغان خەلىپە ياكى سۇلتانلار ئىسلامغا ھۆججەت بولالمايدۇ، بەلكى ئىسلام بۇلارغا ھۆججەتتۇر.

خەلىپىلىك تۈزۈمى دۆلەت رەئىسىنى تاللاش، ئۇنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بەلگىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدارە تۈزۈم ئىشلىرىغا ئالاقىدار بىر تۈزۈمدىن ئىبارەت. شەرىئەتتە تەپسىلاتى بەلگىلەنگەن سىياسىي تۈزۈم يوق، بەلكى شەرىئەت سىياسىي تۈزۈمنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە قائىدىلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئىسلامدا دۆلەتنى «خەلپىلىك دۆلىتى» دەپ ئاتاڭلار دەيدىغان ھۆججەت يوق، دۆلەت رەئىسىنى «خەلىپە» دەڭلار دەيدىغان بۇيرۇقمۇ يوق، ئىسلام دۆلىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى «خەلىپىلىك تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىدۇ، دەيدىغان كۆرسەتمىمۇ يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرئى سىياسەتكە ئالاقىدار ئىجتىھادى مەسىلىلەردىن ئىبارەت. ئىجتىھادى مەسىلە شارائىتقا قارىتا ئۆزگىرىشنى ۋە تەرەققى قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ.

  1. ئىسلامدىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپال قائىدىلەردىن ئىبارەت

سىياسىي تۈزۈم، سىياسىي تەدبىر، سىياسىي قارار ۋە سىياسىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇمىي پرىنسىپ ۋە ئومۇمىي قائىدىلەر كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ئىسلام كۆرسەتمىسىدە شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى، قائىدىلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى تۇتۇپ مېڭىڭلار، شەرىئەتنى تەتبىقلاڭلار، شەرىئەتنى تەتبىقلايدىغان ھۆكۈمەت تۇرغۇزۇڭلار، ئىسلامغا دەۋەت قىلىڭلار، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداڭلار، زىيانلىق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار دەيدىغان بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمە بار.

ئىسلامدا ئادالەت، كېڭەش، باراۋەرلىك، بىرلىك، قېرىنداشلىق ۋە ئەركىنلىكنى تەدبىقلاش، شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلىش، ھاكىمىيەتنىڭ مەنبەسى ئۈممەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلىش لازىم دەيدىغان ئېنىق بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەر بار.

ئىسلام دىنىدا دۆلەت قۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ئەركىن ئىبادەت قىلالىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىش، ئۈممەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش، ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن ۋاسىتىدۇر، غايە ئەمەس.

ئىسلامدا ھاكىمىيەت ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان كۆرسەتمە يوق. شۇنداقلا ھاكىمىيەتنى كۈچ بىلەن ئېلىۋېلىڭلار، ئۈممەتنىڭ ھوقۇقىنى كۈچ ئارقىلىق ئوغۇرلىۋالساڭلار بولىدۇ، ئۆلىمالار ۋە ياراملىق كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماستىن، دۆلەت قۇرۇۋالساڭلار بولىدۇ، دەيدىغان كۆرسەتمە يوق.

  1. سىياسىي تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئاساسلىرى:

ئىسلام دۆلىتىنىڭ ۋەزىپىسى: ئىسلام دەۋىتىنى ئىلمىي ئۇسۇل ۋە ھېكمەت بىلەن قانات يايدۇرۇش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەدبىقلاش، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا مۇسۇلمانلارنى ئىدارە قىلىش، مۇسۇلمانلارنى شۇنداقلا مەزلۇملارنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىسلامنىڭ سىياسىي ئۇقۇمى تۆت ئامىلغا تايىنىدۇ:

1) مۇسۇلمان خەلق ياكى مۇسۇلمان جەمئىيەت ياكى ئۈممەت. خەلق بولمىسا دۆلەت بولمايدۇ.

2) مۇسۇلمانلار ياشايدىغان زېمىن، ۋەتەن ياكى تۇپراق.

3) ھۆكۈمەت.

4) سىياسىي تۈزۈم ياكى شەرئى سىياسەت.

