2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇسۇلمانلاردىكى كىملىك كۆرۈنۈشلىرى

مۇسۇلمانلاردىكى كىملىك كۆرۈنۈشلىرى

باشتا شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، كىملىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ياكى شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپال قائىدىلىرىگە زىت كەلمەيدىغان پايدىلىق نەرسىلەردىن كىمدىن بولسۇن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.  

كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بىلىشتە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىدىيە تەسەۋۋۇرى ياكى سىياسىي يۆنىلىشى ياكى سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ يا مۇسۇلمان يا كوممۇنىست ياكى ئەلمانىزم، ياكى لىبرالىزىم ياكى خرىستىيان ياكى ئافرىقىلىق ياكى ئامېرىكىلىق ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

كىملىك ئامىللىرى: تىل، ئىرق، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، قىممەت قاراش، جۇغراپىيە ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيەدىن تەركىب تاپىدۇ.

كىملىكنىڭ كۆرۈنۈشلىرى: كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، گۈزەل سەنئەت، ئەدەبىيات، شېئىر، رىۋايەت، قۇرۇلۇش شەكىللىرى ۋە ئۆرپ – ئادەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

كۆرۈنۈش بەزىدە كىملىكنى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئىنسانىي ئورتاقلىققا تەۋە نەرسىلەرنى قوللىنىش كىملىكنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. مەسىلەن، ھالال -ھارامغا دىققەت قىلىش شەرتى ئاساسىدا ئامېرىكىلىق تامىقىنى يېيىش، ياۋرۇپا پوسۇنىدا ئۆي سېلىش، ياكى شەرئى ئۆلچەمدىن چەتنىمىگەن ئاساستا مۇئەييەن كىيىم – كېچەك پورمىسىغا مايىل بولۇشقا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەر كىملىكنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. شۇڭا، كىملىككە تەھدىت سالىدىغان ۋە كىملىكنى بىكار قىلىۋېتىدىغان نەرسىلەر كۆرۈنۈشلەردىن كېلىپ چىقمايدۇ، بەلكى كىملىك ئامىللىرىدىكى نۇقساندىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھازىرقى زامان ئىسلام كىملىكىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشلىرى

مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدىكلىرى نېمە؟ مۇسۇلمانلار باشقىلاردىن نېمە ئارقىلىق پەرقلىنىپ تۇرىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كىملىكنىڭ ئۆزگەرمەس قىسىملىرى بىلەن ۋە ئۆزگىرىدىغان قىسىملىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇھىم.

كىملىكنىڭ ئۆزگەرمەس قىسىملىرى: دىن، تىل، ۋەتەن، مەدەنىيەت، تارىخ، قىممەت قاراش، ئىدىيە، كۈلتۈر ۋە ئورتاق مەسىلىلەر.

كىملىكنىڭ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان كۆرۈنۈشلىرى: كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، ئاتالغۇلار ۋە ئۆرپ – ئادەتلەردىن ئىبارەت.

ھازىرقى زامان ئىسلام كىملىكىنىڭ ئاساسلىق تاشقى كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. دىن: ئىسلام دىنىمىز كىملىكىمىزنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىلدۇر، چۈنكى دۇنيا قاراش، قىممەت قاراش، ئىدىيە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە قانۇن – تۈزۈملەر ئىسلام كۆرسەتمىسىگە تايىنىدۇ. لېكىن، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى چۈشەنچىسى يۈزەكى بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنىمىز ئادەت ۋە شەكىلگە ئايلىنىپ قالماقتا. بىر قىسىم مۇسۇلمانلاردا ئاشقۇنلۇق ياكى ئاشقۇن پاسسىپلىق ئىللەتلىرى كۆرۈلمەكتە.

2. ئانا تىل پەخرىمىزدۇر، ئانا تىل مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ شەرتىدۇر، ئانا تىل مىللىتىمزنىڭ بەلگىسىدۇر، ئانا تىل مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسىدۇر، چۈنكى ئانا تىلىنى يوقاتقان مىللەت تارىختىن غايىب بولىدۇ، تىلسىز مىللەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ.

