2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسى

تەرجىماندىن

مۆھتەرەم كىتابخان، قولىڭىزدىكى «ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسى- بۈيۈك مالىمانچىلىقتىن ئەرەب باھارغىچە-» ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور مۇھەممەد مۇختار شەنقىتى دوكتۇرلۇقنى ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالغان. ئۇنىڭ ئاكادېمىيە تەتقىقاتلىرى ئىسلامنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ئىدىيەسىگە مەركەزلەشكەن. ئۇ ھازىر قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ۋە ئەخلاقى مەركىزىدە سىياسىي ئەخلاق پروفېسسورىدۇر.  ئاپتورنىڭ بۇ كىتابى ئىسلامنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى، سىياسىي نەزەرىيەلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق يېزىلغان كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور بۇ كىتابىنى ئالتە يىلدا يېزىپ چىققان.

بۇ كىتاب ئۆلچەم جەھەتتە ئىسلامىي ھۆججەتلەرنى، تېما جەھەتتە ئىسلام تارىخىنىڭ تەجرىبىسىنى، مەقسەت جەھەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي كرزىسىدىن قۇتۇلۇشىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئىسلام دىنىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئېلىپ كەلگەن سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنى ھازىرقى زاماندىكى ئىسلامىي دۆلەت ئەندىزىسىدە يولغا قويۇشنى نەزەىيەۋىي ئاساس بىلەن تەمىنلەشنى نىشانلايدۇ.

 ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىدىن مەقسەت ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار سىياسىي جەھەتتىن بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخي رېئاللىق ئارىسىدىكى ئايرىملىقتۇر.

ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئىككى نۇقتىنى مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرى، ئىسلام مەيدانغا كەلگەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى سىياسىي بوشلۇق ۋە ئەرەبلەرنىڭ دۆلەت، تۈزۈم ھەققىدىكى ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. ئىككىنچىسى، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى قورشاپ تۇرغان ئىمپېرىيەلەرنىڭ مۇستەبىتلىك تەسىرى ھەمدە ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىغا مەنىۋى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردە قىممەت قاراش توقۇنۇشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بۇ جەمئىيەتلەردە كېلىشىم خاراكتېرىدىكى ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ زومىگەرلىك خاراكتېرىدىكى ئىمپېرىيە قىممەت قاراشلىرى ئالدىدا قورۇلۇپ قېلىشغا سەۋەب بولغان.

بۇ كىتاب ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا، ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنى دەلىللەش ۋە ئىمپېرىيە مىراسلىرىدىن ئايرىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قىسمىدا، ئىسلام دۆلىتى تۇغۇلغان تارىخىي جەريان ۋە ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى سۆزلىنىدۇ. ئۈچىنچى قىسمىدا، ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىدىن چىقىرىش يوللىرى ھەققىدە توختىلىدۇ.

ئاپتور ئىسلام تارىخىنى ۋەھىيدىن پەرقلەندۈرۈش، ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىش، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ۋە غەربنىڭ سىياسىي تەجرىبىسىدىن ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا پايدىلىنىشقا چاقىرىدۇ.

ئاپتور كىتابىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۆلچەملىرى، ئىنسانىي ئادالەت دۆلىتى ۋە نەپس خاھىش ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇستەبىتلىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىرىنى بايان قىلىدۇ.

ئاندىن ئىسلام دۆلىتىنىڭ تارىخىي ۋارىسلىق ئاساسىدىكى ئەمەس، ئۆلچەم ئاساسىدىكى دۆلەت بولسا قانۇنلۇق دۆلەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىسلامنى مەنبە قىلغان دېموكراتىك دۆلەت بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلايدۇ. شۇڭا، ئاپتور ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرى بىلەن غەرب ئەقلى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە يەكۈنلىگەن دېموكراتىيە قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئارىسىدا كەڭ دائىرلىك ئورتاق ساھەلەر مەۋجۇت، دەپ قارايدۇ. ئىسلام تەبىئىي خاراكتېرگە ئۇيغۇن دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنى بىلەن ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سىياسىي تۈزۈم ئارىسىدا ئوخشاشلىق نۇقتىلىرى تېپىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاپتور ھازىرقى زامان دۆلەت ئۇقۇمى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىدۇ، چۈنكى ھازىرقى زامان دۆلىتى دىن ۋە ئىرق ئورتاقلىقى ئاساسىدا قۇرۇلمايدۇ، بەلكى جۇغراپىيە ئاساسىدا ۋە ئىجتىمائىي كېلىشىم ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان دۆلىتى ئورتاق يەر – مۈلۈك كېلىشىمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ كېلىشىمگە تەۋە بولغان ھەركىمنىڭ ۋەتەنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەق – ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ھەققى بولىدۇ. جۇغراپىيەنى ئاساس قىلغان يېڭىچە دۆلەت ئۇقۇمى مەدىنىدىكى دەسلەپكى ئىسلام دۆلىتى ئۆرنىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئاپتور يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي قانۇن كرزىسىدىن قۇتۇلۇشىنى ئىككى تۈرلۈك ئامىلغا يىغىنچاقلايدۇ. بىرى، سىياسىي مۇستەبىتلىككە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە ھىجرىيە 38 – يىلى سىففىين جېڭىدە يۈز بەرگەندەك بۈيۈك مالىمانچىلىق قورقۇنچىسىدىن ئەنسىرىمەسلىك. شۇڭا، بۈيۈك مالىمانچىلىقنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەستىن مۇستەبىتلىككە قارشى قوزغالغان ئەرەب باھارى ھەرىكىتى ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ئۈمىدى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچىسى، ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇنى ئىمپېرىيەچە ۋارىسلىقتىن ئازاد قىلىش ھەمدە ھازىرقى زاماندا ھەرىكەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك ۋەھىي ئۆلچەملىرىنى ئىسلامنىڭ تارىخىي قىممەت قاراشلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ھازىرقى زامان ئىسلام دۆلىتىنىڭ روشەن ئۆلچەملىرىگە ئايلاندۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن، دەسلەپتە قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنى بەلگىلەش، ئۇنى ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىغا ئايلاندۇرۇش، ئاندىن ئۇ قىممەت قاراشلارغا خىزمەت قىلىدىغان چارە – تەدبىر ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش لازىم.