  1. ئىسلام دۆلىتىنىڭ خاراكتېرى

ئىسلامدىكى دۆلەت ئىسلام شەرىئىتىنى مەنبە قىلغان مەدەنىي دۆلەتتۇر، غەرب دۇنياسى بېشىدىن كەچۈرگەن دىنىي دۆلەت ئەمەس. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى سايلام ۋە كېڭەش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ، ھاكىم ئۈممەت (مۇسۇلمانلار) ئالدىدا مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ ياكى ھېساب بېرىدۇ. ھاكىمنىڭ سىياسەت ئىشلىرىدا مەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق سىياسەت يۈرگۈزۈشى پەرز. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇ ھاكىمغا قارىتا ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلاردىن چەكلەشتە نەسىھەت قىلىش ھەققى بولىدۇ. ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىدىغان دىنىنى تاللاشتا ھەققى بولغان ئىنساننىڭ ھاكىمنى تاللاشتا ھەققى بولمامدۇ!

ئىسلامدىكى ھاكىمنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى بولمايدۇ، ئۇنى شەرىئەت ۋە پرىنسىپ باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. ھاكىم شەرىئەتنىڭ قائىدىلىرى، پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە بويسۇنىدۇ. ئەگەر ھاكىم شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئېنىق خىلاپ بىر سىياسەتنى يۈرگۈزسە، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا بولمايدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى:«ئەگەر مەن توغرا سىياسەت يۈرگۈزسەم ماڭا بويسۇنۇپ مېڭىڭلار، ئەگەر شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا سىياسەت يۈرگۈزسەم، ماڭا بويسۇنماڭلار، سىياسەتنى ياخشى باشقۇرۇپ ماڭسام ماڭا ياردەم بېرىڭلار، سىياسەتنى خاتا يۈرگۈزۈپ ماڭسام مېنى قايسى يول بىلەن تۈزىتىپ قويۇڭلار» دېگەن.

مۇپەسسىر تەبەرى نىسا سۈرىسى، 29-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە :«ئۈممەت ياكى ئۈممەتنىڭ ۋەكىللىرى ھوقۇق مەنبەسى سانىلىدۇ، دېگەن (تەپسىر تەبەرى: 8-توم، 503-بەت). ئىسلامنىڭ سىياسىي تارىخىغا قارايدىغان بولساق ھەزرىتى ئەبۇبەكىرنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى بۇ ھەقىقەتنى دەللىلەيدۇ.

ئىسلام كۆز قارىشىدا ھاكىم ياكى خەلىپە ياكى سۇلتان ئاللاھنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، بەلكى ئۇنى سايلاپ چىققان ئۈممەتنىڭ ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى. ئۈممەت ئۇنى سايلاپ چىقىدۇ، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىدۇ، ھېساب ئالىدۇ ۋە كېرەك بولسا ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر:«ئەگەر مەندە توغرا يولدىن بۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆرسەڭلار، مېنى تۈزىتىپ قويۇڭلار» دېگەن. دېمەك، ھاكىم ياكى سۇلتان ھوقۇقىنى ئۈممەتتىن ئالىدۇ.

ئىسلامدا ھاكىم ياكى سۇلتان ئۆمۈر بويى ھۆكۈمەت باشقۇرسۇن دەيدىغان قائىدە ياكى كۆرسەتمە يوق. ئەگەر سالاھىيىتى بولسا، ئۇزۇن مۇددەت ھاكىم بولسا مەسىلە يوق. بىراق زىيان كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋال بولسا ياكى سالاھىيىتى يېتەرلىك بولمىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ رەئىسلىك مۇددىتىنى بەلگىلەش شەرئى سىياسەتتىكى بۈيۈك مەنپەئەت قاتارىدىن سانىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە توغرا يول تۇتقان ساھابىلەرنىڭ ھاكىمنىڭ مۇددىتىنى بېكىتمىگەنلىكى، ھاكىملارنىڭ ئۆمۈر بويى ھاكىم بولىشىنى كۆرسەتمەيدۇ.  ھاكىمنىڭ مۇددىتىنى بېكىتىش ھاراملىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ مەنپەئەتكە ئالاقىدار مەسىلە. بۇ مەسىلىدە ھالال ياكى ھارام قىلىشقا ئالاقىدار دەلىل يوق، ئۇ ئۈممەت بىلەن ھاكىمنىڭ ئارىسىدىكى سىياسىي كېلشىمدىن ئىبارەت. ئۈممەت خالىسا ۋاقىت بەلگىلەيدۇ، خالىسا چەكلىمە قويىدۇ. چۈنكى ھاكىم ئۈممەتنىڭ خىزمەتچىسى، ئۈممەت ھاكىمنىڭ قۇلى ئەمەس.

