2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سۈننەت رەسۇلۇللاھنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىدۇر

سۈننەت رەسۇلۇللاھنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىدۇر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى پىشىپ يېتىلگەن زاماندا دۇنياغا كەلگەن دۇنياۋى پەيغەمبەر بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەيغەمبەردۇر. بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتى ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تەجرىبە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەشئەل ۋە ئۈلگە سانىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتى بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتىنى تەمسىل قىلىدۇ. بۇ پەيغەمبەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سەبىر قىلىشى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جىھادى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى بىلەن قىلغان كۈرەشلىرى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زاھىدلىقى ۋە خەلقىنى دىننىڭ ھەقىقەتلىرىگە باغلاشقا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى…نى كۆرەلەيمىز. دېمەك، قۇرئان كەرىم ئىلاھىي ۋەھىينىڭ خۇلاسىسى ھېسابلانسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى ۋە مىللەتلىرى بىلەن بولغان تەجرىبىلىرىنىڭ خۇلاسىسى سانىلىدۇ.

سۈننەت (ھەدىس شەرىپ) قۇرئان كەرىمنىڭ پرىنسىپلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە يۈكسەك مەقسەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوقۇلىدۇ، ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ ئوقۇشقا ياكى پارچىلاپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم سۈننەتنى قوغدايدۇ، سۈننەتنىڭ ھەقىقى قوغدىلىشى قۇرئانغا تايىنىدۇ.

دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ھاياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولى ياكى مېتودىدىن ئىبارەت، يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قۇرئان كەرىمنى ئەمەلىي ھاياتتا تەتبىقلاشتىكى يولدۇر. باشقىچە ئىپادىلىگەندە سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى يۈزى، ئۇنىڭ شەرىئىتى ۋە مېتودىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىدىن ئىبارەت.

رەسۇلۇللاھ قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سىزىپ بەرگەن ۋە روشەن بايان قىلىپ بەرگەن. سۈننەت بولسا قۇرئاننىڭ بايانى، ئۇنى تەتبىقلاش ھەرىكىتىنىڭ ئىزاھاتى ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىنى ئىنسانىيەت ھاياتىدا جارى قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەممە نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مەنبە بولۇپ، ئومۇمىي پرىنسىپلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسلىرىنى، پرىنسىپلىرىنى ۋە ئىنسانىيەت ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تارماق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالىغۇدەك دەرىجىدە تەپسىلى قائىدە ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ قۇرئانغا ئەگىشىدۇ، ئۇنى كىشىلەرگە ئۆگىتىدۇ، ئىزاھلاپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، تەسەۋۋۇرلىرى، ئەخلاقى، مۇئامىلىسى ۋە ئالاقىسىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ھايات مېتودىغا قانداق ئايلاندۇرۇش شەكلىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى، ئىبادىتى، ھاياتى ۋە سۈننىتى قۇرئاننىڭ مەزمۇنى ئىدى، رەسۇلۇللاھ  ئەمەلىي ھاياتى ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنى كۈندىلىك ھاياتقا تەتبىقلاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن. رەسۇلۇللاھ  ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتىنى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلىنىشى ھالىغا كەلتۈرۈپ بەرگەن. دېمەك، سۈننەتنىڭ ھەقىقىتى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىش، ئەمەلىي تەتبىقلاش، ئىزاھلاش ۋە بايان قىلىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.

قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئىنسان يېتىشتۈرۈش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە مەدەنىيەت يارىتىش مەنبەسىدۇر. بىراق سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ كائىنات، ئىنسان ۋە ھاياتلىق توغرىسىدىكى پرىنسىپال قاراشلىرى، قىممەت قاراشلىرى؛ تەۋھىد، نەپسىنى پاكلاش ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مەقسەتلىرى، ئاندىن ئادالەت، ئەركىنلىك؛ ئىنساننىڭ زۆرۈر، ئېھتىياجلىق ۋە تولۇقلىما مەقسەتلرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسلىق قائىدىلىرى ئاساسىدا چۈشىنىلىدۇ ۋە تەتبىقلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئاساسلىق قائىدە، پرىنسىپ ۋە مەقسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، سۈننەت ئۇ قائىدە ۋە پرىنسىپلارنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، پرىنسىپال قائىدىلەر ئاساسىدا تارماق مەسىلىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتنى ئالمىغاندا دىننى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ:« پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار» (ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت). سۈننەت قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىش، رېئاللىقنى چۈشىنىش ۋە ئايەتلەرنى رېئاللىققا باغلاشنىڭ تۈپ ئاساسىي ۋە ئەمەلىي مېتودى:«بىز ساڭا قۇرئاننى ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار بۇ قۇرئاننى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلدۇق» (نەھل، 44- ئايەت).

