2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىبادەتنىڭ روھىي ۋە كۈندىلىك ھاياتىمىز

ئىبادەتنىڭ روھىي ۋە كۈندىلىك ھاياتىمىز

ئىسلامدىكى ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ روھىي ۋە مەقسىتى تەقۋالىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نامايان بولىدۇ. تەقۋالىق بولسا قەلبى ھالەت بولغانلىقى ئۈچۈن شەكىل ياكى تاشقى كۆرۈنۈش بىلەن نامايان بولمايدۇ، بەلكى تەقۋالىق دېگەن ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشى، ئەقىدىنىڭ كۈچلىنىشى، ئىستىلىنىڭ ئىسلاھ بولۇشى، ئىدىيەنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇشى ۋە كۈندىلىك ھاياتتا ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ياشاش روھىدا نامايان بولىدىغان ھالەتتۇر.

مەسىلەن، روزا تۇتقاندا يامان سۆز ۋە يامان ئىش – ھەرىكەتلەردىن دىققەت قىلىش تەقۋالىقنىڭ نامايەندىسى ئىدى، باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلماسلىق ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرىدۇ ۋە كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەنلىكتىن ھاسىل بولغان تۇيغۇ ئىدى. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يول ھازىرلاش ئىدى، ئۇسساپ كەتسىمۇ ۋە قورسىقى ئېچىپ كەتسىمۇ بەرداشلىق بېرىش، سەمىمىيەت ۋە ئىرادىلىك بولۇش روھى ئىدى. بىرەر ئەخلاقسىز ئىنسان غەيۋەت قىلغان ياكى ئىززەت- ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا رەددىيە بەرمەي ئاچچىقىنى بېسىش روزىدىن ئىبارەت ئىبادەتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىق ۋە پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلىق ئىدى.

كۆڭلى رەنجىگەن كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىۋېتىش، قېرىنداشلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش، ئورۇنسىز جېدەل قىلماسلىق، قېرىنداشلىق ھوقۇقىغا رىئايە قىلىش، ئۆتۈنۈش، كۆيۈنۈش، سېخىيلىق قىلىش، خەيرى- ئېھسان قىلىش، ۋاقىتقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەر بىر ۋاقىتنى ئىتائەت خاراكتېرلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش، روزىنىڭ روھى بىلەن ياشاش، ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى دوست تۇتۇش، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتۇش، زالىملار ۋە تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرۇش روزىنىڭ تەقەززاسى ئىدى.

دېمەك، ھەر بىر ئىبادەتنىڭ غايىسى ۋە نىشانى بولىدۇ، ھەر بىر ئىبادەت ئىنسانغا غايە ئۆگىتىدۇ، روھ ۋە ئىرادە ئاتا قىلىدۇ، ئەخلاق ئۆگىتىدۇ، ئادىمىگەرچىلىكنى ئۆگىتىدۇ. ئىبادەتنىڭ روھىنى ھېس قىلالىغان ۋە ھەر زامان ھاياتىدا ئىبادەتنىڭ مەقسەتلىرىنى تەتبىقلاشقا تىرىشىدىغان ئىنسان ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تېتىغان ۋە سىناق دۇنياسىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈشكە قەدەم باسقان بولىدۇ.

ئەجابا بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىز قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بىزدە ئىبادەتنىڭ روھىغا ئىنتىلىش بارمىدۇ؟ مەسچىتتىكى ئىمانىي ۋە قېرىنداشلىق روھى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتىمىزدا بارمىدۇ؟ ياكى ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ياكى روزا تۈگىگەندىن كېيىن، ئىبادەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتامدۇق؟ بۇ سوئالغا ھەر كىمنىڭ قەلبىي، روھى، ۋىجدانىي ۋە ئەخلاقىي ھالىتى جاۋاب بەرسە كېرەك.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي