2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەۋھىد ھايات ۋە نىجاتلىق يولى

تەۋھىد ھايات مېتودى ۋە نىجاتلىق يولى

 تەۋھىد ھەقىقەت، دۇنيا، ماكان، زامان ۋە ئىنسانىيەت ھاياتى ئۈچۈن ئومۇمىي ئالەم قارىشىدۇر. ئىسلامنىڭ تەۋھىد قارىشىدا ياراتقۇچى ئاللاھ بىلەن يارىتىلغۇچى ئالەم پەقەت بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. كائىنات مۇئەييەن غايە ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىنسان بولسا ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.

تەۋھىد سۆزى ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، كائىناتنىڭ ئىگىسى ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ھاكىمى ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. تەۋھىد ئاللاھنىڭ يەككە يېگانىلىقىنى، ھەممە نەرسىنى ياراتقانلىقىنى، ھەر قانداق ئىشنى تەقدىر قىلغۇچى ۋە تەدبىر قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئىنساننىڭ مۇئەييەن غايە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى ئەھمىيەتسىز ياراتمايدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

تەۋھىد، ئاللاھنىڭ ئىنساننى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چىرايلىق شەكىلدە ياراتقانلىقىنى ۋە ئىنساننىڭ زېمىندا ئىزباسارلىق ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تەۋھىد ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەخلاقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ۋە ھەر بىر كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىسلامدىكى تەۋھىد ئۇقۇمى ھايات ۋە كائىناتنى چۈشىنىش دائىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ ۋە ئىنسانىي ئالاقىنىڭ ئاساسلىرىنى تەۋھىد ئاساسىدا تۇرغۇزىدۇ. تەۋھىد ئۇقۇمى كائىناتنىڭ يارىتىلىش بىرلىكىنى، ھايات ۋە ئىنسان بىرلىكىنى، يارىتىلىش غايىسىنى، يارىتىلىش غايىسى بىلەن كائىناتنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تەۋھىد ئۇقۇمى ھەق-ھوقۇق، ئىنسانىي ھۆرمەت، ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتتە ئادالەت، كېڭەش ۋە باراۋەرلىك پرىنسىپلىرىغا ئېسىلىپ مېڭىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

تەۋھىد مۇسۇلمان ھاياتى ۋە مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قىممەت قاراشتۇر، چۈنكى تەۋھىد ئىسلامنىڭ جەۋھىرى، ماھىيىتى ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. تەۋھىد تارىخ يارىتىش پرىنسىپى، ئەخلاق پرىنسىپى، ئىجتىمائىي تۈزۈم پرىنسىپى، سىياسىي تۈزۈم پرىنسىپى، ئىقتىسادى تۈزۈم پرىنسىپى ۋە دۇنياۋى تۈزۈم پرىنسىپىدۇر. تەۋھىد ئۇقۇمى ئىلاھىي ھىدايەتنىڭ بارلىق كىشىلەرگە يارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تەۋھىد ھەقىقەت، كائىنات، ئىنسانىيەت ھاياتى ۋە تەقدىرىگە قارىتا ئومۇمىي دۇنيا قارىشىدۇر. تەۋھىد ئىسلامدىكى ئومۇمى ھايات تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ھەر بىر ئامىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىسلامدىكى تەۋھىد ئۇقۇمىدا ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى مەخلۇقلارنىڭ يارىتىلىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە تۈزۈمىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

1.تەۋھىد ئۈممەت پرىنسىپىدۇر

تەۋھىدنىڭ مەزمۇنى ئىدىيە ۋە ھايات تۈزۈملىرىنىڭ ھەممىسىدە نامايان بولىدۇ. تەۋھىدنىڭ سىياسى مەيداندىكى قىممەت قارىشى ئۈممەتنىڭ بىرلىكىدە كۆرۈنىدۇ، ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ئىسلامنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى سانىلىدۇ.

ئىسلام ئۇقۇمىدا ئۈممەتتە ئۈچ تۈرلۈك خۇسۇسىيەت بىرلەشكەن بولىدۇ:

بىرىنچى: ئۈممەتنىڭ دۇنيا قارىشى بىردەكلىككە ئىگە، ئۈممەتنىڭ قارىشى ئىدىيە ۋە ئاڭ-سەۋىيىدە بىر بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئىككىنچى: ئۈممەت قىممەت قاراش سايىسى ئاستىدا تەجرىبىلىرى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىدە بىردەكلىككە ئىگە.

ئۈچىنچى: بۇ ئۈممەت ئەمەلىي يۆنىلىشى، ماددى ئىجادىيىتى ۋە مەدەنىيەت نەتىجىسىدە بىردەكلىككە ئىگە.