سەھىھ سۈننەتمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىي، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى، ھېكمەت خەزىنىسى، ھىدايەت يولى، بىلىم-مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت بۇلىقىدۇر. سۈننەت قۇرئاننىڭ ئىخچام تېمىلىرىنى بايان قىلىدۇ، روشەن بولمىغان تەرەپلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ، ئومۇمى كەلگەننى دائىرە ئىچىگە ئېلىپ بېرىدۇ.

سۈننەت تەپەككۇر قىلىش، ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىشكە قىزىقتۇرىدۇ. سۈننەت مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان ئايەتلىرىنى» ئويلىنىش ئىچىدە ئوقۇشقا، ئاللاھنىڭ «كائىناتتىكى ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلىرىنى» تەپەككۇر قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ قۇرئاننى چۈشىنىشتىكى، رېئاللىقنى چۈشىنىشتىكى ۋە دەلىلنى رېئاللىقا تەتبىقلاشتىكى ئەمەلىي مېتود.

دېمەك، قۇرئان ۋە ئۇنىڭ شەرھى بولغان سۈننەت ئىسلام پىكرىنىڭ ئاساسلىق ئىككى مەنبەسى بولۇپ ئىنسان، ھايات ۋە كائىنات ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك تەسەۋۋۇر ۋە ئىدىيە شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ ئالاقىسى

 

1.قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ ئالاقىسى

قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار، ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈش سۈننەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇنداقلا سۈننەتنى يالغانغا چىقىرىش قۇرئان كەرىمنى يالغانغا چىقىرىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

قۇرئان بىلەن سۈننەت ھەر ئىككىسى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھىيدۇر، قۇرئاننىڭ سۆزى ۋە مەنىسى ۋەھىيدۇر، سۈننەتنىڭ مەنىسى ۋەھىيدۇر. قۇرئان كەرىم مۆجىزە خاراكتېرلىك تۈزۈلگەن تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋەھىيدۇر، سۈننەت تۈزۈلۈشى جەھەتتىن مۆجىزە تۈسىنى ئالمىغان رىۋايەت قىلىنىدىغان ۋەھىيدۇر.

  1. قۇرئان ۋە سۈننەت قانۇن چىقىرىشتىكى ئاساسلىق مەنبەدۇر

ئالىملار قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش مەنبەسىدىكى ئاساسلىق ئىككى مەنبە ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن، قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى بىر بىرىدىن ئايرىۋەتكەندە شەرىئەتنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. قۇرئان كەرىم ئاساس بولۇش ئېتىبار بىلەن بىرىنچى مەنبە، سۈننەت ئىزاھات ۋە بايان بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئىككىنچى مەنبەدۇر.

3.سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلىي تەپسىرىدۇر

قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى قۇرئان نازىل بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئەقلى ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئەقلىدىن كامىل ۋە ئۆتكۈر بولغاندىن سىرت، خاتالاشماسلىق سۈپىتىگە ئىگە زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت قۇرئاننى ئەڭ توغرا ئىزاھلاپ بېرىدۇ.

قۇرئاننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە دۇنيا -ئاخىرەتلىك توغرا يولغا يېتەكلەش بولسا، سۈننەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ۋە مەقسىتىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم پرىنسىپال خاراكتېرلىك قائىدە ۋە ئاساسلارنى بايان قىلغان، سۈننەت قۇرئاننىڭ ئومۇمى قائىدە ۋە ئاساسلىرىنى ئىزاھلىغان. سۈننەتنىڭ قۇرئان قائىدىلىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى ئىزاھلىشى بەزىدە قۇرئاننىڭ ھۆكمىنى تەكىتلەيدىغان ئىزاھات بىلەن ئىزاھلىغان بولسا، يەنە بەزىدە ئېھتىياجىغا قارىتا مۇستەقىل تارماق ئەھكاملارنى يولغا قويغان. چۈنكى سۈننەتنىڭ ئىزاھاتى يا قۇرئاندا كەلگەن ھۆكۈمنى تەكىتلەپ كېلىدۇ، ياكى قۇرئاندىكى ھۆكۈمنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، ياكى تارماق مەسىلىلەردە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

ئىستانبۇل

2018.06.25