2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

گەپ – سۆز مەسئۇلىيەت، مىش-مىش پاراڭ پىتنىدۇر

گەپ – سۆز مەسئۇلىيەت، مىش-مىش پاراڭ بومبىدۇر

1. گەپ – سۆز مەسئۇلىيەتتۇر

گەپ- سۆز كۆڭۈلدىكىنى مەقسەتنى ئىپادىلەش، ئالاقىلىشىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، قانائەتلەندۈرۈش، ئىسپاتلاش، ئىنكار قىلىش، ئېتىراپ قىلىش، كۆڭۈلنى ئۇتۇش ۋە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش… ۋاسىتىسىدۇر.

ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دەرىجىسى سۆز ئارقىلىق كۆتۈرۈلىدۇ، ياكى سۆز ئارقىلىق چۈشۈپ كىتىدۇ. مەسىلەن، ئىنسان ئىسلامغا سۆز ئارقىلىق كىرىدۇ، سۆز ئارقىلىق ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ، سۆز ئارقىلىق نىكاھقا ئوخشاش ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىلىدۇ، سۆز ئارقىلىق ئېلىم-سېتىم بولىدۇ ياكى بۇزۇلىدۇ، سۆز ئارقىلىق ئىززەت ئابرۇيلار مۇداپىئە قىلىنىدۇ ياكى ھۇجۇم قىلىنىدۇ.

سۆز ياخشى بولسا، قەلبنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلىش ئارقىلىق ياخشى نەتىجە بېرىدۇ، مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئىناقلىق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ، دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى ئازلىتىدۇ.

قىلىنغان سۆز پايدىلىق ۋە راستچىل بولسا، ساۋاب بولىدۇ، كىشىلەر ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، يامان گۇماننى يوقىتىدۇ، نەسىھەت ۋە سەدىقە سانىلىدۇ، ھەمدە توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى چارىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما قىلىنغان سۆز يامان ياكى قەبىھ ياكى يالغان ياكى تۆھمەت ياكى غەيۋەت ياكى مىش- مىش پاراڭ ياكى كبىر بىلەن ئىپادىلەنسە، كۆڭۈلنى رەنجىتىدۇ، قېرىنداشلىقنى بۇزىدۇ، مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرىدۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ، ئاللاھنى رەنجىتىدۇ، گۇناھ پەيدا قىلىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى مەسئۇلىيەتكە تارتىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. سۆز بۇ قەدەر ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، ياخشى گىپى بولسا قىلسۇن. ياخشى گىپى بولمىسا، سۈكۈت قىلسۇن» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

سۆز مەيلى يازما، مەيلى ئاۋازلىق، مەيلى ئىكرانلىق بولسۇن ياخشى ۋە راستچىل بولسىلا، قىلىچتەك كۈچلۈك رول ئوينايدۇ، بەلكى جايىدا قىلىنغان توغرا سۆز قىلىچتىنمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«شېھىتلەرنىڭ رەھبىرى ھەمزىدۇر ۋە زالىم ھاكىمغا قارشى ھەق گەپ قىلالىغان كىشىدۇر» دېگەن (ھاكىم رىۋايىتى).

دېمەك، گەپ- سۆز ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ۋاسىتىسىدۇر، ئىككى بىسلىق قورالدۇر، مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلغۇچىدۇر ياكى ئۆرۈپ تاشلىغۇچىدۇر. شۇڭا، سىز ياخشى ۋە راستچىل سۆز قىلىپ ساۋاب ئالىدىغان ئىش قىلىڭ، چۈنكى سەمىمى قىلىنغان ياخشى سۆزلەر قەلبلەرنى ئېرىتىدۇ، كۆڭۈللەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، غەم-قايغۇنى كەتكۈزىدۇ، غەزەپنى يوقىتىدۇ، بولۇپمۇ ئىنساپ ۋە تەبەسسۇم بىلەن قىلىنسا ئۆزئارا قوبۇل قىلىشقا ئېرىشتۈرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېرىدىشىڭىزنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلسىڭىز سەدىقە قىلغاندەك ساۋاب بولىدۇ» دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

