بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن؛ پەيغەمبىرىمىز مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ھۆرمەتلىك ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەرگە سالام بولسۇن!
بۇ «ئۇسۇلۇل فىقھ» (فىقھى ئاساسلىرى) ھەققىدىكى بىر كىتابچە بولۇپ، مەن ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى تەلەپ قىلىنىدىغان ھەرقانداق مەسىلىدە — مەيلى ئۇ فىقھى، ئەقىدە، دەۋەت ياكى ئەخلاق ساھەسىدە بولسۇن — ئوقۇرمەنلەر بىلىشكە تېگىشلىك، شەرىئەت ئىلمى ساھەسىدىكى ھەربىر تەتقىقات تېمىسىدا ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى خۇلاسىلىدىم.
چۈنكى، بۇ ئىلىم يەنى «ئۇسۇلۇل فىقھ» گەرچە فىقھىي (ئەمەلىي ھۆكۈملەر) گە بەكرەك مەركەزلىشىدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بارلىق شەرىئەت ئىلملىرىدە تەپەككۇر قىلىش، ھۆكۈم چىقىرىش (ئىستىنبات)، ئىجتىھاد قىلىش ۋە ئەڭ توغرا بولغىنىنى بېكىتىش (تەرجىھ) مېتودىغا ئاساس سالىدۇ. ئۇ كىشىدە بارلىق ھاياتلىق ئىشلىرىدا توغرا تاللاش ۋە تەدبىرلىك بولۇش ئىقتىدارى يېتىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، چۈشىنىش يوللىرىنى پىرىنسىپلاشتۇرىدىغان ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىگە قارىتا رەتكە تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىلىمدۇر.
دوكتور مۇھەممەد ئەيياش ئەلكۇبەيسى