2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاندىكى ئۈممەت ئۇقۇمى توغرىسىدا

قۇرئاندىكى ئۈممەت ئۇقۇمى توغرىسىدا

ئۈممەتنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: دىن، يول، ئەۋلاد، مىسلىسىز ئۈلگە، ھەق يولدىكى كىشى، ۋاقىت ۋە بىر توپ ئادەمدىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئورتاق مەنپەئەت ۋە ئورتاق ئارزۇدىكى بىر توپ ئىنسانلار، ياكى دىن ياكى ماكان جۇغلىغان بىر توپ ئادەملەردىن ئىبارەت.

ئۈممەت دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە 49 قېتىم كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك مەنىلەرنى ئىپادىلىگەن.

  1. بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ:« مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا قىلاتتى) » (نەھل سۈرىسى، 93-ئايەت).
  2. پۈتۈن ياخشىلىق سۈپەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن مىسلىسىز ئۈلگە ياكى يېتەكچى مەنىسىدە كەلگەن:« ئىبراھىم ھەقىقەتەن پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ئىدى» (نەھل سۈرىسى، 120-ئايەت). ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىر كىشى بولسىمۇ، بىر ئۈممەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈممەت دەپ ئاتالغان.

3.بىر بۆلەك كىشىلەر مەنىسىدە كەلگەن :«مۇسا مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر ئۈممەت (يەنى بىر توپ كىشىلەرنى) كۆردى» (قەسەس سۈرىسى، 23-ئايەت).

  1. مىللەت ياكى خەلق مەنىسىدە كەلگەن:«بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» (نەھل سۈرىسى، 36-ئايەت).

يەنە:« ئۇلار(يەنى بەنى ئىسرائىل)نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلار قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق » (ئەئراف سۈرىسى، 160-ئايەت).

يەنە:«قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن» (فاتىر سۈرىسى، 24-ئايەت). بۇ ئايەتلەردىكى ئۈممەت سۆزى مىللەت ياكى ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

  1. بۈيۈك مىللەت مەنىسىدە كەلگەن:«سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن…» (رەئد سۈرىسى، 30-ئايەت). بۇ ئايەتتىكى ئۈممەت سۆزىدىن ئەرەب مىللەتلىرى مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر تىلدىكى مىللەتلەرنى ئەرەب ئۈممىتى، تۈرك ئۈممىتى، پارىس ئۈممىتى دەپ قوللىنىشقا بولىدۇ.
  2. بىر ئىش قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن جامائەت مەنىسىدە كەلگەن :«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 104-ئايەت).

يەنە:« ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار» (ئال ئىمران سۈرىسى، 113-ئايەت).

  1. ھايۋان تۈرى مەنىسىدە كەلگەن:«مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر(يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر)» (ئەنئام سۈرىسى، 38-ئايەت).
  2. بىر ئەۋلاد ياكى بىر ئەسىر مەنىسىدە كەلگەن:«ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس» (بەقەر سۈرىسى، 34-ئايەت).

يەنە:«ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ» (ھىجىر سۈرىسى، 5-ئايەت).

  1. دىن مەنىسىدە كەلگەن:«(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (ئەنبىيا سۈرىسى، 92-ئايەت).

يەنە:« ئۇلار:«ھەقىقەتەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ» (زوخرۇف سۈرىسى، 22-ئايەت).

  1. ئىسلام ئۈممىتى مەنىسىدە كەلگەن:«(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!)سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 110-ئايەت).

يەنە:«شۇنىڭدەك كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۈممەت قىلدۇق» (بەقەر سۈرىسى، 143-ئايەت).

قۇرئان كەرىم بۇ ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە سۈپەتلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنى باشقىلاردىن بىلەن پەرقلەندۈرگەن.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈممەت تەسەۋۋۇرى بىر يولغا ئىتتىپاق كەلگەن ئادەملەر دېگەن ئۇقۇمدا خۇلاسىلىنىدۇ.

بۇ ئايەتلەردىكى ئۈممەت ئۇقۇمىنىڭ يەكۈنى

 

قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ئۈممەتلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان ئالاقە تۈرلۈك بولغان. بەزىلىرىنى دىن، ئىش-ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيىگە ئوخشاش ئىختىيارى ئىشلار باغلاپ تۇرغان. يەنە بەزىلىرىنى زامان، ماكان، نەسەپ ۋە مىللەتكە ئوخشاش ئىختىيارلىق بولمىغان تەقدىرى ئىشلار بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان.

ئايەتلەردىكى ئۈممەت ئۇقۇمىغا ئاساسەن بىر تىللىق مىللەتلەرنى ئۈممەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەرەب ئۈممىتى، تۈرك ئۈممىتى، پارىس ئۈممىتى دېگەنگە ئوخشاش.

ئۈممەت ئاتالغۇسى بىر ئەقىدە بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلىدۇ، بۇ ئەقىدە ئۇلاردا نىشان، يۆنىلىش ۋە قىبلە بىرلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان بىرلەشتۈرگۈچى ئومۇمىي دائىرىدىن ئىبارەت. ئۈممەت ئۇقۇمىدىكى ھالقىلىق ئامىل مەقسەت ۋە نىشان بىرلىكىدۇر.

ئۈممەت ئۇقۇمى روھى ۋە سىياسىي قىممەت قاراشتۇر، ئىسلام ئۈممىتى ئەقىدە ۋە سىياسىي بىرلىك ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى بىر ئۈممەت ئۇقۇمى ئەقىدە ئۇقۇمىدىن كەلگەن، ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە ئەزا بولۇش ئۇقۇمى سىياسىي ئۇقۇمدىن كەلگەن. دېمەك، ئۈممەت سۆزى ئەقىدە، پىكرى ۋە ئىستىلى جەھەتتىن بىرلەشكەن ئىنسانلارغا قارىتىلىدۇ.

ئىسلام بىرلىكى ياكى ئۈممەت ئۇقۇمى تىل، مىللەت ۋە ئىرق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتمەيدۇ، يەنى ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى تۇرمىغان مىللەت ۋە ۋەتەن ئەزالىقىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ بىرلىكنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سىياسىي ئۈممەت ئۇقۇمى بىلەن ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇقۇمىدىكى ئۈممەت ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2918. 06. 8- كۈنى

ئىستانبۇل