2. مىش-مىش پاراڭنى تارقىتىشنىڭ خەتىرى

مىش-مىش پاراڭ كۆپىنچە ھاللاردا بىر شەخس، ياكى بىرەر گورۇپپا، ياكى ئىنتېرنېت تورلىرى، ياكى بىرەر گېزىت ياكى تېلېۋىزىيە ئېكران ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقايدىغان ئىجتىمائىي ئىللەتتۇر. مىش-مىش پاراڭ تارقاتقان كىشىلەرنىڭ مەقسىتى يا ماددىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش، ياكى مەنسەپكە ئېرىشىش، ياكى ئۆزىنىڭ مەيداندا مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش، ياكى بىرەرسىنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ياكى بىرەر بىرلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ياكى پىتنە پەيدا قىلىش.. تىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئاساسىي يوق گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىش شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئارىنى يىراقلاشتۇرىدۇ، ئۆزئارا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، ئائىلىنى بۇزۇۋېتىدۇ، دوستلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ، كۈچنى پارچىلىۋېتىدۇ، ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىدۇ، ھەسرەت پەيدا قىلىدۇ، بىگۇناھ كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ، جەمئىيەتتە ئېتىبارى بار بولغان كىشىلەرنىڭ ئېتىبارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، پىتنە ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ، سەپنى بۆلۈۋېتىدۇ ۋە بىرەر ئۇيۇشمىدىكى ئەزالارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

شۇڭا، مىش-مىش پاراڭ مەنىۋى بومبا ياكى پىسخىكا زەمبىرەك قورالىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، مۇسۇلمان بىرەر گەپ ئاڭلىسا، ئۇنى باشقىلارغا دېيىشتىن ئىلگىرى ئۇ گەپنىڭ راست- يالغانلىقىنى ۋە ئۇ سۆزنى تارقىتىشنىڭ پايدا- زىيىنىنى تەكشۈرۈشى لازىم. چۈنكى قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» دەپ تەلىمات بەرگەن (ھوجۇرات سۈرىسى، 6 – ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاساسىي يوق سۆزلەرنى تارقىتىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى مەن ئۆچ كۆرىدىغان ئادەم سۇخەنچىلىك قىلىپ دوستلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان كىشىدۇر» دېگەن (ئەھمەد رىۋايىتى).

دېمەك، سۆز ئامانەتتۇر، سۆز مەسئۇلىيەتتۇر، ھەر بىرىمىز قيامەت كۈنى ھەربىر ئېغىز سۆزىمىزدىن ۋە ھەربىر ھەرىكىتىمىزدىن ھېساپ بېرىمىز. شۇڭا سىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قىلىۋاتقان گەپ- سۆزلىرىڭىزنىڭ مىللەتكە پايدىلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. سۆزلىرىڭىز دىنىڭىز، ۋەتىنىڭىز ۋە مىللىتىڭىزگە پايدىلىق بولسۇن. سەپنى بۆلۈشكە ئەمەس، بىرلەشتۈرۈشكە ھەسسە قوشىدىغان پايدىلىق گەپ بولسۇن. ياخشى گىپىڭىز بولمىسا، سۈكۈت قىلسىڭىزمۇ ساۋابقا ئېرىشەلەيسىز.

