2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاندىكى مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجتىمائىي شەكىللىنىش باسقۇچلىرى

قۇرئاندىكى مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجتىمائىي شەكىللىنىش باسقۇچلىرى

1.ئائىلە: قۇرئان كەرىم ئائىلىنى ئىجتىمائىي شەكىللىنىشنىڭ بىرىنجى باسقۇچى ۋە ئاساسلىق قۇرۇلمىسى دەپ قارايدۇ:«ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھر -مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك- شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» (رۇم سۈرىسى، 21 -ئايەت).

2.جەمەت: قۇرئان كەرىم جەمەتنى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بىر باسقۇچى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان:«لۇت ئېيتتى:«كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى، ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم)» (ھۇد سۈرىسى، 80-ئايەت). لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى سۆزى ئارقىلىق جەمەتىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ ئىزاھلاپ بەرگەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). شۇنداقلا قۇرئان كەرىم جەمەتنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان :«يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» شۇئەرا سۈرىسى، 214-ئايەت).

3.قەبىلە: قۇرئان كەرىم قەبىلىنىڭ ئىجتىمائىي شەكىللىنىش باسقۇچلىرىنىڭ بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان:«بىز سىلەرنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت ۋە قەبىلە قىلىپ ياراتتۇق»(ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت). رەسۇلۇللاھمۇ قەبىلە ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي شەكىللىنىشىنىڭ بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان:«ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇلارنى قەبىلە قەبىلە قىلىپ بېكىتكەن، مېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قەبىلىدىن تاللىغان» (تىرمىزى رىۋايىتى).

  1. مىللەت: قۇرئان كەرىم مىللەتنى ئىجتىمائىي شەكىللىنىشنىڭ بىر باسقۇچى سۈپىتىدە بايان قىلغان :«بىز سىلەرنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت ۋە قەبىلە قىلىپ ياراتتۇق»(ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت).

مىللەت ياكى ئىجتىمائىي ئۈممەت تىل ئارقىلىق ئەزالىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىجتىمائىي ئۈممەت باسقۇچىنىڭ ئەزالىقى نەسەب ئەمەس، تىلدۇر. رەسۇلۇللاھ:«ئەرەب تىلى سىلەردىن بىرىڭلاردىن ئاتا-ئانىسىدىن قالغان نەرسە ئەمەس، ئۇ تىلدىن ئىبارەت. كىم ئەرەبچە سۆزلىسە، ئۇ ئەرەب ئۈممىتىگە تەۋەدۇر» دېگەن (بەززار رىۋايىتى). بۇ مەسىلە ئەرەب ئۈممىتىگە خاس ئەمەس، باشقىلارغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن، تۈرك ئۈممىتى، پارىس ئۈممىتى ۋە باشقىلارغا ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مىللەت ياكى ئۈممەتلەرنىڭ تىلىنى تۈرلۈك قىلغانلىقىنى قۇدرىتىنىڭ قاتارىدىن قىلىپ كۆرسەتكەن:«ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار» (رۇم سۈرىسى، 22-ئايەت).

مىللەت ياكى ئۈممەتنىڭ مۇقىم زېمىنى ۋە ۋەتىنى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشتىن توسقان:«ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 9-ئايەت).

  1. ئۈممەت:

قۇرئاندا ئۈممەت دېگەن سۆز ئىككى مەنىدە كەلگەن:

بىرىنچىسى: ئىجتىمائىي ئۇقۇمدىكى مىللەت مەنىسىدە كېلىدۇ:«مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر ئۈممەت (بىر جامائە) بار. ئۇلار(يەنى بەنى ئىسرائىل)نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) ئۈممەت (مىللەت) قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق» (ئەئراف سۈرىسى، 160-ئايەت).

