2024-يىل 18-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

ھەكىم يەنى ھېكمەت ئىگىسى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات دېگەن بولىدۇ. ئۇ زات ياراتقان، تەقدىر قىلغان، يولغا قويغان، ھۆكۈم قىلغان، بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

قۇرئاندا ھېكمەت سۆزى تۆت خىل مەنىدە كەلگەن: شەرىئەتنىڭ سىرلىرى، مەقسەتلىرى ۋە ئەھكاملىرى مەنىسىدە، چۈشەنچە ۋە بىلىش مەنىسىدە، پەيغەمبەرلىك مەنىسىدە ۋە توغرا ئىش قىلىش مەنىسىدە كەلگەن. بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بىلىش مەنىسىدە خۇلاسىلىنىدۇ. ھەكىم يەنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ سۈپىتىدۇر، ئىنساندىكى ھېكمەت بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن نېمەت:«ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ» (بەقەر سۈرىسى 269- ئايەت).

ھېكمەت ئىلمىي ۋە ئەمەلىي دەپ ئىككى تۈرلۈك:

ھېكمەت ئىلمىي ھېكمەت ياكى ئەمەلىي ھېكمەت دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىلمىي ياكى نەزەرىيىۋى ھېكمەت دېگەن بىر نەرسىنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن، چوڭ- كېچىك، باش- ئاخىرى، ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە قەدەر پۈتۈن تەپسىلاتى بىلەن قوشۇپ ئۆز ماھىيىتى بويىچە بىلىش دېمەكتۇر. مۇنداق تەپسىلى ۋە ئومۇميۈزلۈك بىلگەندە خەتەرنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنى قانداق توسقىلى بولىدىغانلىقىنى، نېمە ئارقىلىق مۇداپىئە قىلغىلى بولىدىغانلىقى… بىلگىلى بولىدۇ.

ئاللاھ بىر نەرسىنىڭ نېمىگە پايدا قىلىدىغانلىقىنى، قايسى شەرتلەر ئاساسىدا پايدا قىلىدىغانلىقىنى، قايسى ۋاسىتىلەر بىلەن نەتىجە قازىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئاللاھنىڭ بىلىشى بىر نەرسىنىڭ كىشىلەرگە پايدا قىلىدىغان، مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يوسۇندا ئىستىمال قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. دېمەك، ئاللاھنىڭ بىلىشى ياكى ئىلمىي ھېكمىتىگە چېتىشلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىدىغانلىقى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى كۆپ ئايەتلەردە تەڭ بايان قىلىنغان.

ئەمەلىي ھېكمەت: ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى سىقماستىن ياكى زۇلۇم قىلماستىن، ھەر بىر نەرسىنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىپ توغرا ۋە مۇناسىپ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى دېمەكتۇر. ئاللاھ ياراتقان پۈتۈن مەخلۇقلار ھېكمەت ئۈچۈن يارىتىلغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ زات بىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەس، بەلكى بۇ يەردىكى ھېكمەت ۋە مەنپەئەتلەر ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك.

ئاللاھنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى دېگەن سۈپىتىدىن بىزنىڭ ئۆگىنىدىغىنىمىز شۇكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىشتۇر. چۈنكى ھېكمەت دېگەن بىلىش، چۈشىنىش ۋە ھەر نەرسىنى مۇناسىپ زاماندا، مۇناسىپ ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن بولىدۇ. بىر نەرسىنى بىلمەي ۋە چۈشەنمەي تۇرۇپ ھېكمەت بىلەن توغرا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ھېكمەتنىڭ ھەقىقىتى توغرا قىلىش، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولۇش، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئادىل بولۇشتىن ئىبارەت.

بىر ئادەم ھەممە نەرسىلەرنى بىلىپ كەتسىمۇ ياراتقۇچىنى تونىمىغان بولسا، ھېكمەتلىك ئادەم دېگەن سۈپەتكە لايىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم ئەڭ ئۇلۇغ ئىشنى تېخى بىلمەپتۇ. كىم ئىشنىڭ بېشىدا ياراتقۇچىسىنى توغرا تونۇيالىسا ئاندىن ھېكمەتلىك ئادەم بولالايدۇ. ياراتقۇچى ۋە سۈپەتلىرىنى تونىغان ئادەم تارماق مەسىلىلەردە ئاز ئايلىنىپ، پرىنسىپال مەسىلىلەردە توختىلىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك نەخ مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، بەلكى ئۇزۇن مۇددەت مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان چوڭ مەنپەئەتلەرنى كۆزلەيدۇ:« كىم ھېكمەتكە ئېرىشەلىسە، بۈيۈك ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ» (بەقەر سۈرىسى، 269- ئايەت).

quran aqide