2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سىياسىي ھەرىكەتتە پىرىنسىپ بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى

سىياسىي ھەرىكەتتە پىرىنسىپ بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي

پىرىنسىپ دېگەن سىياسەت بەلگىلەيدىغان نىشانلار ۋە ئاساسلىق قىممەت قاراشلار يىغىندىسىدۇر. ئەمما مەنپەئەت دېگەن بۇ نىشانلار ۋە ئاساسىي قىممەت قاراشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت.

سىياسەت دۇنياسىدا سىياسىي پىرىنسىپلار بىلەن سىياسىي مەنپەئەتلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن مەنپەئەتلەر زامان ۋە ماكانغا قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دىپلۇمات ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش، تىنچلىق پۇرسىتىنى يارىتىش، چىقىشىپ ياشاشقا ئوخشاش ئىيجابىي مۇناسىۋەتلەر  بولسۇن، ياكى دىپلۇمات مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش ياكى باشقا دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىش دېگەندەك سەلبىي مۇناسىۋەتلەر بولسۇن شارائىت ۋە مەنپەئەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مەنپەئەت باغلاپ تۇرىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسىگە ۋە ئىچكى – تاشقى بېسىملارغا قاراپ، تارىيىدۇ ياكى كېڭىيىدۇ. سىياسەت دۇنياسىدا دوستلار دۈشمەنگە، دۈشمەنلەر دوستلارغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. سىياسەت دۇنياسىدا دائىم دوست ۋە دائىم دۈشمەن بولمايدۇ.

سىياسەت دۇنياسىدا سىياسىي پىرىنسىپلارنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىشى ياكى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سىياسىيونلارغا باغلىق بولىدۇ. سىياسىيونلار پىرىنسىپلىرىغا سادىق بولۇپ، چىڭ تۇرالىسا قىممىتى ئاشىدۇ. لېكىن پىرىنسپلىرىدىن ۋاز كەچسە ياكى سەل قارىسا، قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ ۋە سىياسىي كۈرەشلىرى ئاجىزلىشىدۇ.

ئىسلامنىڭ ماھىيىتىگە قارايدىغان بولساق، سىياسەت ئىسلامدىن ئايرىلمايدۇ، چۈنكى سىياسەت بىلەن ئەقىدە قوشكېزەك، سىياسەت بىلەن ئەخلاق قېرىنداش، سىياسەت بىلەن ئادالەت ۋە ئەركىنلىك بىر تۇغقان.

دىن ئامەنەت، سىياسەت بۇ ئامانەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىدۇر.

 دىن ئەركىنلىكتۇر، سىياسەت بۇ ئەركىنلىكنى تەتبىقلىغۇچىدۇر.

دىن تەلىماتتۇر، سىياسەت بولسا چارە – تەدبىردۇر.

دىن ئاساستۇر، سىياسەت بۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان قۇرۇلمىدۇر.

دېمەك،  ئىسلامدىكى سىياسەتمۇ ھەقىقىي مەنپەئەتتىن ئايرىلمايدۇ، چۈنكى ئىسلامدىكى سىياسەتنىڭ تەقەززاسى مەۋجۇت ئىمكانىيەت ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.

ھەقىقىي سىياسىي ئىنسانلار پۈتۈن دۇنياغا ياكى پىكرىي جەھەتتىن كېلىشەلمەيدىغان ئېقىملارنىڭ ھەممىسىگە جەڭ ئېلان قىلمايدۇ، بەلكى دۈشمەننىڭ سانىنى مۇمكىنقەدەر ئازايتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بەزى تەرەپلەر بىلەن بولغان كۈرەشنى كېچىكتۈرىسە، يەنە بەزى تەرەپ بىلەن ۋاقىتلىق ئىتتىپاقلىشىدۇ. چۈنكى، سىياسەت دېگەن دائىم دوست ۋە دائىم دۈشمەن تۇتىدىغان ئويۇن ئەمەس، بەلكى شارائىتقا قارىتا زامان ۋە ماكانغا باغلانغان ئىستىراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىق تۈزىدىغان ھەرىكەتتىن ئىبارەت.  

سىياسىي ھەرىكەتتە مەنپەئەت دەپ قارىلىۋاتقان بىر ئىش توغرىسىدىكى پوزىتسىيە ياكى كۆزقاراش سىياسىي پىرىنسىپقا زىت كەلمەسلىكى لازىم. چۈنكى، پىرىنسىپتىن ۋاز كېچىپ ھەقىقىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرىنسىپ بىلەن مەنپەئەتنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش ياكى ئۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇۋېتىش سىياسىي ھەرىكەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان سىياسىي پوزىتسىيەسىنى پىرىنسىپ دەرجىسىگە كۆتۈرۈۋېتىش ياكى پىرىنسىپلارغا سەل قاراش سىياسىي ھەرىكەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، بۇ پروگىمىمىزنى كۆرگەيسىز: