2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ سىماسى

ئەلۋەتتە، مەدەنىيەتلىك ئىنسان دېگەن ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان ئاڭلىق ئىنساندۇر، مىللەتنىڭ كىملىكى، مىراسىي ۋە مەدەنىيىتىنى ھىمايە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغان ئىنساندۇر.

مەدەنىيەتلىك ئىنسان دېگەن يۈكسەك ئەخلاق پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ، مىللىتىگە قارىتا مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلىدىغان، ئىش- ھەرىكەت قىلىشتا بىرەرسىنىڭ ماختىشىنى كۈتمەستىن، ياكى بىرەر مەنسەپنى كۆزلىمەستىن ساۋاب ئىزدەپ ياخشى ئىش قىلىدىغان ئىنساندۇر، چۈنكى ئۇ ئىنسان ئاللاھنىڭ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى كېمەيتىپ قويماي تولۇق بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئىنساندۇر.

مەدەنىيەتلىك ئىنسان دېگەن ھەسەت، كىبىرلىك، مەنمەنچىلىك ۋە ئۆچمەنلىككە ئوخشاش ناچار قىلىقلاردىن ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىمۇ كىشىلەرگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان مەدەنىيەتلىك ئىنساندۇر. بۇ ئىنسان مۇسۇلمانلىق تەقەززاسى بويىچە مال- مۈلكى ياكى ئابرۇيى ياكى مەنسىپى ياكى ئۇنۋانى ئارقىلىق تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان،  قېرىنداشلىرىنى كەمسىتمەيدىغان، يالغان سۆزلىمەيدىغان قەلبى پاك، تىلى پاك، قولى پاك ۋە ئىززەت- ئابرۇيى پاك مەدەنىيەتلىك ئىنساندۇر.

بۇ ئىنسان گۈزەل ئىش ھەرىكەت بىلەن ناچار قىلىقنىڭ باراۋەر بولمايدىغانلىقىنى، ياخشىلار بىلەن ناچار كىشىلەرنىڭ تەڭ بولمايدىغانلىقىنى، مىللەتكە ھەقىقىي پايدىلىق ئىش قىلىدىغان ياكى پايدىلىق پىلان تەقدىم قىلالىغان سەمىمىي كىشىلەر بىلەن شەخسى مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي مەيدانغا كىرىۋالغان  ساختىپەز ئادەملەرنىڭ تەڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىپادە بىلدۈرەلەيدىغان مەدەنىيەتلىك ئىنساندۇر.

بۇ ئىنسان بىر ئىش قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، بۇنىڭ سەۋەبىنى باشقىلاردىن ئىزدىمەيدىغان، نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەدەب – ئەخلاقىنى بىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ بازارغا سېلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ساناقسىز ئەيىبلىرىنى كۆرۈپ، خىجىللىقتىن يۈزى قىزىرىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم باسىدىغان مەدەنىيەتلىك ئىنساندۇر.

مەدەنىيەتلىك ئىنسان دېگەن ناچار بىر ئىشلارنى تۈزىتىشتە ياكى مىللەتنى ساختىپەزلەردىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشاش بىرەر ئىشتا ئۆزى قەلەم تۇتالايدىغان تۇرۇپ، ياكى گەپ قىلالايدىغان تۇرۇپ، باشقىلار ئۇنى قىلمىدى، بۇنى قىلمىدى دەپ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ ئۆزى مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدىغان پىرىنسىپچان ئىنساندۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي