2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھازىرقى زاماندىكى ئاشقۇنلۇق سۈپەتلىرى

ھازىرقى زاماندىكى ئاشقۇنلۇق سۈپەتلىرى

 

ئاشقۇنلۇق ۋە ئاشقۇنلار ئىسلام ۋە دىندارلىقنىڭ ماھىيىتىنى سەتلەشتۈرۈۋەتمەكتە، باشقىلارنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان قارىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئاشقۇنلارنىڭ ئەقىدىلىرى، پىكىرلىرى ۋە سۈپەتلىرى ئىسلامنىڭ رەھىمدىللىك، كەڭ قورساقلىق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىككە تەشەببۇس قىلىدىغان گۈزەل سۈپەتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىماقتا.

رەسۇلۇللاھ، ئاشقۇنلار ۋە خاۋارىجلار مۈشكۈلىسىنىڭ قۇرئان كەرىم مەقسەتلىرى ۋە شەرىئەتنىڭ ماھىيىتىنى خاتا چۈشىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ:« ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىغا چاقىرغان بىلەن ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۈشەنمەيدۇ» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

قۇرئان كەرىمنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى، ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ۋە مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرىدىن يىراق ھالدا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى خاۋارىجلار ۋە ئاشقۇنلار قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنى مۇجتەھىد ئالىملار بېكىتىپ بەرگەن قائىدىلەردىن يىراق ھالدا چۈشىنىشكە ئۇرۇنغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن چەتنەپ ئاشقۇنلۇق ۋە ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ قالغان.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئاشقۇنلۇق سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن خاۋارىجلارنىڭ سۈپەتلىرى بەزى ياشلاردا تۈرلۈك شەكىلدە ۋە ھەر خىل شوئارلار ئاستىدا پەيدا بولماقتا. بۇ ئاشقۇنلۇقلار ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە خاۋارىجلارنىڭ ئەقىدىسى، پىكىرى ۋە ئىستىلى قاراشلىرى بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلاپ، دىنىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزنى خارابلىققا باشلاپ ماڭىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە خاۋارىجلىققا باشلاپ بارىدىغان بىر قىسىم ئاشقۇنلۇق سۈپەتلىرى ھەققىدە توختىلىمەن:

  1. دىنى مەسىلىلەردە ئاشقۇنلۇق قىلىش ۋە دىننى باشقىلارغا قىيىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش:

 

دىنى قاراشلاردا ئوتتۇراھال يولدىن چىقىپ كېتىش بۇ دەۋردىكى ئاشقۇنلۇق قىلىش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئاشقۇنلۇق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. رەسۇلۇللاھ بۇ دىننىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈپ:« بۇ دىن ئاسان بىر دىندۇر، ھەر قانداق بىر كىشى بۇ دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنماي چېكىدىن ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

 دىنى قاراشلاردا يولسىز چىڭ تۇرۇۋېلىش ياكى ئاشقۇنلۇق قىلىش دىنى چۈشەنچىنىڭ ئازلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دىندا ئاشقۇنلۇق قىلىش ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئازلىقى خاۋارىجلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر بەلگىسى ئىدى. ئىمام ئىبنى قەييىم: ئاللاھ بىر ئىشقا بۇيرۇغان بولسا، شەيتان يا سۇسلۇق قىلىش ۋە زايە قىلىش تەرىپىگە تارتىدۇ ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇش ۋە ئاشقۇنلۇق قىلىش تەرىپىگە تارتىدۇ، دېگەن.

 بۈگۈنكى بىر قىسىم ئاشقۇنلاردىمۇ بۇ خىسلەت تېپىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار دىننىڭ ئاسان كۆرسەتمىلىرىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، پايدا-زىيان دەرىجىلىرى ۋە رېئال شارائىتلارغا پىسەنت قىلمايدۇ، كىشىلەردىن كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ، شەرىئەت تەلەپ قىلمىغان ئىشلارنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى، چۈشەنچىسى ۋە شارائىتلىرىغا رېئايە قىلمايدۇ. ھالبۇكى «رەسۇلۇللاھ ئىككى ئىش ئارىلىقىدا تاللاش بولۇپ قالسا، گۇناھ بولمايدىغانلابولسا تەس ئىشنى ئەمەس، ئاسان ئىشنى تاللايتتى» (بۇخارى رىۋايىتى).