دېمەك، ئۈممەتنىڭ دۇنيا قاراش بىرلىكى، ئىرادە بىرلىكى ۋە ئىش-ھەرىكەت بىرلىكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ بىرسى يېڭى بىر بىلىم-مەرىپەت ئۆگەنگەن بولسا، باشقىلارغا ئۆگىتىپ قويۇشى، بىرسى راھەتكە ئېرىشكەن بولسا باشقىلارنى ئۇ راھەتكە قاتناشتۇرۇشى، بىرسى بىر ئىشتا نەتىجە قازانغان بولسا باشقىلارغا ياردەم بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

 2.تەۋھىد ئۈممەتنىڭ بىرلىك پرىنسىپىدۇر

تەۋھىد مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرىدىغان، بىر بىرىگە ھەقىقەتنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىغان، بىر بىرىنى ياخشى ئىشلارغا يېتەكلىشىپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان قېرىنداش بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۈممەتنىڭ قارىشى، تۇيغۇسى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىردەك بولىدۇ. ئۈممەتنىڭ قارىشى، تەپەككۈرى، مەقسەتلىرى، ئىرادىسى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى بىردەك بولىدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ بىرسى يېڭى بىر بىلىم-مەرىپەت ئۆگەنگەن بولسا، باشقىلارغا ئۆگىتىپ قويىشى، بىرسى راھەتكە ئېرىشكەن بولسا باشقىلارنى قاتناشتۇرۇشى، بىرسى بىر ئىشتا نەتىجە قازانغان بولسا باشقىلارغا ياردەم بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈممەت سانىلىدۇ، چۈنكى ھەر بىر مۇسۇلمان دۇنياۋى ئۈممەتنى تەمسىل قىلىدىغان ھۆكۈمەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈممەت نامىدىن سۆزلەش ۋە ئۈممەتكە ۋاكالىتەن ئىش-ھەرىكەت قىلىشتىن مەسئۇل بولىدۇ. ئۈممەت سۆزى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈممەتنىڭ بۇ ئۇقۇمى  كۈچلۈك بىر ئىدىيە، دۇنياۋى ھۆكۈمەت ۋە دۇنياۋى قوشۇنغا ئىگە بىرلەشكەن مىللەتلەر تۈرىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. ئۈممەت ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدۇر، ئۈممەت ئىجتىمائىي تۈزۈم بولغاندىن سىرت خەلقئارالىق بىر تۈزۈم ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىدىن ئىبارەت.

ئۈممەت خەلقئارالىق بىر تۈزۈم بولۇپ، ھەر قانداق مىللەت ياكى خەلقنى تۈرلۈك بولۇش دائىرىسىدە سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئۈممەت ئىسلامنىڭ دۇنياۋى ئىجتىمائىي تۈزۈمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە قۇچاق ئاچىدۇ،  ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى يا بۇ ئۈممەت تۈزۈمىگە ئەمەلىي ئەزا ياكى ئېھتىمالى ئەزا سانىلىدۇ، چۈنكى ئۈممەت مۇسۇلمان بولغان ئۈممەت ياكى دەۋەت قىلىنىدىغان ئۈممەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئۈممەتنىڭ خاراكتېرى ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئىسلام ئومۇميۈزلۈك ھايات تۈزۈمى بولۇپ، ھاياتنى بۆلۈپ قارىمايدۇ. ئۈممەت بىر بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن بىر بەدەننىڭ ئەزاسىغا ئوخشايدۇ.

ھالبۇكى بۇ ئۈممەت بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تەۋھىدنىڭ تەقەززالىرىغا رېئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن پارچىلىنىپ كەتكەن ۋە ئۆزىنى قوغدىيالمايدىغان ئاجىز بىر ئۈممەتكە ئايلىنىپ قالغان.

  1. تەۋھىد تارىخ پرىنسىپىدۇر

مۇسۇلمان تەۋھىد سۆزىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، تەۋھىد سۆزى مۇسۇلماننى بۇ ھاياتتا ياكى تارىختا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلاھىي ئىرادىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلماندىن تارىخ ھەرىكىتىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دۇنيا مۇسۇلماننىڭ ئىرادىسى جارى بولىدىغان بىردىن بىر ئورۇندىن ئىبارەت، مۇسۇلمان تارىخ ھەرىكىتىدىن مەسئۇل بولىدۇ، تەقدىر بولسا مۇسۇلماننىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  1. تەۋھىد مەرىپەت پرىنسىپىدۇر

ئىسلامدىكى تەۋھىد ھەقىقى ئىشەنچ باسقۇچىدۇر، ئىشەنچ باسقۇچى ھەقىقەتكە يەتكەنلىكتۇر. ئىسلامدىكى ئىمان مەرىپەت ۋە دەلىلنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. تەۋھىد ئاللاھنى ھەق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق يېگانە زات دەپ ئېتىراپ قىلىشتۇر. تەۋھىد مەرىپەت مېتودى سۈپىتىدە ھەقىقەت بىلەن ماسلاشمايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى رەت قىلىدۇ،  ھەقىقەتتە زىتلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى دەلىلغا ھەر زامان ئېچىلىدۇ.

