2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى

بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار غاپىل قېلىۋاتقان مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرى بىرلىك پەرزىدۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىدۇر، چۈنكى بىرلىشىش، ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق، بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بۆلۈنمەسلىك ۋە ئورۇنسىز تالاش – تارتىش قىلماسلىق شەرئى پەرزدۇر ۋە ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەتتۇر.

ئەگەر بىز قۇرئانغا قارايدىغان بولساق، قېرىنداشلىققا ۋە ئۆز ئارا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە، ھەمكارلىققا ۋە ئارىنى ياخشىلاشقا بۇيرۇيدىغان كۆپلىگەن ئايەتلەرنى ئۇچرىتىمىز: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، اللەدىن قورقۇڭلار» (ھوجۇرات سۈرىسى، 10 – ئايەت).

بىر جەمئىيەتتە دىيانەت ۋە ئەخلاق ئاجىزلىغاندا ھەمدە نادانلىق كۆپىيىپ كەتكەندە، بىرلىك ۋە دوستلۇقنى يارىتىدىغان شارائىتمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ، نەتىجىدە بۆلۈنۈش پەيدا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىن بولىدۇ، بۆلۈنگۈچىلەردىن يىراق بولىدۇ.

بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ بۆلۈنۈشتىن، تالاش- تارتىشتىن ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن توسقان. شۇڭا، مىللەتنى بۆلىدىغان ۋە بۆلۈش خاراكتېرلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشى، چۈشەنچىلىرىنى توغرىلىشى ۋە نەپسى خاھىشلىرىدىن ۋاز كېچىشى لازىم.

مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋاسىتىلىرى

1). سەمىمى ئىمان ۋە ساغلام ئېتىقاد:

 مانا بۇ كىشىلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىدۇر. دىنى ئېتىقادىمىز بويىچە قارىغاندا ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلار 90 % دىنىي مەسىلىلەردە ئىتتىپاقلىققا ئىگە. لېكىن ئىتتىپاقلىققا كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماسلىق، مۇتەئەسسىپلىك قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ھەرخىل كۆزقاراشنى قوبۇل قىلىدىغان 10% ئەتراپىدىكى مەسىلىلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلماقتا. كىشىلەر ئىتتىپاقلىققا تەۋە مەسىلىلەرنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشلار ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئورتىنى قوچىۋاتقان تارماق مەسىلىلەر ئاڭسىزلىق تۈپەيلىدىن ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، ھەسەت ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولماقتا. ئەگەر ئالىملار ۋە سىياسىي ساھەدىكىلەر ئىتتىپاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپ توختالغان بولسا، كىشىلەر بىرلەشكەن بولاتتى، ئەھۋاللار ياخشىلانغان بولاتتى ۋە تالاش- تارتىشتىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتى.

2. ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇش:

 ئەگەر كىشىلەر ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدىن بۇرۇلۇپ كەتسە، تالاش تارتىشقا كىرىپ قالىدۇ، چۈنكى كىشىلەر ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىدىن بۇرۇلۇپ كەتسە نەپسى خاھىش ۋە خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ. نەپسى خاھىشغا ئەگەشكەندە بىرلەشكىلى بولمايدۇ.

بۈگۈنكى ھالىمىزغا قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن كىشىلەر ياكى ئېقىملار ياكى جەمئىيەتلەر دىننىڭ بىر قىسمىنى تۇتۇپ مېڭىپ، يەنە بىر قىسمىغا سەل قاراۋاتىدۇ. بەزىلەر ئەقىدە ۋە قىممەت قاراش تەرەپلىرىنى تۇتۇپ مېڭىپ، ئۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر دىننىڭ تەلىم تەربىيە ۋە فىقھى تەرەپلىرىنى تۇتۇپ مېڭىپ، ئۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر دىننىڭ دەۋەت ۋە سىياسەت تەرىپىنى تۇتۇپ مېڭىپ، ئۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئەخلاق قىسمىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراۋاتىدۇ ، يەنە بەزىلەر ئىقتىساد قىسمىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراۋاتىدۇ. 

ئەپسۇسكى، ھەر ئېقىم ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى ئەڭ توغرا يول، باشقىلارنىڭ تۇتقان يولىنى ئەھمىيەتسىز ياكى خاتا يول دەپ دەۋا قىلىپ، جېدەل -ماجىرا، ئاداۋەت ياكى يامانلىشىش پەيدا قىلىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار ئەسلىدە ھەدىستە تەسۋىرلەنگەندەك بىر تەنگە ئوخشاش بىر گەۋدە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆز قاراشلىرىمىزدا بەزى ئوخشاشماسلىق بولسىمۇ، ئۆزئارا بىر – بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى خىزمەت مەيدانىدىكى بەزىلەر قولنىڭ رولىنى ئالسا، بەزىلەر ئەقىلنىڭ رولىنى ئالىدۇ، بەزىلەر يۈرەكنىڭ رولىنى ئالىدۇ، بەزىلەر كۆزنىڭ رولىنى ئالىدۇ. دېمەك، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان ھەربىر ئەزا يەنە بىرسىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ.