رەسۇلۇللاھ:« ئىشلارنى ئۆزۈڭلارغا قىيىنلاشتۇرۇۋالماڭلار، بولمىسا ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى تەسلەشتۈرۈپ قويىدۇ» دەپ ئىشلارنى قىيىنلاشتۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

ساختا تەقۋالىق، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ دەرىجىسىنى، پايدا- زىيان دەرىجىلىرىنى، ئىشلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ۋە كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى بىلمەسلىك قىيىنلاشتۇرۇش سەۋەبلىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

  1. بىلەرمەنلىك قىلىش ۋە مەغرۇرلىنىش:

ھازىرقى شارائىتتىكى ئاشقۇنلۇق ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش كېسىلىنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى، بىلەرمەنلىك قىلىش، مەغرۇرلىنىش ۋە ئۆزىنى بىلىملىك ھېسابلاشتۇر. ئاشقۇنلار ئۆزلىرىنى بەك ياخشى ئويدا بولۇپ، ئۆزلىرىنى بىردىن بىر مۇۋەھھىد چاغلاپ ۋە باشقىلارغا ئۈستۈنلىك قىلىپ، باشقىلار ھەققىدە مۇرتەد، خائىن ۋە كاپىر دېگەندەك ھۆكۈملەرنى ئاسانلا چىقىرىدۇ. بۇلار كىبىرلىكى ۋە مەغرۇلۇقىدىن نەسىھەت قوبۇل قىلمايدۇ. بۇلاردىكى كىبىرلىك، نادانلىق ۋە ئۆلىمالارنى ياراتماسلىق ھەر دەۋردىكى خاۋارىجلارنىڭ ئايرىلماس سۈپىتىدۇر. بۇلارغا پەتىۋا بېرىۋاتقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازىلىق قىلىۋاتقان كىشىكلەرگە قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىلىمىي تارىخى ياكى ئىلمىي ئەمگىكى يوق بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. بەزىلىرى ئالى مەكتەپ سەۋىيىسىدە شەرئى بىلىم كۆرمىگەن بولۇپ، قان، جان، ئابرۇق، مال-مۈلىك ۋە بۈيۈك مەسىلىلەردە پەتىۋا بېرىپ كېتىشىدۇ ياكى قازىلىق قىلىپ كېتىشىدۇ!.

بۇرۇنقىلار يېرىم يولدا قالغان موللىلار ئۈممەتكە ئەڭ خەتەرلىك بالا بولىدۇ دېگەن ئىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ يېرىم موللىلىقى بىلەرمەنلىككە يول ئاچىدۇ، ئىلىىمنىڭ مۇقەددىمىسىنى بىلگەن بۇ يېرىم موللىلار ئۆزلىرى ۋە باشقىلارغا ئۆزلىرىنى ئالىم دەپ خىيال قىلدۇرىدۇ، نەتىجىدە ھېس قىلمىغان چوڭ مەسىلىلەرگە ئارىلىشىۋېلىپ نۇرغۇن ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى ئاشقۇنلار شەرئى بىلىمنىڭ ئاددى ئۇقۇملىرى، دىننىڭ قائىدىلىرى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئەھكاملىرىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. بىلسىمۇ قائىدىسىز ۋە چۈشەنچىسىز ھالدا ناھايىتى ئاز بىر نەرسە بىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئازغىنا بىلىمى ۋە كېسەل چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بىلىشكە تېگىشلىك ھەممە نەرسىلەرنى بىلىپ كەتكەندەك چاغلاپ قالىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن مەغرۇرلىنىپ ئالىملاردىن بىلىم ئېلىشنى خالىمايدۇ، مەغرۇرلۇقى بىلەن خاتا يولغا دەسسەيدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازغۇن يولغا باشلاپ ماڭىدۇ. بۇرۇنقى زاماندىكى خاۋارىجلارمۇ بىلەرمەن ئىدى، ئىجتىھاد قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىشاتتى، ئالىملارغا تىل ئۇزىتاتتى، ھالبۇكى ئۇلار ئەڭ نادان  بىلىمسىز ئىنسانلار ئىدى.

رەسۇلۇللاھ خاۋارىجلار ھەققىدە:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىبادەتنى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەر بولىدۇ، كىشىلەر بۇلارغا قىزىقىپ قالىدۇ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىدىن غۇرۇر ھېس قىلىاۇ، ھالبۇكى ئۇلار دىننى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن ئوق ياچاقتىن چىقىپ كەتكەندەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ» دېگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

بىلەرمەنلىك ۋە مەغرۇرلۇق تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان ۋە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋىلىشقا ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ساپاسىنى بىلمەيدىغان بەزى كىشىلەر بۇ نادانلارنى ئەمىر ۋە مۇپتى قىلىۋالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىر نەرسىنى تۈزۈك بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشىدۇ، بىر نەرسىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشىدۇ.