ئىككىنچىسى: مەسئۇلىيەت ئۈممىتى، يەنى ئەقىدە ۋە سىياسىي بىرلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئۈممەت ئۇقۇمى مەنىسىدە كەلگەن:« (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئۈممىتىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئۈممەتتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (ئەنبىيا سۈرىسى، 92-ئايەت). ئىسلام ئۈممىتى ئەقىدە ۋە سىياسىي بىرلىك ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى بىر ئۈممەت ئۇقۇمى ئەقىدە ئۇقۇمىدىن كەلگەن.

يەنە:«(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 110-ئايەت).

بۇنىڭغا ئاساسەن، دىنى ۋە سىياسىي ئۈممەت ئۇقۇمى بىلەن ئىجتىمائىي كۆرۈنۈش ئۇقۇمىدىكى ئۈممەت ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم.

ئىسلام دىنى ئائىلە، جەمەت، قەبىلە، مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىككە تەۋە بولۇش ئالاقىسىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي شەكىللىنىش باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:« قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە (مىللىتىڭگە) ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر» (زوخرۇف سۈرىسى، 44-ئايەت). بۇ ئايەت قۇرەيش ۋە ئەرەبتىن ئىبارەت جەمەت ۋە مىللەت ئالاقىسىگە ئىشارەت قىلىدۇ (بۇ ئايەت ھەققىدە تەپسىر تەبەرىگە قاراڭ). رەسۇلۇللاھ:« گۇناھ بولمايدىغان ئىش بولسىلا، ئۆز جەمەتىنى مۇداپىئە قىلغان كىشى ئەڭ ياخشى كىشىدۇر»دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

دېمەك، مىللەت ۋە ۋەتەن ئالاقىسى بىلەن ئىسلام ئالاقىسى بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ. رەسۇلۇللاھ :«سەپەردىن قايتىپ كېلىپ، مەدىنە شەھىرىنىڭ يوللىرىنى كۆرگەندە خۇشاللىقىدىن تۆگىنى تېزلىتىپ ماڭاتتى» (بۇخارى رىۋايىتى) رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ قىلمىشى ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت.

بەزى ئالىملارنىڭ قاراشلىرى:

مىللەت ، يۇرت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى ئىسلام سۆيگۈسى بىلەن قارشىلىشىپ قالمىسىلا ئالقىشلىنىدۇ. مۇتەپەككۇر مەۋدۇدى بۇ توغرىدا: «مىللەتپەرۋەرلىكتىن بىر مىللەتنىڭ ئىرقىنى مەقسەت قىلسا، بۇ تەبىئىي مەسىلە، بۇنىڭغا قارشى تۇرمايمىز. بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتى ياكى خەلقىگە ياردەم بېرىشى مەقسەت قىلىنسا، بۇنىڭغىمۇ قارشى تۇرمايمىز. شۇنداقلا مىللەت سۆيگۈسى ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيالمايدىغان ياكى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان مىللەتچىلىك بولۇپ قالمىسىلا بۇنىڭغىمۇ قارشى تۇرمايمىز. ئەگەر مىللەت سۆيگۈسىدىن مىللەت مۇستەقىللىقى مەقسەت قىلىنسا بۇ ساغلام مەقسەتتۇر. شۇنداقلا ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشىمۇ تەبىئىي ھەققىدۇر» دېگەن (مەۋدۇدى: ئىسلام ۋە يېڭى مەدەنىيەت، 25-26-بەتلەر).

ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەنىكەن:«ئىخۋانلار ئىسلام بىرلىكىنى توۋلىغان كۈندىن تارتىپ، ئىسلام قېرىنداشلىقى بىلەن بىرگە مىللەت قېرىنداشلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھوقۇقىنىمۇ تەڭ توۋلىغان. ئىخۋانلار تىل، زېمىن، ئارزۇ ۋە تارىخ بىرلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشتۈرىدىغان ئامىل دەپ قارايتتى» (بەيۇمى: مىسىرنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئىخۋانلار، 161-بەت).

 كاشىغەرى