2024-يىل 18-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بۇ كۈنلەردىن قانداق پايدىلىنىمىز؟

بۇ كۈنلەردىن قانداق پايدىلىنىمىز؟

1.تەقدىرگە بولغان ئىماننى يېڭىلاش:

بۇ دۇنيادا ئاللاھ ئىرادە قىلغان نەرسە يۈز بېرىدۇ، ئاللاھ خالىمىغان نەرسە يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى ئاسمان- زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تەقدىر قىلغۇچىدۇر ۋە تەدبىر قىلغۇچىدۇر، شۇڭا ئۇ زات بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان پۈتۈن ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە كۆرۈپ تۇرىدۇ: «بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ  ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان» (ھەج سۈرىسى، 70- ئايەت).

2. . ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىشى لازىم:

ئىنسان ھەرقانچە بىلىم – مەرىپەتلىك بولسىمۇ، ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، پەن – تېخنىكا دەۋرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ  بىلىدىغانلىرى ئاللاھنىڭ ئىلمىي ئالدىدا ئازغىنا بىر نەرسىدىن ئىبارەت: «سىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرىڭلار ئازدۇر» (ئىسرا سۈرىسى، 85 – ئايەت).

بۈگۈنكى خىتتاي ۋاباسى سەۋەبلىك ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئەسلەشتى، ئۆلۈم قورقۇنچسى ۋە پىسخىكا ئەندىشىگە دۇچ كەلدى، ئىنسان ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلالايدۇ دەپ جار سالغان دىنسىزلارنىڭ ئاۋازلىرى تۇتۇلۇپ قالدى، بەزى مىليادىر بايلار ئايالىنىڭ خىتتاي ۋاباسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەھۋاللار يۈز بەردى.

ئىتالىيەنىڭ باش مېنىستىرى خىتتاي ۋىرۇسى ئالدىدا ئاجىزلىقىنى ئېلان قىلىپ: «ئىنساننىڭ چارىسى تۈگدى، ئەمدى چارىنىڭ قالغىنى ئاسمانغا قالدى» دېگەن.

دېمەك، ئىنسان ھەممىدىن بىھاجەت بولغان يېگانە ياراتقۇچىغا ھەر زامان موھتاج.

3. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلەش ۋە تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىش:

مۇسىبەت ۋە كرىزىسلەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر ۋە سىناقلىرىدۇر. ئىلگىرى ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنسانلار بۇ كرىزىستىن ئىبرەت ئېلىپ بۇرۇن ئوقۇيالمىغان نامازلىرىنىڭ ئورنىغا كۆپ نەپلە ناماز ئوقۇيدىغان، بۇرۇن بېرەلمىگەن زاكاتلىرىنىڭ ئورنىغا كۆپ زاكات بېرىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق كۈنلەردە تەۋبە قىلمىسا قاچان تەۋبە قىلىدۇ؟. قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا بىزگە يېلىنىپ ئامانلىق تىلىمەيدۇ؟» دەيدۇ (ئەنئام سۈرىسى، 43 – ئايەت) چۈنكى، ئاللاھقا يېلىنىش ئازابتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك چارىسىدۇر.

دۇئا قىلىش تەقدىرگە تەۋە سەۋەب بولۇپ، مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياندىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر چارىسىدۇر، دۇئا قىلىش يا زىياننى توسۇپ قالىدۇ ياكى زىياننىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ.

ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھنى كۆپ ئەسلەش كۆڭۈلنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ، پىسخىكا خاتىرجەملىكىنى قوغدايدۇ. شۇڭا، مۆمىنلەر ھەر قانچە قىيىن سىناقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، تەقدىرگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆڭلى يەنىلا خاتىرجەم تۇرىدۇ.

4. گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزۈش:

ئىنسان ھەرتۈرلۈك گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى، ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇشى، ئىتائەت ۋە پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى لازىم. ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدىغان ۋە ئويلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى، ھەر كۈنى كۆز ئالدىمىزدا ئۇشتۇمۇت يۈز بېرىۋاتقان ئۆلۈمدىن ساۋاق ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى. شۇڭا، بۇرۇن قىلىپ سالغان ياكى بەزىدە قىلىپ سېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى خاتالىقلىمىز بولسا، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزەيلى.

5. ئۆيدىكى ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش:

بۇ كۈنلەر ئاللاھقا يېقىنلىشىش، نەپسىمىزنى پاكلاش، ھاياتىمىزدىكى كەمچىللىكلەرنى تۈزىتىش، قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغان بولسا ئۆگىنۋېلىش، قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش، دىنىمىزنى توغرا چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق دىنىمىزنى توغرا چۈشىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر.

6. ھاياتىمىزدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىش:

بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىزدا قىلماقچى بولغان ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە قايتىدىن رەتلەپ چىقايلى، ھەركۈنى قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىمۇ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ يېڭىدىن رەتلەپ چىقايلى. ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىدىغان ياكى پايدىسى بولمىغان ئىشلاردىن قۇتۇلايلى.

7. بىلىم -مەرىپەتلىك كىشىلەرنى قەدىرلەش:

بۈگۈنكىدەك قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن كۈنلەردە دۇنيانىڭ ھەر يەرىدە جەمئىيەتكە ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىلىم – مەرىپەتلىك كىشىلەردۇر، ئالىملاردۇر ۋە دوختۇرلاردۇر.

ھەر بىر مىللەتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، ھەقىقى ئەسقاتىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىلىم – مەرىپەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسىمىزدىن چىقارمايلى ۋە ئۇلارنىڭ قەدىرىنى قىلايلى.

8. پەرزەنتلەرگە ئىمان، ئەخلاق، تارىخ ۋە كىملىك تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈش:

باللىرىمىز ئۆيدىكى ۋاقىتتا كۈندە بىر سائەت ئىمان، ئىبادەت، ئەخلاق، تارىخ ۋە مىللىي كىملىكىمىز ھەققىدە تەربىيە قىلايلى، چۈنكى ئاتا – ئانىنىڭ بالىسىغا بېرەلەيدىغان ئەڭ ئېسىل سوۋغىسى ياخشى تەربىيەدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «بىر ئاتا-ئانىنىڭ باللىرىغا بېرەلەيدىغان ئەڭ گۈزەل ئەخلاق سوۋغىسى، گۈزەل ئەخلاق تەربىيەسىدۇر» دېگەن (تىرمىزى).

9. ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېلىشقا ئالدىراش:

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، بىر – بىرىگە ياخشىلىق قىلىشى ۋە بىر- بىرىگە ئىگە چىقىشى ئىسلامنىڭ گۈزەل قىممەت قارىشىدۇر، ھەمدە بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.

دىنىمىزدا كىشىلەرنىڭ دەرىجىلىرى ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، قۇرئان كەرىم بىزنى ئىبادەت قىلىشتا ۋە ھەر تۈرلۈك ياخشى ئىشلاردا رىقابەتلىشىشكە چاقىرغان: «ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار» (بەقەر سۈرىسى، 148 – ئايەت).

10. موھتاجلارغا ياردەمدە بولۇشنى ئۇنۇتماسلىق:

موھتاجلارنىڭ بولۇپمۇ قىيىنچىلىقىنى باشقىلارغا دىيىشتىن خىجىل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇش ئىقتىساد ئەھۋالى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىمانىي، ئەخلاقىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتىدۇر. قۇرئان بۇ توغرىدا: «بايلارنىڭ ماللىرىدا مىسكىن ۋە قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ھەققى بار» دەيدۇ (مائارىج، 24 – ئايەت).

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي

2020- يىلى، ئىستانبول.