بۇلار بىلەرمەنلىك قىلىپ مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ يولىنى تۇتۇپ مېڭىشنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئەيىبلەيدۇ. بۈگۈنكىدەك دىننىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىنى تولۇق بىلمەيدىغان كىشىلەر بىرەر مۇجتەھىد ئالىمنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭمىسا، توغرا يولنى تۇتۇپ ماڭالمايدۇ. كىتاب ئوقۇۋېلىش بىلەن دىننى ساغلام چۈشىنىۋالغىلى بولمايدۇ.

ھالبۇكى بۇلار ئۆزلىرى چىقارغان پەتىۋالارغا كىشىلەر ئەگەشمىسە، ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىڭ دىندارلىقىغا تۆھمەت قىلىدۇ. بۇلار ئۆزلىرىنى بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىملارغا قىياس قىلىپ بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئەركەكلەر دەپ باقىدۇ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئېلىشتىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتىشىدۇ. ئۆزلىرىنى بەك بىلىملىك چاغلاپ ساھابىلەردەك بىۋاسىتە قۇرئان ۋە سۈننەتتىن چۈشەنچە ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ ۋە بۇ يولنى ساھابىلەرنىڭ مېتودى دەپ تارقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئۇستاز تۇتۇپ مۇنتىزىم مېتود بويىچە بىلىم ئالماي، بەزى كىتابلارنىلا ئۆزلىرى ئوقۇۋالغان بۇ ياشلار بىلەرمەنلىك قىلىپ سەلەپ سالىھلارنىڭ تۈرلۈك ئىلمىي مىراسىنى رەت قىلماقتا، ئالىملارغا تىل ئۇزاتماقتا، دىننىڭ ھۆججەتلىرىنى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن يىراق ھالەتتە يۈزەكى چۈشەنچىگە يۈزلەندۈرمەكتە، ھەر تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەردە پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قىلماقتا. ئىمام شافىئىي: قايسى بىر كىشى شەرىئەتنى كىتابلاردىن ئۆگىنىۋالسا، ئەھكاملارنى زايە قىلىۋېتىدۇ، دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار:دىننى ئۇستاز تۇتماي كىتابتىن ئۆگىنىۋېلىش ئەڭ چوڭ مۇسىبەتتۇر، دېگەن (سەئدۇللاھ:ئالىم ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى، 82-بەت).

دىننىڭ مەقسەتلىرى ۋە شەرىئەت بىلىملىرىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان بۇ كىشىلەر ئالىملارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭمىغانلىقى ۋە دىننى چۈشىنىش قائىدىلىرىگە رېئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن پىكرى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقتا، مىللەتنى گۇرۇھ-گۇرۇھقا بۆلۈۋەتمەكتە ۋە بىر قىسىم ياشلارنى خەتەرلىك ئازغۇن يوللارغا باشلىماقتا.

بۇلار ناھايىتى چوڭ ئىشلاردىمۇ تەجرىبىسىزلىك ۋە ئاڭسىزلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئالىملار، تەجرىبىلىك كىشىلەر ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئالمايدۇ، بەلكى بۇلار ئالىملارنى كەمسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بەزى ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى بۇلارنىڭ خاھىشىغا ۋە كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇلارنى تەنە قىلىشقا ياكى ئۇلار ھەققىدە قۇسۇر ئىزدەشكە باشلايدۇ، ئۇلارنى قورقۇنچاقلار، خائىنلار، ئاڭسىزلار ۋە بىر نەرسىنى بىلمەيدىغانلار دەپ ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قارىشىنى كۈچكە ئىگە قىلماقچى بولىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ئۇرغىنى تارقىتىدۇ ۋە بىرلىك ۋە تەڭپۇڭلۇقنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئالىملارنىڭ قەدىر قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

  1. ئۆزىنىڭكىنىلا راستقا چىقىرىش ۋە باشقىلارنى بىلىمسىز دەپ قاراش:

 

ئاشقۇنلۇق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئەڭ توغرا دەپ قاراش، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا توغرا كەلمىگەن باشقا قاراشلارنى گەرچە ھەق بولسىمۇ ئىنكار قىلىشتۇر. بىلىمسىزلىك، ئاڭسىزلىق، ئۆزىنىڭ پىكىرى بىلەن مەغرۇرلىنىش ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش پىكىر مۇتەئەسسىپلىكى ۋە مېنىڭكىلا راست دېيىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللاردىن ئىبارەت.

ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئەڭ توغرا دەپ قاراش ۋە باشقىلارنى ئېتىراپ قىلماسلىق كېسىلى بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنى ھالاكەتكە باشلاپ بارغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئەجەبلەنگەن ۋە باشقىلار توغرىسىدا يامان گۇماندا بولغان ئىدى. بۇلار ئۆزلىرىنى ئەڭ مۇتتەقى، باشقىلارنى خاتا يولدا دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم ئۆزىنى ئاقلاشتىن توسىدۇ:«ئۆزۈڭلارنى ئاقلاپ كەتمەڭلار» دەيدۇ (نەجم سۈرىسى، 32-ئايەت).

 خاۋارىجلار ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەلى ۋە ئىبنى ئابباستىنمۇ ئالىم چاغلايدىغان ئىدى. بۇ نادانلار مەسىلىنىڭ تېگىنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھاكىمىيەت پەقەت ئاللاھقا خاس دېيىش ئارقىلىق، ھاكىمىيەت نامى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەن، ئۇلارنىڭ ئابرۇيلىرىغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەن تۇتقان ئىدى.

ھالبۇكى بۇلار دەلىل-پاكىتقا ئىگە ئەمەس تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، باشقىلارنى بىر نەرسە بىلمەيدىغانغا چىقىرىش ئىسلام ئەخلاقىغا تامامەن زىت بىر قىلمىشتۇر، بىلەرمەنلىكتۇر ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر.

  1. خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملارغا تەنە قىلىش:

 

بۇ دەۋردە ئەمەلىي مەيدانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملارغا تەنە قىلىش، ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش، قەدىر قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇلارنى ئېزىپ كەتكەنلەر دەپ سۈپەتلەش ھۇجۇمى شىددەتلىك ھالدا يۈز بەرمەكتە. مەسىلەن، بۇلار ھەسەن بەننا، شەيخ غەززالى، شەيخ يسۈپ قەرزاۋى ۋە باشقا ئالىملار ھەققىدە كۆپ پىتنە تارتقاتقان، تۆھمەت قىلغان ۋە ھۆكۈمەت موللىرى دەپ ئەيىبلىگەن. بۇلارنىڭ ئالىملارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىش كېسىلى ياكى دۈشمەننىڭ ھىيلىسىگە ئۇسۇل ئويناش كېسىلى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى، بىرلىكنى پارچىلاپ تاشلىدى ۋە تۈرلۈك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كېتىشكە سەۋەب بولدى.

ئالىملارغا تەنە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى: ئۇستاز تۇتماي كىتابتىن ئۆزى ئۆگىنىۋېلىش، ئالىملارنىڭ بەزى سۆزلىرىنى خاتا چۈشىنىۋېلىش، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش، ھەسەت قىلىش ۋە ئاڭسىز ھالدا بىلىپ-بىلمەي دۈشمەنلەرنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت. بەزى ياشلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلمىغان ۋە ئۇلارنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن يولىنى قوللاپ بەرمىگەن ئالىملارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئالىملارنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى باشقا مەزمۇنلارغا بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىدۇ.

مىللەت ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە توغرا يولىنى قوغدايدىغانلار ۋە توغرا يول كۆرسىتىدىغانلار ئالىملاردۇر. رەسۇلۇللاھ ئالىملارنى :«پەيغەمبەرنىڭ ئىزىنى ۋە يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغانلار ئالىملاردۇر دەپ سۈپەتلەپ بەرگەن (تىرمىزى رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى بويىچە ھەر دەۋردە ھەقىقەتنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ئالىملار ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملار ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقىتىۋاتقانلار بىلىپ-بىلمەي دۈشمەن ئىستىخباراتىغا خىزمەت قىلىپ سالىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ يولىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان خىزمەت مەيدانىدىكى ئالىملارغا تەنە قىلغۇچىلار ۋە گەپ-سۆز تاپقۇچىلار ئەھل سۈننى ۋەلجەمائەنىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلەردۇر. مىللەتنى توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە بىرلەشتۈرۈپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئالىملار جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلسا، مىللەت ئۈچۈن كىم قالىدۇ؟ كىم  مىللەت ئۈچۈن يول باشلاپ ماڭىدۇ؟

خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىملار بۇ ئۈممەتىكى ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەردۇر. قۇرئان كەرىم ئالىملار توغرىسىدا:« ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان كىشىلەر ئالىملاردۇر» دېگەن (فاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت).