ئەگەر بىز بىر-بىرىمىزگە مۇشۇنداق قارىيالىساق، ئۆزئارا بىر- بىرىمىزنى تولۇقلىيالايمىز. بىرەر ئەزا كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ ئەزانى ئۇدۇللاھ كېسىۋەتمەي داۋالاشقا تېرشايلى، چۈنكى دوختۇرمۇ ئامال بولمىغۇچە كېسىۋەتمەي تۇرۇپ داۋالاشقا تېرىشىدۇ. يەنە بىر-بىرىمىزگە ئۆزئارا چىرايلىق ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلىشايلى، ئىلمىي تەنقىد قىلايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تولدۇرۇشقا تېرىشايلى.

3. ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنىدىغان ئىشەنچىلىك ئالىملارغا ۋە ئىقتىدارلىق يېتەكچىلەرگە ئەگىشىش مۇھىم، ئەمما ئېنىق گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئەگىشىش ياكى ئىتائەت قىلىش كىشىلەرنى بۆلۈۋېتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىلىدۇر.

4. مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، ياكى مۇتەكەببۇرلۇق قىلىپ، ياكى مەنسەپپەرەسلىك قىلىپ، ياكى شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ، ياكى باشقىلارغا يامان گۇمان قىلىپ، ياكى باشقا كۆزقاراشتىكى قېرىنداشلىرىغا قوپاللىق قىلىپ، ياكى باشقا كۆزقاراشتىكىلەرنى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتتى دەپ دەۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ قېنى، ياكى ئىززەت – ئابرۇيى، ياكى مال – مۈلۈكىگە چېقىلىش توغرا بولمايدۇ.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، جەمئىيەتتە ھەر زامان يامانلىق قىلىدىغان، بۆلۈنۈش پەيدا قىلىدىغان، ئاداۋەت تېرىيدىغان ۋە ئۆزئارا كۈشكۈرىتىدىغان كىشىلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىش، ئۇلاردىن ھەزەر قىلىش، باشقىلارنى ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى مەسئۇللۇق ئورنىغا چىقارماسلىق لازىم.

5. پىكىر مۇستەبىتلىكى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بەزىلەر ھەرخىل كۆز قاراشنى قوبۇل قىلىدىغان ئىشلاردىمۇ باشقىلارغا كۆزقاراشلىرىنى تېڭىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر مۇتەكەببۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى خاتالاشمايدىغاندەك دەۋالاردا بولۇشىدۇ.

ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە مۇتەكەببۇرلۇق قىلىش، ياكى ئۆزىنى ئەڭ توغرا يولدا دەپ دەۋا قىلىش، ياكى ئۆزىنى خاتالاشمايدىغاندەك قىياپەتكە كىرگۈزۈۋېلىش بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا توسالغۇ بولىدۇ.

بىرلىك ۋە ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈشنىڭ توغرا يولى پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ۋە ئىتتىپاقلىققا كەلگەن مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇشتۇر. ئەمما تارماق مەسىلىلەرنى ياكى ھەر خىل كۆزقاراشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەرنى بۆلۈنۈش، بىر-بىرىنى يامان كۆرۈش، بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئاداۋەت تۇتۇشنىڭ سەۋەبى قىلماسلىقتۇر.

6. بىرلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە ئىنساپ قىلىش ۋە ياخشى گۇمان قىلىش لازىم. بىرەرسى خاتالىشىپ قالسا، ئۆزئىچىدىن بولسا مۇداپىئە قىلىدىغان، باشقىلاردىن بولسا ھۇجۇم قىلىدىغان يولغا كىرىۋالساق، توغرا بولمايدۇ. بىز ھەقنى ئاساس قىلايلى، ھەق كىمنىڭ تىلىدىن چىقسا قوبۇل قىلايلى، تالاش- تارتىش خاراكتېرىدىكى مەسىلىلەردە كەڭ قورساق بولايلى، بىر-بىرىمىزگە يول قويايلى، بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە تۆھمەت قىلمايلى، ھۇجۇم قىلمايلى، مۇتەئەسسىپلىك قىلمايلى، خائىنغا چىقىرىۋەتمەيلى ياكى دەلىلسىز تۆھمەت قىلمايلى.