دېمەك، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى تىل ۋە ساغلام ئېتىقادتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئامىلغا باغلىقتۇر. چۈنكى مىللەتنىڭ پىسخىكىسى، ۋىجدانى ۋە ئەقلانىيىتى تىلىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزدىكى ئورتاق كۈلتۈرنىڭ نەتىجىسىدۇر.

3. ئىززەت – شەرەپ قىممەتلىك. چۈنكى، ئىززەت – شەرەپنى قوغدىغانلىق كىملىكىنى ۋە ئىنسانىي ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىقتۇر.

4. تارىخ قىممەتلىك. چۈنكى تارىخىمىز پەخرىمىزدۇر ۋە بىزنى ئاتا – بوۋىلارغا ئوخشاش بۈيۈك ئىش – ھەرىكەتلەرگە ئۈندەيدىغان مەنبەدۇر.

5. ئالىملار ھۆرمەتلىك. چۈنكى ئۇلار مىللەتنىڭ ئەقلىدۇر، مىللەتنىڭ يېتەكچىسىدۇر، مىللەتنىڭ ھامىيسىدۇر…

6. بىرلىك ئۈمىدتۇر. چۈنكى بىرلىك بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ھالبۇكى بىرلىك كۈنىمىزدە مىللىتىمىزدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەر سەۋەبىدىن كۈندىن كۈنگە پارچىلانماقتا.

7. ئەركىنلىك ياكى ھۆرلۈك ئېڭى تۆۋەنلىكى

بىزنىڭ كىملىكىمىزدىكى ئاساسلىق ئەيىب – نۇقسان ئەركىنلىككە ياكى ھۆرلۈككە سۇغا ياكى ھاۋاغا تەشنا بولغاندەك تەشنا بولالماسلىقتۇر، چۈنكى ئۇزۇن مەزگىل مۇستەملىكىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىدە تەربىيلەنگەن، باشقىلارغا باش ئىگىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالغان، ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى ئېغىر كۆرىدىغان، كىملىكىنى قوغداشنى پەرز دەپ قارىيالىمىغان ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن مىللەتتە ئەركىنلىك ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ.

8. ياخشىلىقنى سۆيۈش

بۇ مۇسۇلمانلاردىكى ئەنئەنىۋى بىر سۈپەتتۇر. بۇ سۈپەتنىڭ كۆيۈنۈش، ئۆتۈنۈش، باشقىلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈشكە ئالدىراش ۋە كەڭ قورساق بولۇش قاتارلىق كۆرۈنۈشلىرى بار. بۇ سۈپەت قىسمەن تېپىلىدۇ.

9) ھىجاب خانىملارنىڭ كىملىك كۆرۈنۈشىدۇر

 مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ (يۈز ۋە قولدىن باشقا ئەزالىرىنى تولۇق ياپىدىغان بولۇش، بەدەننى سۈپەتلەپ قويغىدەك دەرىجىدە تار ۋە نىپىز بولماسلىق شەرتى ئاساسىدا) كىيىم – كېچەك كىملىكىگە رېئايە قىلىشى دىنىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر ۋە مۇسۇلمانلىق ئىپادىسىدۇر. بىراق دىنىمىز مۇسۇلمان ئاياللارغا مۇئەييەن رەڭلىك كىيىم – كېچەكلەرنى شەرت قىلمايدۇ، بەلكى قايسى رەڭدە بولسۇن يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن ھالدا ئۆلچەملىك بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ، مۇئەييەن رەڭنىڭ باشقا رەڭدىن ئارتۇق ساۋابى بولمايدۇ.

10. يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەردىن باشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىك كۆرۈنۈشىدە يەنە ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلمەسلىك، ۋاقىتقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىنتىزاملىق ۋە تەشكىللىك ئىش قىلماسلىق، قالايمىقانچىلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

2019- يىلى- ئىستانبول.

كىملىك كۆرۈنۈشلىرى: pdf