2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان مەقسەتلىرى ۋە قۇرئان كۇرسلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى

قۇرئان مەقسەتلىرى ۋە قۇرئان كۇرسلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى

 

(1)

قۇرئاننىڭ ھىدايىتى

قۇرئان كەرىم ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنى، ئىمان بىلەن كۇپۇرلۇقنى، ياخشى بىلەن ياماننى، نۇر بىلەن زۇلمەتنى ئايرىغۇچى بىر كىتابتۇر. بۇ كىتاب ھىدايەت، مەرىپەت ۋە ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۆجىزە خاراكتېرلىك بىر كىتاب بولۇپ، باتىل ئەقىدىلەرنى ۋە خاتا خىياللارنى تەنقىد قىلىدۇ، كۆز-قاراشلارنى ئىسلاھ قىلىدۇ. كائىنات، ئىنسان ۋە ھاياتنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

بۇ كىتابنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارتۇقچىلىقى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئىنسانغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە يورۇتۇپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇ كىتاب دىنىي، ئەخلاقىي، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي… ئۇقۇملىرىدا مۆجىزە كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم ھەر دەۋردە ھىدايىتى ۋە تەسىرى بىلەن مۆجىزىدۇر.

قۇرئان كەرىم ھايات ئۈچۈن مۇكەممەل يول خەرىتىسى بولۇپ، ئەقىدە ئاساسلىرىنىڭ  مەنبەسى، ئەخلاق ۋە ئىنسانىي قىممەت-قاراشنىڭ دەستۇرى، ئىبادەتنىڭ ئاساسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ يول باشچىسىدۇر. ئىنساننى ھىدايەت قىلىش ۋە كۆرسەتمە بېرىش قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك مەقسىتىدۇر. قۇرئاننىڭ ھىدايىتى تەپەككۇر ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.

ئاللاھ بۇ كىتابنى ئىنسانىيەت ۋە مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت، كۆرسەتمە، رەھمەت ۋە شىپا دەپ سۈپەتلەپ بەردى. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى ھېكمەتتۇر، شۇڭا قۇرئان كەرىم ھېكمەتلىك كىتاب دەپ سۈپەتلەنگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ سۈپەتلىرىنىڭ تەقەززاسى قۇرئاننى چۈشەنگەندە تەجەللى بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسەت ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇش مەقسەت قىلىنغان. قۇرئان كەرىم بۇ مەقسەتنى بارلىق ئىنسانلارغا ۋە مۆمىنلەرگە تۈرلۈك شەكىلدە ئىلان قىلغان. بىراق ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى بولغانلىقى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىشمۇ ئىبادەت سانالغان.

قۇرئان كەرىمىنىڭ مەزمۇنلىرى، كۆرسەتمىلىرى ۋە ئەھكاملىرى مۇشۇ مەزمۇننى نىشان قىلىپ ماڭىدۇ. قۇرئاننىڭ بارلىق يوليورۇقلىرى ئىنساننى ھىدايەت قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.

قۇرئان ھىدايىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، قىيامەت بولغۇچە ھەر بىر شەخس ۋە ھەر بىر ئەۋلادنىڭ ھەققىدۇر. قۇرئان ھىدايىتى ھەر زامان ۋە ھەر ماكان ئۈچۈن ھىدايەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنىگىچە قوغداشقا كېپىل بولغان. قۇرئان ھىدايىتى تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە مەدەنىيەت رىسالىسى بولۇپ، ئاساسى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئىماندۇر. قۇرئان ھىدايىتى ئىنساننىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈشى، ياخشىلىق ۋە تىنچلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئىنسانغا ئەۋزەل ھايات مېتودىنى سىزىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن.

قۇرئاننىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرى ۋە قىممەت-قاراش قۇرۇلمىسى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ «ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش (يەنى تەۋھىد)، ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلىشى ۋە كائىناتنى گۈللەندۈرۈش»تۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مەنبەنى ۋە باشقا قىممەت-قاراشلار تارماقلىنىپ چىقىدىغان ئۆلچەم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىمان، نەپسىنى تەربىيىلەش، ئىنسان شەخسىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسى تۈزۈملەر، مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى ئالاقىلىرىدىكى باشقا قىممەت-قاراشلارنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىسلامدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت-قاراش بولۇش بىلەن بىرگە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقئارالىق ئىنسانىي قىممەت-قاراشتۇر.

 (2)

قۇرئان كەرىم تەلىم-تەربىيەنىڭ مەنبەسىدۇر

 

ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ ئىلغار چارىسى قۇرئان كەرىمدۇر، چۈنكى بۇ كىتاب ھىدايەت، ھەقىقەت، ۋەز-نەسىھەت، بايان، نۇر ۋە ئەڭ توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر. قۇرئان كەرىم ئىنسان نەپسىنى بەدەن، ئەقىل ۋە روھى جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا كۆپ توختالغان. نەپسىنىڭ سىرلىرى، كېسەللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە تۈرگە ئايرىپ بەرگەن. قۇرئان كەرىم ئىنسان نەپسىنى ئەڭ ياخشى تەپسىلى بىلىدىغان زات تەرىپىدىن ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈتۈش ۋە پاكلاش ئۈچۈن چۈشكەن كىتابتۇر. شۇڭا نەپسىنى ئىسلاھ قىلىشتا قۇرئان كۆرسەتكەن ۋاسىتە ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدۇر. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش، تەسىرلىنىش ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۆزىنى پاكلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر. كىم ئۆزىنى پاكلىماقچى بولسا قۇرئان سايىسى ئاستىغا كىرسۇن، قۇرئان تەسىرى ۋە سايىسى ئاستىدا ياشىغان ئىنسانغا ئاللاھ رەھىم قىلسۇن. بۇرۇنقىلارنى پاكلىغان دورا، ھازىرمۇ قولىمىزدا ئۆز پىتى بار. بۇرۇنقىلارنى تەرەققى قىلدۇرغان ۋاسىتە ئالدىمىزدا بار، ئۇ بولسىمۇ 14 ئەسىر ئىلگىرى چۈشكەندىن تارتىپ ئۆز پىتى ساقلىنىپ كەلگەن ئىلاھى ھەل قىلىش دورىسىدۇر.

قۇرئان ھايات يولى كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەن ئىنسان ئۈچۈن شىپادۇر. بۇ قۇرئان كەرىم ئىنسان ئەقلى تەسىر دائىرىسىنى ھېس قىلىپ بولالمىغۇدەك زور كۈچكە ئىگە كىتاب. بۇ تاغنى ئورنىدىن ماڭدۇرۇۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىتاب.. قۇرئان ھېسسىيات، ئەقىل ۋە قەلبىگە تەسىر بېرىشتە يەككە-يېگانە قۇدرىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ۋە مەنىۋى كۈچ بېغىشلايدىغان مەنبەدۇر.

قۇرئان كەرىم ئىنساننى ياراتقان ۋە ئىنساننى ئىنساندىن بەكرەك تولۇق چۈشىنىدىغان زات تەرىپىدىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن يېگانە دورىدۇر. قۇرئان ئاللاھنىڭ ئىنسانغا تاللاپ بەرگەن دورىسىدۇر. ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى ياراتقان زات تەرىپىدىن كەلگەن دورىنى ئىستىمال قىلمىسا شىپا تاپالمايدۇ.

قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە پاكلىشى ئۈچۈن توغرا باشلىنىش يولىدۇر، چۈنكى بۇ يول ئىلگىرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك يولدۇر. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار قۇرئانغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بىر قانچە يىل جەريانىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەۋلاد، ئەڭ ياخشى مىللەت ۋە ئەڭ ياخشى ھەزارەت يېتىشتۈرۈپ چىققان نەرسە قۇرئاندۇر.

نەپسىنى پاكلاش، شۇنداقلا خورلۇق ۋە بالا-قازادىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى قۇرئان كەرىمنىڭ يولىدۇر. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئاننى ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا ئەمەل قىلساڭ، نەتىجە قازىنىسەن»دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى).

كىتاب ئوقۇغانلار ئوقۇش ئارقىلىق بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئەپسۇسكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئانغا كەلگەندە بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇماستىن، ئىخچام بولسىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن، پەقەتلا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ! بولمىسا ئاللاھ بۇ كىتابنى كىشىلەر ئوقۇپ، مەزمۇنلىرىنى مۇلاھىزە قىلسۇن، مەقسەتلىرىنى چۈشەنسۇن ۋە شۇ ئاساستا ھايات كەچۈرسۇن دەپ چۈشۈرگەن كىتاب ئىدى: «بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»(ساد سۈرىسى، 29-ئايەت).

كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىدى، قۇرئاننى ئوقۇش بىلەنلا توختاپ قالدى، ئايەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىدى. ئاللاھ بۇ قۇرئاننى چۈشىنىپ، شۇ ئاساستا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن كىتاب ئىدى، بىراق كىشىلەر تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىشنى تۈگەتتى. تىلاۋەت قىلىشتىن مەقسەت تەسىرلىنىش ئىدى. ئىززەت-شەرەپ مەنبەسى بولغان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، مەزمۇنلىرىغا چۆكمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار يولنىڭ خەرىتىسىنى توغرا ئوقۇيالماي ۋە مەشئەلنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، قاراڭغۇدا يول يۈرۈپ ئازگاللارغا يىقىلدى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارقىدا قالدى ۋە قىممىتىنى يوقىتىپ قويدى.

قۇرئاننى تەۋەرۈك كىتاب، ئوقۇساق ئەجىر بار كىتاب دېگەن نۇقتىغا يەكۈنلەپ، قۇرئانغا تىلىمىزنى بېرىپ، ئەقلىمىز ۋە قەلبىمىزنى بەرمىدۇق. سۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ خىل ھالەتتىن ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئىدى:«پەيغەمبەر:«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» دېگەن (فۇرقان سۈرىسى، 30-ئايەت).

ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىنى تاشلاندۇق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇق، بەخت-سائادىتىمىزنىڭ ئاچقۇچى بولغان قۇرئانغا غەلىتە مۇئامىلە قىلدۇق. قۇرئانغا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا مۇئامىلە قىلدۇق. تىلاۋىتى بار، بىراق روھى، مۆجىزىسى، تەسىرى ۋە ھاياتنى يېتەكلەپ مېڭىشى يوق. قۇرئانغا پۈتۈن روھىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قۇرئاندىن ھەقىقى پايدىلىنالمىدۇق. مانا بۇ قۇرئاندىن پايدىلىنالماسلىقتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئانغا قايتايلى، قۇرئانغا قارىتا ئىشەنچىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى، چۈنكى قۇرئان ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدىغان ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ئەڭ چوڭ مەنبەدۇر. قۇرئان بىلەن تەسىرلىنىش ۋە لەززىتىنى ھېس قىلىش پايدىلىنىشنىڭ توغرا يولىدۇر. ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، قۇرئاننىڭ مۆجىزە تەسىرىنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى، قەلبىمىزگە نۇرىنىڭ چاقنىشى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى كۆرەيلى… شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئاننىڭ تەمىناتى بىزنىڭ تەييارلىقىمىزغا قارىتا بولىدۇ. رىغبىتمىز كۈچلۈك بولسا مەقسىتىمىزگە تېز سۈرئەتتە يېتەلەيمىز. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى بىزنىڭ قوبۇل قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.

(3)

قۇرئان كۇرسلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە پرىنسىپلىرى

تەربىيە خىزمىتى دېگەن ئاڭسىزلىق، دۆتلۈك ۋە بۇرۇلۇش شەكىللىرىگە دائىم تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر تۈرى بولغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىك كۈچ چىقىرىپ، سەۋر قىلالايدىغان ئېغىر بېسىق ئادەمگە مۇھتاج بولىدۇ.

تەربىيە خىزمىتى ئاقارتىش ۋاستىسى بولۇپ سۈپەت بىلەن نىشاننى بويلاپ ماڭىدۇ، خىزمەت قىلىش ساھەلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىكېتىپ بېرىدۇ. تەربىيە خىزمىتى تۈرلۈك پايدىلىق مەرىپەتلەرنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە يېڭى ئىلغار پىكىر ۋە مەرىپەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. تەلىم-تەربىيەدە يېڭىلىق يارىتالماي كونىلىققا ئېسلىۋالىدىغان خەلقلەر  مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ.

(4)

تەربىيە نىشانلىرى

 

ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاخىرقى نىشانى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرشىش بولۇپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تارماق بىر قانچە نىشانلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

1.چوڭقۇر ئىمان ۋە ئىسلام ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈش:

ھەر قانداق ياخشى ئىشنىڭ ئاساسى ئاللاھغا سەمىمى ئىمان كەلتۈرۈش، ئىسلام ئەخلاقى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشتۇر. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىبادەت، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئۈمىد، قورقۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشتۇر.  مانا بۇ تۈردىكى ئىمان مۇستەھكەم ئاساستۇر.

ئىماننى جانلاندۇرىدىغان نەرسە ئىبادەت ۋە ئىتائەت خاراكتېرىدىكى ئىشلارنى كۆپ قىلىشتۇر. پرىنسىپ ۋە ئالى قىممەت-قاراشلارنى جانلاندۇرىدىغان نەرسە پرىنسىپقا چىڭ ئېسىلىش يولىدا بەزى مەنپەئەتلەرنى قوربان بېرىشتۇر. تەربىيە خىزمەتلىرى ۋە مېتودلىرى ئىمان ۋە ئېسىل ئەخلاقنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلغاندا، ئېسىل ئەخلاق ھاياتىنىڭ سايىسىغا كېرەلەيمىز.

قۇرئان كۇرسىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قۇرئان يادىلىتىش ياكى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىمان ئەركانلىرى، ئىمان روھى، ئىسلام پرىنسىپلىرى ۋە ئىسلام ئەخلاقىنى سىڭدۈرۈشتۇر. قەلبىنى پاكلاش ئۇسۇللىرى، ۋىجدان تەربىيسى ۋە ئادېمىگەرچىلىك قائىدىلىرىنى تەلىم بېرىشتۇر. شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى شارائىتىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر.

2.كۆرەش قىلىش ۋە چىداملىق بولۇش روھى:

شەرىئەتنىڭ تەلىماتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىش خاراكتېرى، كۆرەش قىلىش ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا چىداملىق بولۇشنىڭ بۈيۈك كۆرۈنۈشىدۇر.

 ئوقۇغۇچىلار شەرىئەتنىڭ تەلىماتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىش يولىدا كۆرەش قىلىش، چىداملىق بولۇش؛ شۇنداقلا كۆڭۈل تۇيغۇللىرىنى كونترول قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوچۇق ئەقىل ۋە ئۈمىدكە توشقان ئىنىرگىيەگە مۇھتاج بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا: ئەڭ كاتتا كىتابنىڭ تېخى يېزىلمىغانلىقىنى، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكىنى، بۇ ئىشلارنىڭ ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىق ئېڭىنى جانلاندۈرۈشىمىز كېرەك.

3.ھەر زامان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە يامانلىققا قارىشى تۇرۇش:

ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىش ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىش مۇسۇلماننىڭ بۇ ھاياتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم. ئىشلىرىدا خاتالىشىپ قالسا، خاتالىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ قىينچىلىقنى ھەل قىلىشتىن قاچماسلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ھەقىقەت ۋە پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن ۋىجدان تەربىيسى، مەيدان مەسىلىسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى جانلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆلچىمى بىلىمى بىلەن ئەمەس، مەيدانى ۋە تۇتقان پوزىتىسىيىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

(5)

تەلىم- تەربىيەدىكى مۇھىم نۇقتىلار

1.تەربىيە خىزمىتى ۋاقىتقا مۇھتاج:

ئالدىراڭغۇلۇق تەربىيەنىڭ دۈشمىنىدۇر. ھەر بىر ئۆمۈرنىڭ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ، ۋاقىت ھەل قىلىدۇ. تەربىيە خىزمىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ۋە خاراكتېرىگە قارىتا مۇناسىپ ھالدا، مەلۇم مىقداردا ئەركىنلىك بېرىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بېسىم ۋە تاياق ئاستىدا قۇرئان يادىلىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچىسى يوق، بېسىم تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمايدىغان، چۈشكۈن ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2.قىزىقتۇرۇش ئاساسىدا تەربىيلەش ياخشى تەربىيەدۇر:

ئىنسان مىڭىسىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە روھىنىڭ بەرداشلىق بېرىش تاقىتى چەكلىك بولىدۇ. تەربىيلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىنى چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان «ئوچۇق ئەقىل» يېتۈشتۈرۈش لازىم. «ئوچۇق ئەقىل» دېگىنىمىز  بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە توغرا باھا بېرىش ۋە ئىبرەت ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقىلدۇر.

تەربىيە ساھەسىدىكى كۆز-قاراشلىرىمىز بەك كەسكىن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، چۈنكى دائىم ئىلگىرلەش ۋە تەرەققى قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى تېپىلىدۇ، دائىم ھەل قىلىش چارىلىرى تېپىلىپ تۇرىدۇ. بىلىم-مەرىپەت ئەۋرىشىملىك بىلەن ياكى مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بىلەن تەقدىم قىلىنغاندا ئوچۇق ئەقىل يېڭىلىقنى ئىزدەپ تۇرىدۇ ۋە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەۋرىشىملىك ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىلىم-مەرىپەت ئۇسۇلى سوئال قوزغاپ تۇرىدۇ، جاۋاب ئىزدەشكە ئىنتىلدۈرىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتىنى قوغداش ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ئەيىبلەش، ئۇلاردىكى ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىزىقماسلىق ياكى ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا قۇل كەبى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ روھى ۋە تەپەككۇرنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.