ئاپتور بۇ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك جەدۋەل تۈزگەن. بىرى، ئىسلامنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي قىممەت قاراشلىرى، يەنە بىرى، سىياسىي جەھەتتىن ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قىممەت قاراشلار. قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان بۇ ئىككى تۈرلۈك قىممەت قاراشلار سىياسىي قىممەت قاراشلارنى ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ۋە ھازىرقى زاماندا دۆلەتنىڭ ئىسلامىي دۆلەت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان قائىدىلىك ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ئەگەر دۆلەت بۇ قىممەت قاراشلارغا رىئايە قىلسا، ئاندىن ئىسلام دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ.

1. ئىسلامنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىغا ئالاقىدار قىممەت قاراشلار:

ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش، سىياسىي چوقۇنۇشنى رەت قىلىش، فىرئەۋنچە مۇستەبىتلىكنى ئۆرۈپ تاشلاش، ئادالەت بىلەن پەزىلەتنى بىرلەشتۈرۈش، سىياسىي ھاكىمىيەت شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئەركىنلىكنىڭ مەسئۇلىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكى، ھاكىمىيەت ۋە تەقسىماتتا ئادىل بولۇش، سىياسىي لاياقەتتە باراۋەر بولۇش، ئىجتىمائىي تەبىقىچىلىكنى بىكار قىلىپ تاشلاش، سىياسىي ۋەكىل سايلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى كېڭەش ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈش، سىياسىي بەيئەت كېلىشىمى، سىياسىي بىرلىك ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمراندىن ئايرىلماسلىق، قانۇنلۇق سىياسىي ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىش، مەنسەپكە ھېرىس بولماسلىق ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار.

2. ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار سىياسىي قىممەت قاراشلار:

ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىش، كۆپ سانلىقنىڭ يولىنى تۇتۇپ مېڭىش، زالىمغا قارشى تۇرۇش، ئاممىۋى مال – مۈلۈكنىڭ ئاللاھنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدىغانلىقى، خىيانەت ۋە پارىخورلۇقنى چەكلەش، ئەمەلىي ئىقتىدارلىق بولۇش، سىياسىي ھېكمەتكە ئىگە بولۇش، قارار چىقىرىشتا كېڭىشىش، ھاكىم ۋە پۇقراغا تەڭ نەسىھەت قىلىش، ھاكىمنىڭ پۇقرالارغا مېھرىبان بولۇشى، ھاكىمنىڭ ھەرتۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى پۇقرالاردىن قاچۇرماسلىقى، دىنغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكى قاتارلىقلار.

ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇستەبىتلىك بار يەردە ئاساسىي قانۇننىڭ پايدىسى بولمايدىكەن، بەلكى ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بولىدىكەن. شۇڭا، دۆلەتنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇل – چارىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى لازىم ئىكەن. بۈگۈنكى كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرى قەغەزدىكى قۇرۇق سىياھلاردىنلا ئىبارەت ئىكەن.

ئاپتور كىتابنىڭ ئاخىرىدا، ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاساسىي قانۇن كرىزىسىدىن چىقىرىش ئۈچۈن، يەنە ئىككى تۈرلۈك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرى، مۇسۇلماننىڭ ۋىجدانى ئىسلامنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرى ۋە دەسلەپكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ سىياسىي تەجرىبىسىگە قانائەتلىنىشى. ئىككىنچىسى، ھازىرقى زامان دۆلەت ئۇقۇمى بىلەن ئۇيغۇن بولۇشى.

ھۆرمەتلىك كىتابخان، مەن ئىسلامنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى ۋە سىياسىي قىممەت قاراشلىرى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما خاراكتېرلىك چوڭ ھەجىملىك بۇ كىتابنىڭ ھەر تېمىدىكى مۇھىم دەپ قارالغان نۇقتىلىرىنى ئۆزلەشتۈرمە شەكلىدە قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم. شۇڭا، بۇ تەرجىمە مەزكۇر كىتابنىڭ قىسقارتمىسىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2020-يىلى، 12- نويابىر

ئىستانبول – تۈركىيە