  1. ئىسلامدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرى:

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەئىسى ئىدى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى« پەيغەمبەر دۆلىتى»دەپ ئاتالغان. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى «مەدىنە سەھىپىسى ياكى مەدىنە ھۆججىتى»دەپ ئاتالغان.

رەسۇلۇللاھدىن كېيىن توغرا يول تۇتقان خەلىپىلەر باشقۇرغان زاماندىكى دۆلەتنىڭ ئىسمى«توغرا يول تۇتقان خەلىپىلەر دۆلىتى» ياكى «توغرا يولدىكى خەلىپىلىك» دەپ ئاتالغان. بۇ قىسقا زاماندىكى ھاكىملارنىڭ بەزىسى «خەلىپە» يەنە بەزىسى«ئەمىر مۆمىنىن» دەپ ئاتالغان.

ئۇمەۋىيلار باشقۇرغان دۆلەتنىڭ ئىسمى «ئۇمەۋىيلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. ئابباسىيلار باشقۇرغان دۆلەتنىڭ ئىسمى«ئابباسىيلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. ئۇمەۋىيلار ۋە ئابباسىيلارنىڭ سۇلتانلىرى خەلىپە ياكى باشقا لەقەملەر بىلەن ئاتىلاتتى. ئوسمانلىلار قۇرغان دۆلەت« ئوسمانىيە دۆلىتى»دەپ ئاتالغان، ھاكىملىرى «خەلىپە» ياكى «سۇلتان» دەپ ئاتالغان.

ئابباسىيلار زامانىدا قاراخانىيلار ئىسلام دۆلىتى، غەزنەۋىيلەر ئىسلام دۆلىتى، سەلجۇقىيلار ئىسلام دۆلىتى، خاۋارىزىم ئىسلام دۆلىتى… گە ئوخشاش بىر قانچىلىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرۇلغان، بىراق بۇلار دۆلىتىنى مۇستەقىل باشقۇرغان بىلەن ھەممىسى خەلىپىگە ئىتائەت قىلاتتى. ئىسلام جۇغراپىيىسى دائىرىسىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىسى بۈگۈنكى فىدراتسىيە ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تۈزۈمىگە ئوخشاپ كېتەتتى، چۈنكى ھەر بىر دۆلەت ئۆز دائىرىسىنى باشقۇرۇشتا مۇستەقىل ئىدى، بىراق ئېتىبارىنى بۈيۈك ئىسلام پايتەختى ياكى خەلىپىلىكتىن ئالاتتى.

6.دۆلەت تەدرىجى باسقۇچ بويىچە قۇرۇلىدۇ

دەسلەپتە مۇسۇلمان ئىنسان، مۇسۇلمان ئائىلە، مۇسۇلمان جەمئىيەت، مۇسۇلمان دۆلەت، مۇسۇلمانلار بىرلىكى ياكى خەلىپىلىكى يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە دەسلەپتە بۈيۈك دۆلەت قۇرۇش پىلانىدىكىلەر تەدرىجى ئىش-ھەرىكەت قىلىش پرىنسىپىغا رېئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى ئېرىشەلمەيدۇ. تەدرىجى ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىسلامنىڭ قانۇنىيىتىدۇر.

ئىسلام دۆلىتى قۇرىمىز دەيدىغانلار دەسلەپتە مەۋجۇد بولغان مۇسۇلمان خەلقىنى قۇتقۇزسۇن، تارىختىن بېرى ئىسلام خاراكتېرىگە ئايلانغان ئانا ۋەتەن زېمىنىنى ئازات قىلسۇن. ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك، ئىنسان ھۆرمىتى بىلەن ياشىغۇدەك ۋە ئەركىن ئىبادەت قىلغۇدەك شارائىتنى قولغا كەلتۈرسۇن. ئەركىنلىك بولمىغان يەردە شەرىئەتنى تەتبىقلاش قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت.

پۈتۈن دۇنيانى ئازات قىلىش خىيالىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزى تۇغۇلغان زېمىننى ئازات قىلسۇن. پۈتۈن دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىپ، مىللەتنىڭ كۈچىنى پايدىسىز جەڭلەردە زايە قىلمىسۇن.

ئابدۇراھمان كاشىغەرى

2018-يىلى،  رامىزان ئېيى

ئىستانبۇل