ئوقۇغۇچىلاردىكى پەزىلەت ۋە ئېسىل ئەخلاقنى قىسسە، گۈزەل ئۆلگە ۋە ئىلغارلارنى مەدھىيلەش ئارقىلىق يېتۈشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا خاتالىق كۆرۈلسە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. تەربىيە خىزمىتى سېغىندۇرۇش ۋە قىزىقتۇرۇشقا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇستازلار سۆز، ئۇسۇل ۋە مەلۇماتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇھتاج بولىدۇ.

3.ئۇستازلار قانداق بولسا ئوقۇغۇچىلار شۇنداق يېتىشىپ چىقىدۇ:

ئوقۇغۇچىلار بىز ئويلىغاندىنمۇ زېرەك كېلىدۇ، ئۇلار  كۆپ نەرسىلەرگە دىققەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازنىڭ شەخسىيىتى گەپ-سۆزلىرىدىن بەكرەك تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇستازدا شەخسىيەتچىلىك، مۇستەبىتلىك، تەقلىدچىلىك ۋە مۇتەئەسسىپچىلىك دېگەندەك كېسەل بولسا، بۇ كېسەللەرنى ئوقۇغۇچىلارغا يۇقتۇرماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتىن ئىلگىرى چوڭلارنى تەربىيلەش لازىم. چوڭلارمۇ ھەر دائىم ئەينەككە تەكرار- تەكرار قاراپ، كۆز ئالدىدىكى مىللەتنىڭ ئامانىتى بولغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشكە لاياقىتىنىڭ بار-يوقلىقىغا ئىنساپ بىلەن ئىلمىي باھا بېرىپ، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. ئۇستاز لاياقەتسىز بولسا، كەلگۈسىدە يارامسىز ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىقىدۇ.

4.بېسىپ ئىش قىلىش لازىم:

ھىممەتلىك ۋە ئىرادىلىك ئىنساندا نۇرغۇن ئىقتىدار تېپىلىدۇ، بىزدە ئىنتىلىش ۋە ئىرادە روھى بولسا، كۆپ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز. بىراق بىزدىكى ئىللەت راۋۇرۇس كۈچ چىقارماستىن تېز نەتىجە يارىتىش ۋە غەنىمەت يىغىش بولۇپ قالماقتا. پىشىپ يېتىلمىگەن بۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقسىزلىق، روھسىزلىق، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش، ھەتتا دىن دۈشمەنلىرىگە بىلىپ- بىلمەي خىزمەت قىلىشتەك كېسەل پەيدا قىلىپ، ئەخلاقى جەھەتتىن بۇرۇلۇشقا ئېلىپ بارماقتا. قايسى بىر نەرسە سۈپەتلىك بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھەرىكەت، تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم.

5.ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش:

ئىنسان ھەقىقەتلەرنى بىر قېتىمدىلا ھېس قىلىپ يېتىشتىن ئاجىز  بولۇپ، تەدرىجى تونۇپ يېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىراقلا بىلىپ كەتمەيدۇ، بەزىدە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئۆز پرىنسىپىغا زىت ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ. مانا بۇ ئىشلار ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش تېمىسىنى مۇھىم ئىشلار قاتارىغا كۆتۈرىدۇ.

ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۆزىنى تۈزىتىۋىلىش ۋە كەمچىللىكىنى ھېس قىلىۋىلىش دېمەكتۇر. قۇرئان كەرىم ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەنقىد قىلىش يولىنى كۆپ ئايەتلەردە تىلغا ئالغان.

6.تەربىيەنىڭ ئاساسىي ئائىلە:

تەربىيە خىزمىتىدىكى ئاساسلىق نۇقتا ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت. ئاساسلىق تەربىيەنى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن ئائىلىدۇر. ئائىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ئۆسمۈرلەرنىڭ شەخسىيىتى ۋە پىسخىكىسى بەلگىلىنىپ بولىدۇ. شۇڭا مەكتەپ ۋە قارىخانىلاردا ھەر دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش پايدىلىق بولۇپ، تەربىيە خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

ئىستانبۇل

2017.07.07