5.تەۋھىد ئىجتىمائىي تۈزۈم پرىنسىپىدۇر

ئىسلام شەرىئىتى ئەھكاملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىجتىمائى تۈزۈمگە ئالاقىدار بولىدۇ، ئاساسلىق ئىبادەتلەرمۇ ئىجتىمائىي خاراكتېرگە ئىگە. تەۋھىد سۆزى ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، كائىناتنىڭ ئىگىسى ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ھاكىمى ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىنساننىڭ مۇئەييەن غايە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى ئەھمىيەتسىز ياراتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ئىبادەت ۋە ئەركىن پائالىيەت سەھنىسى بولغان بۇ دۇنيادا ئىلاھى ئىرادىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى غايىسىدۇر. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتا يارىتىلىش غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى ئۈچۈن تەۋھدىنىڭ سايىسى ئاستىدا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

6.تەۋھىد غەيبى پرىنسىپ

تەۋھىد كائىناتنى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ياراتقان ئاللاھ بىلەن باشقا بىرەر كۈچنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. كائىنات ياكى تەبىئەت ئاللاھنىڭ مۈلكى ۋە مەخلۇقى بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىبادەت ۋە پائالىيەت سەھنىسى سۈپىتىدە يارىتىلغان. ئىنسان پائالىيەت سەھنىسى بولغان تەبىئەت ياكى كائىناتتىن ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن بويىچە پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، بىراق تەبىئەتنى ۋەيران قىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش ھەققىگە ئەمەس. تەۋھىد كۆز قارشىدا تەبىئەت ئىنساننىڭ دۈشمىنى ئەمەس، ئۇ ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان.

7.تەۋھىد ئەخلاق پرىنسىپىدۇر

تەۋھىد پرىنسىپى ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىش غايىسىنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىجرا قىلىش دەپ بېكىتكەن، ئىنسان زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىزباسارى بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سەۋەبتىن ئىنسان ئاسمان ۋە زېمىن ئۈستىگە ئالالمىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.

ئىنسان ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ئىرادىسى بىلەن بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بىردىن بىر لاياقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر قانداق مەخلۇقتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان.

ئىسلام قارىشىدا ئىنسان تۇغۇلۇشتا پاك تەبىئەت بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئىنسان ھايات يولىنى تۇغۇلغاندىن كېيىن سىزىپ ماڭىدۇ، بىرەر مەخلۇقنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ھەر بىر ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىختىيارى ئىشلىرىدىن مەسئۇل بولىدۇ. ئىسلام ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتنى ئىماننىڭ تەقەززاسى دەپ قارايدۇ.

8.تەۋھىد سىياسىي پرىنسىپتۇر

تەۋھىد ئۈممەت بىرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇسۇلمانلارنى ئەقىدە قېرىنداشلىقى، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈش، مەسلىھەت بىلەن ئىش-ھەرىكەت قىلىش ۋە ئادالەت پرىنسىپى بىرلەشتۈرۈپ تۇرالايدۇ.

مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ مېڭىشقا ۋە بىر بەدەندەك قېرىنداشلىق ئالاقىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە بۇيرۇلغان، شۇنداقلا ئۇلار ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

مۇسسۇلمانلارنىڭ كۆز-قارىشى، ئىرادىسى، ھېس تۇيغۇسى ۋە ئىش-ھەرىكىتى بىردەك بولىدۇ. ئۇلار ئىدىيە بىرلىكى، قارار ئېلىش ۋە پوزىتسىيە بىرلىكىدە ئۇچرىشالايدۇ.

ئۈممەت ئۇقۇمى دۇنيانى ئىلاھى كۆرسەتمە ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ۋاسىتىسىدۇر، زېمىنغا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزباسارلىق قىلىشتۇر. ئۈممەت ئۇقۇمى دۆلەت ئۇقۇمى بىلەن مەنىداش كېلىدۇ، چۈنكى ئۈممەت دۆلەتتە سىياسىي ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

alem nezeriyesi 2