2024-يىل 19-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

دەۋەتچى بىلەن سىياسەتچى بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ

دەۋەتچى بىلەن سىياسەتچى بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي

دىنىمىزدا دەۋەتچى دېگەن مىللەتنىڭ سوقۇۋاتقان يۈرىكى، ھەرىكەتلىنىۋاتقان روھىي ۋە سىياسەتنى چۈشىنىدىغان ئەقلىدۇر.

سىياسەتچى دېگەن كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زېرەكلىك، نامايان بولۇپ تۇرىدىغان ھېكمەت، تەسىر كۆرسەتكۈدەك قارار ۋە مۇسۇلمانلىقىنىڭ نىشانى بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان يۈرەكتۇر.

دەۋەت زېرەك ئەقىللەرنى يېتۈشتۈرۈپ چىقىدىغان، قەلبىلەرنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە جەمئىيەت شەكىللەندۈرىدىغان ئاساستۇر.

ئەمما سىياسەت پايدا- مەنپەئەتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، كىملىكنى قوغدايدىغان ھەمدە ئەقىدە، جان، ئەقىل، ئىززەت- شەرەپ، مال- مۈلۈك، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنى ھىمايە قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر.

دەۋەتنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ئادەملىرى بولىدۇ، شۇنىڭدەك سىياسەتنىڭمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ئادەملىرى بولىدۇ. دەۋەتچى بىلەن سىياسىيوننىڭ ھەر ئىككىسى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، چۈنكى دىنىمىزدا سىياسەت بىلەن ئەقىدە بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدۇ ھەم بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ.

دەۋەتچى پىرىنسىپنى بايان قىلىدۇ، سىياسەتچى ئۇنى قوغدايدۇ ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

سىياسەتچى قارار قىلىدۇ، دەۋەتچى قوللايدۇ.

بەزىدە دەۋەتچىنىڭ سۆزى سىياسەتچىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرىكتىدىن تەسىرلىك بولىدۇ.

بەزىدە سىياسەتچىنىڭ قارارى دەۋەتچىنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە ۋەزلىرىدىن تەسىرلىك ۋە پايدىلىق بولىدۇ.

خالىسىڭىز دەۋەتچى بولۇڭ ياكى سىياسەتچى بولۇڭ. لېكىن ئىقتىدارىڭىز يەتكەن، جەمئىيەتكە پايدا يەتكۈزەلەيدىغان ۋە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن سىياسىي پىرىنسىپ ۋە بىر پۈتۈن كىملىك خەرىتىسى ئاساسىدا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلالايدىغان ساھەدە خىزمەت قىلىڭ.

دېمەك، دىنىمىزدا دەۋەتچى بىلەن سىياسەتچىنىڭ تەسىرىنى ئۈچ ئىش بەلگىلەيدۇ:

1. ئىش-ھەرىكەتتىكى نىشان- غايە ۋە سەمىيمىلىك.

2. ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۈپەتلىك ۋە ئۆلچەملىك بولۇشى، مىقدارى ئەمەس.

3. كەسىپتىكى ماھارەت ۋە ئىجادچانلىق قاتارلىقلار.