3. ئەمەلىي رېئاللىقچۇ؟

بۈگۈنكى تور، تېلېۋىزىيە ئىكرانى ۋە ھەرخىل ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا قۇرۇلغان توپلاردىكى ئەمەلىي ھاياتىمىزغا قارايدىغان بولساق، بەزىلەر پايدىسىز ياكى گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردىمۇ گەپ – سۆز قىلىۋېرىدىغان، ھەتتا غەيۋەت قىلىدىغان، تەكىتلىمەي تۇرۇپ مىش-مىش پاراڭ تارقىتىدىغان، پىكىرنى ياكى مۇئەييەن بىر قىلىقنى تەنقىد قىلماي باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى تەنقىد قىلىدىغان، بىرسى خاتالىشىپ قالسا، باشقىلارنىمۇ قوشۇپ تەنقىدلەيدىغان ياكى ھاقارەتلەيدىغان، گۇناھ بولۇشتىن قورقماستىن قۇرۇق گەپ سۆزلەرنىڭ يېيىلىشىغا ۋاسىتە بولۇپ بېرىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىرسىگە بىرسىنىڭ بىرەر مىجەزى ياكى تارماق مەسىلىلەردىكى كۆزقارىشى ياقماي قالسا، كەڭ قورساق بولۇپ كۆز يۇمۇشنىڭ ئورنىغا، ياكى مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا چىرايلىق شەكىلدە تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، ياكى ئىنساپلىق كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ئارىنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى ساۋابلىق ياكى ئۇلۇغ ئىش قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىش ئۈچۈن پىتنىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ياكى قۇرۇق گەپ -سۆزلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان سورۇن ياكى گورۇپپا ياكى كامىرالارنى ھازىرلاپ بېرىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرمەكتە. ئەپسۇسكى، بەزىلەر سورۇنلىرىدا ياكى گورۇپىسىدا ياكى كامىرالىرىدا مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان گەپ- سۆزلەر ياكى غەيۋەتلەر ياكى ھاقارەتلەر ياكى شەخسى ھۇجۇملار يۈز بەرگەندە، «بۇنداق گەپ- سۆزلەرنى قىلمايلى، مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش مۇسۇلمانلىققا ياراشمايدۇ، گۇناھ بولىدۇ» دەپ مۇنكەر قىلىقلاردىن توسۇش ئورنىغا، ئۆزىنىڭ بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىدىغان، ئېغىزى ئوت ئادەملەرگە بىنزىن چېچىپ بېرىدىغان، ياكى ئېسىگە كەلمىگەن گەپلەرنى ئېغىزىغا سېلىپ بېرىدىغان، جېدەل -ماجىرانىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئەھۋاللار ئەۋج ئالماقتا.

 يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى پەرىشتە ساناپ، باشقىلار قىلالمايدىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇدا بولۇپ، باشقىلارغا شەخسىيىتىگە ئەخلاقسىزلارچە ھۇجۇم قىلىدىغان، ياكى باشقىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېتىشكە ئۇرۇنىدىغان، ھەتتاكى ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتقىمۇ بىر پۈتۈن ھۇجۇم قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. يەنە بەزىلەر بىلىپ- بىلمەي دۈشمەنلەرنىڭ ياكى شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلەرنىڭ پىلانىغا ھەسسە قوشۇپ بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس…

ئەسلىدە ھەربىر سۆنى ئىسلامنىڭ ئەخلاق تارازىسىغا ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچەملىرىگە سېلىپ تۇرۇپ، ھەمدە نەتىجىنىڭ قانداق چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ تۇرۇپ گەپ – سۆز قىلىش ياكى يېزىش مۇناسىپ ئىدى. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز تىل توغرىسىدا: «كىم تىلىغا ۋە جىنسى ئەزاسىغا ئىگە بولالىسا، مەن ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىل بولىمەن» دېگەن ئىدى (بۇخارى رىۋايىتى). دېمەك، تىلنىڭ تۈزۈلۈشى بەدەن ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلگىنى دېمەكتۇر، تىلنىڭ بۇزۇلۇشى بەدەن ئەزالىرىنىڭ بۇزۇلۇشى دېمەكتۇر.

بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلنى ئىپپەتلىك تۇتۇشقا، ياخشى گەپ- سۆزلەرنى قىلىشقا، يامان ياكى زىيانلىق سۆزلەرنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىپ: «مۆمىن دېگەن باشقىلارنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىغا چېقىلمايدۇ، لەنەت تىلىمەيدۇ، قەبىھ ياكى سەت گەپلەرنى قىلمايدۇ» دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى). يەنە: «كىم ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، ياخشى گەپ قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن» دېيىش ئارقىلىق ياخشى گەپ- سۆز قىلىشنى ئىماننىڭ گۈزەللىكىگە باغلىغان (بۇخارى رىۋايىتى).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2020- يىلى، رامىزان ئېيى