 ئىبنى تەيمىيە بۇ توغرىدا: مۇسۇلمانلار ئۆلىمالىرى ئارقىلىق ھىدايەت يولىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلىمالىرى ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر، دېگەن.

  1. باشقىلارغا قارا كۆز ئەينەك بىلەن قاراش:

 

بۇ كېسەل بۇ دەۋردە بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى، جەمئىيىتىمىزدە كەڭرى تارقىلىپ بەك ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. نادانلىق، نەپسى خاھىش، مەغرۇرلۇق ۋە ئۆزىدىن ئەجەبلىنىش بۇ ئاپەتنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، نادان كىشى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىلەردە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىلمەيدۇ، چۈشەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئالدىراپ باشقىلاردىن يامان گۇمان قىلىشقا، ئۇنى ئەيىبلەشكە ۋە ئۇنىڭ قەدىرىنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.

نەپسى خاھىش بولسا باشقىلارغا يامان گۇمان قىلىش، ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىمەسلىك، باشقىلارغا ئۆزرىسى باردۇر دەپ قارىماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا نەپسى خاھىش بۇ كىشىلەرنىڭ نادانلىقى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.

 مەغرۇرلىنىش  كېسىلى دېگەن ئۆزى ھەققىدە بەك ياخشى ئويدا بولۇش، ئۆز چۈشەنچىسى بىلەن مەغرۇرلىنىش، ئۆزىنى ئاقلاش، ئۆزىنى بىردىن ياخشى مۇسۇلمان دەپ قاراش ۋە باشقىلارنى كەمسىتىش دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ دېگىنىلا توغرا، باشقىلارنىڭ دېگىنى خاتا، ئۇنىڭ دېگىنىلا ھىدايەت ۋە باشقىلارنىڭ دېگىنى ئازغۇنلۇق دېگەن بولىدۇ. بۇ بىلەرمەن كېسەلمەنلەر ئۆزلىرىنى ئىخلاسمەن ۋە توغرا يول تۇتۇۋاتقانلار دەپ چاغلايدۇ، باشقىلارنى بولسا ئەقىدىسى بۇزۇق ۋە ئەقىدىسى ساغلام ئەمەس دەپ قارايدۇ. دېمەك، يامان گۇمان قىلىش ئېغىر ئاپەتتۇر، بۇ ئاپەتنىڭ تەسىرى بەك ياماندۇر.

بۇ ئاپەت بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى يامان گۇمان قىلىشتىن توسقان :«ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار» (ھوجۇرات سۈرىسى، 12-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى:«بىر بىرىڭلارغا قارىتا يامان گۇماندا بولۇشتىن ساقلىنىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى (مۇسلىم رىۋايىتى).

 باشقىلار ھەققىدە يامان گۇماندىن ساقلىنىشنىڭ يولى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۆزرىسى باردۇر دەپ ياخشى قاراشتا بولۇشتىن ئىبارەت.

  1. باشقىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش:

 

باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا قوپال ۋە قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇش ئاشقۇنلۇق كۆرۈنۈشلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەسلى قائىدە بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىش ۋە كۆيۈمچان مۇئامىلىدە بولۇشتۇر. ھالبۇكى قوپال ۋە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش بەزى ياشلارنىڭ ئىستىلغا ئايلىنىپ قالغان. قوپاللىق قىلىش سۆز قىلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە قوپاللىق قىلىدىغان ھالەتلەر شەكىللەنگەن. بۇ سەۋەبتىن قانلار تۆكۈلگەن، مىللەت ۋە ئۈممەتكە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىشكە سەۋەب بولغان.

خاپىلىق ۋە ئېغىر سىناقلار بەزى ياشلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. بەزى ياشلار ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش چۈشەنچىسىگە رېئايە قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش مەسئۇلىيىتى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بىراق بۇ مەسئۇلىيەتنى قىلماقچى بولغانلار مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى  ۋە بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا سەۋەب بولمايدىغانلىقىنى ئۆزى بىلىشى كېرەك. يەنە بەزى ياشلار كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن قاتتىق ئۇسۇل قوللىنىشنى پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالغان. ئەسلى قائىدىنىڭ سىلىق مۇئامىلە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن.

ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ سىلىق ۋە قوپال مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە:«بىر كىشىدە سىلىقلىق تېپىلىپ قالسا ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، بر كىشىدە قوپاللىق بولۇپ قالسا ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

  1. كىشىلەرنىڭ مال -مۈلكىگە چېقىلىش ياكى بۇلىۋېلىش:

 

بۈگۈنكى بىر قىسىم ئاشقۇنلار ئىقتىساد ئېھتىياجىنى تەمىنلەش ئۈچۈن بۇلاڭچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھارام ئۇسۇلغا تايانماقتا. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى غەنىمەت دەپ ئاتىۋالىدۇ، شەرىئەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى بۇرمىلايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھارام ئىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ خاتا پەتىۋانى چىقىرىشىدۇ. ئاشقۇن ئېقىملارنىڭ تارىخىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلىكلىرىگە بۇلاڭچىلىق قىلغان ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئەھۋاللار تەكرار يۈز بەرگەن ھەم يۈز بەرمەكتە.

بۇ ئازغۇن قاراشلار ۋە خاتا پەتىۋالار خاۋارىجلارنىڭ يولىدۇر. مۇسۇلماننىڭ مال-مۈلىكىنى ھىمايە قىلىش شەرىئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ مال-مۈلىكىنى ئېلىۋېلىشى ھارامدۇر. رەسۇلۇللاھ:«ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا قارىتا قېنى، مال-مۈلكى ۋە ئابرويى ھارامدۇر»دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).

كىشىلەرنىڭ مال- مۈلىكلىرىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىش توغرا ئەمەس، رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار، مال-مۈلۈكىڭلار ۋە ئابرويىڭلارغا چېقىلىشنى سىلەرگە ھارام قىلدى» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

خاتىرجەم مۇسۇلمانلارنىڭ جانلىرى ۋە مال-مۈلكىگە چېقىلغانلىق ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتۇر. قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىپ پۇل تېپىشقا ئۇرۇنۇش مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرگەنلىك سەۋەبىدىن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر.

  1. ھەممە كىشىلەرگە دۈشمەن نەزىرى بىلەن قاراش:

ئاشقۇن ئېقىمىدىكى كىشىلەر بۈگۈنكى ئىسلام دىيارىدىكى ھاكىملارغا قارشى قوراللىق جەڭ قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز ئەينى دەپ قارايدۇ. پۈتۈن دۇنياغا قارشى قوراللىق جىھاد قىلماسلىقنى خىيانەت دەپ قارايدۇ.

بۈگۈنكى ئىسلام دىيارىدىكى ھاكىملارنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەبىت ياكى زالىم ھاكىملاردۇر. بىراق ئۇلارنى تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇلى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئىچكى توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدىغان قوراللىق جەڭ قىلىش ئەمەس، باشقا ئۇيغۇن چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىش مۇناسىپتۇر.

 شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا تامامەن زىت كېلىدۇ، چۈنكى زۇلۇم قىلمىغان كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى كاپىرلارنىڭ ھەممىسى بىردەك سەۋىيدە ئەمەس بولۇپ، بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. زېمىندىن پۈتۈن كاپىرنى تۈگىتىش پىكىرى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ كېلىدۇ.

***

مانا بۇلار بۈگۈنكى ئاشقۇنلۇق ۋە مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش يولىنى تۇتقان جامائەتلەردە ياكى ئېقىملەردە تېپىلىدىغان سۈپەتلەردۇر. بۇ سۈپەتلەر خاۋارىجلارنىڭ ھەقىقى سۈپىتىدۇر. خاۋارىجلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خاۋارىجلارنىڭ سۈپەتلىرى تېپىلىدىغان ئاشقۇنلۇق ۋە كاپىرغا چىقىرىۋېتىدىغان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش لازىم.

يېقىنقى زاماندىن بىرى ئاشقۇنلۇق سەۋەبىدىن خاۋارىجلارنىڭ سۈپەتلىرى بەزى مۇسۇلمانلارغا يۇقۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەتلىرى دەپ ئاتالغان پرىنسىپلىرىمۇ بۇ خاۋارىجلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساق قالمىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى، جېنى، ئەقلى، ئابرويى ۋە مال- مۈلكى ئامانلىق ئىچىدە قالمىدى. ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس زۆرۈرىيەتلىرى دەپ ئاتالغان پرىنسىپلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنى قانداقمۇ توغرا يولدا دېگىلى بولسۇن؟ بۇلار ئېنىق ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ قالغانلاردۇر، بۇلارنىڭ يولى ئېنىق خاتا يولدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي