2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار

ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار

 

ئىسلامنىڭ سىياسى نەزىرىيەسى ئىسلام پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرىدىن يەكۈنلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ھايات ئىشلىرىنى ئىنتىزامسىز تاشلاپ قويمىغان، بەلكى ئۈممەت سەۋىيىسى بويىچە ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى ئىنتىزامغا سالىدىغان ئومۇمىي قائىدىلىرىنى يولغا قويۇپ بەرگەن.

ئىسلام دىنى ھايات ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپتىن مۇكەممەل مېتود ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھايات ئۇسلۇبى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا سىياسى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم توغرىسىدا تەپسىلى قائىدىلىرىنى بايان قىلمىغان؛ بەلكى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت سائادەت، ئىززەت-شەرەپ، ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئومۇمىي پرىنسىپ ۋە ھالقىلىق كۆرسەتمىلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئىسلام دىنى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئاساسىي سۈپتىدە كىشىلەر دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە تەتبىقلاشقا يارايدىغان مۇقىم ئاساسلارغا تايىنىدىغان ئومۇمىي پرىنسىپلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تارماق مەسىلىلىرىنى مۇشۇ پرىنسىپلارنىڭ روھىي ئاساسىدا ئەقىلنىڭ ئىجتىھادى ھەرىكىتىگە قالدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنىڭ بۇ پرىنسىپال خاراكتېرلىك پرىنسىپلىرى ھەر زامان ۋە ھەر ماكان ئۈچۈن سالاھىيىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمى پرىنسىپال ئاساسلىرىدىن باشقا نۇقتىلاردا ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىيات بىلەن ماسلىشىپ كېتىۋىرىدۇ.

ئىسلامنىڭ سىياسىي نەزىرىيە كۆز قارىشىدا ئۆزگەرمەيدىغان پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان قاراشلارنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. ئۇقۇمى كەسكىن بولمىغان دەلىللەر ئىجتىھادنى قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم دائىرىگە كىرمەيدۇ. ئۆزگەرمەيدىغان مەسىلىلەردە ھەر قانداق زاماندا ئىجتىھاد قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇقۇمى ۋە ئىپادىسى ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەر ئىجتىھاد ئاساسىدا ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. بىر قىسىم دەلىلەرنىڭ ئېھتىمالى بولىشى كېڭىرلىك، بايلىق، رەھمەت، ئاسانچىلىق، ماسلىشىش ۋە تۈرلۈك بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداقلا ئەھكاملارنىڭ كامالەت يولىدا تەرەققى قىلىشىغا باشلاپ بارىدۇ. شەرىئىتىمىزدىكى ئەۋرىشىملىك، ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىش ۋە تۈرلۈك بولۇش كامالەتكە يەتكۈزىدىغان پرىنسىپ بولۇپ، ئېھتىمالىي دەلىلەرنىڭ مەقسەت- نىشانىدۇر.

قۇرئان-سۈننەت شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى بەلگىلەپ بەرگەن، كۆپلىگەن ئىشلاردىكى نىشانلارنىمۇ بايان قىلىپ بەرگەن، بېراق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ۋاسىتىلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرمىگەن. كۆپلىگەن ۋاسىتە ۋە تەدبىر- چارىلەر  ئىجتىھاد ۋە ئۆزگىرىشكە قالدۇرۇلغان. مەسىلەن، ھەج ۋاستىلىرى، زاكات ۋاستىلىرى، جەڭ ۋاستىلىرى، قاتناش ۋاستىلىرى، داۋالىنىش ۋاستىلىرى، مائارىپ ۋاستىلىرى، كېڭەش ۋە ئادالەتكە ئالاقىدەر ۋاستىلەر…مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىشلىرىگە قالدۇرۇلغان.

قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمنىڭ شەكلىنى بىۋاستە بەلگىلەپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈزۈم شەكلى ۋە ئىدارە ئىشلىرىنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەنپەئەتلىرىگە قارىتا شەكىللەندۈرۈش ئۈممەتكە تاپشۇرۇلغان. مۇسۇلمانلار خەلىپە-سۇلتان تاللاش يولىنى شارائىتقا قاراپ بەلگىلىشىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئېنىق دەلىلى بولمىغان قانۇنىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىنتىزامغا سېلىش شەكىللىرى ئىجتىھاد ۋە ئۆزگىرىشكە تەۋە ئىشلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئۆزگەرمەيدىغان پرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

1.قۇرئان-سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئەڭ ئالى مەنبە ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش.

2.دۆلەت ئاساسىدا دىننى تۇرغۇزۇش ۋە ھىمايە قىلىش، مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا باشقۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ھاياتىدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى رېئالىللىقا ئاشۇرۇش.

3.كېڭەش ۋە مەسلىھەت ئاساسىدا سىياسەت يۈرگۈزۈش.

4.ئادالەتنى ئاساس قىلىش.

  1. ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىش.
  2. باراۋەرلىكنى ئەمەلىي تەتبىقلاش.

7.دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىكىنى (يەنى بىر ئۈممەت) ئىكەنلىكىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش.

  1. ھاكىملارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش.

9.ئىسلامنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش پرىنسىپىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.

10.بارلىق ئىنسانلارغا قارىتا ئەخلاق–پەزىلەتنى ئاساس قىلىدىغان ئەخلاق پرىنسىپىنى تەتبىقلاش.

11.ئىسلام شەرىئىتىنى قانۇن قىلغان مەدەنىي دۆلەت قۇرۇش. يەنى ئىسلامدا ھاكىم توغرا قىلىدىغان ۋە خاتالىشىدىغان ئىنسان، ھاكىمنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار. ئىسلامدا ھاكىم ئاللاھ نامىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزمەيدۇ، بەلكى ئۈممەت نامىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ.

12.ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىگە رېئايە قىلىش ۋە مەنپەئەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلىش پرىنسىپىنى جانلاندۇرۇش.

13.جەمئىيەتتە ياخشى ئىشلارنى قانات يايدۇرۇپ، ناچار ئىشلارنى چەكلەش پرىنسىپى.

14.شەرئىي سىياسەت نامىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھۆكۈملەر شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى  ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن ماسلىشىشى ياكى شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپلىرىدىن بىرەرسىگە تايىنىشى لازىم.

15.شەرىئىي سىياسەت نامىدىكى ھۆكۈملەر ئېنىق تەپسىلى دەلىللەرگە زىت كەلمەسلىكى لازىم.

16.شەرىئىي سىياسەت مەيدانىدىكى ئىجتىھادى ئەھكاملار ئۈممەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ۋە يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ھاياتنىڭ تەلەپلىرىگە ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئاۋاز قوشىشى لازىم.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2016.04.5 كۈنى

قاھىرە شەھىرى.