2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

راستچىللار سوراققا تارتىلىدۇ

راستچىللار سوراققا تارتىلىدۇ

ئاللاھ قۇرئاندا: «ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى توغرىسىدا سوئال -سوراققا تارتىدۇ» دەيدۇ (ئەھزاب سۈرىسى، 8 – ئايەت).

ئاللاھ قىيامەت كۈنى راستچىل كىشىلەرنىڭ راستچىللىق دەرىجىسى، تىلى بىلەن دىلىنىڭ بىردەك راستچىللىقى، مەسئۇلىيىتىنى قانچىلىك ئادا قىلغانلىقى، پىرىنسىپىدا قانچىلىك چىڭ تۇرغانلىقى ۋە زالىملارغا قانچىلىك قارشى تۇرغانلىقى ھەققىدە ھېسابقا تارتىدىكەن.

ھېسابقا تارتىلىدىغان بۇ كىشىلەر يالغانچى ساختىپەزلەر ئەمەس، ياكى قۇرۇق دەۋاگەرلەر ئەمەس، ياكى شۆھرەتپەرەسلەر ئەمەس، ياكى مەنپەئەتپەرەسلەر ئەمەس ياكى مۇناپىقلار ئەمەس، بەلكى راستچىل ۋە سەمىمىي كىشىلەردۇر.

ئۇلارنىڭ راستچىللىقى ۋە سەمىمىيىتى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانچىلىك ئادا قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتنى قانچىلىك قوغدىغانلىقى ھەققىدە ھېسابقا تارتىلىشتىن شاپائەت قىلالمىغان يەردە، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز نېمە بولۇپ كېتەر؟ بىز ئەقىدىمىز، ۋەتىنىمىز ۋە مۇسۇلمان مىللىتىمىز ھەققىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ھەققىدە قانچىلىك سوئال- سوراققا تارتىلارمىز؟.. ھالبۇكى، بەزىلىرىمىز ھەقىقەت مەيدانىدا تۇرغانلىقى، ھەقىقەتكە ياردەم بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلدۇق دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمىز ۋە ۋىجدانىمىزنى خاتىرجەم قىلىشقا تېرىشىۋاتىمىز.

ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى قۇرئان- سۈننەتنىڭ تارازىسىغا سالىدىغان بولساق، ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھەققىدە كەمچىللىك ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى، ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىشتىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ۋە دۇنياغا كېلىشتىكى غايىمىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئادا قىلمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز.

راستچىللار ھېسابقا تارتىلغان يەردە ئىدىيەسى بۇزۇقلار، يالغانچىلار، شۆھرەتپەرەسلەر، ساختىپەزلەر، مەنپەئەتپەرەسلەر ۋە مۇناپىقلارنىڭ ھالىي نېمە بولۇپ كېتەر؟

بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەر بىرىمىز ئۆزىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشى، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى