ھەربىر ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرى
جېنىم بالام، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، جېنىمدىنمۇ قەدىرلەيمەن، سىزدىن ئەقىدە ۋە مىللەت -مىللەت مەسىلىسىدە چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن، سىزنىڭ تېرىشىش ئارقىلىق ئۈمىدلىرىمنى ئاقلايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
بالام، سىزنى ئويۇننى ئاز ئويناڭ دەپ ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلغان بولسام، سىزنىڭ ئىلىملىك ۋە ياراملىق ئادەم بولۇشىڭىز ئۈچۈن يول كۆرسىتىش يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىمەن، سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن چىڭ تۇتىمەن.
جېنىم بالام، سىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىش ئارقىلىق جەننەت ئەھلى بولۇپ بەختلىك بولۇشىڭىزغا ھەر زامان تىلەكداشمەن، دوزاخ ئەھلى بولۇپ قېلىشىڭىزدىن بەك ئەنسىرەيمەن.
جېنىم بالام، بۇ سىناق دۇنياسىدا ئېتىقادلىق، ئىلىملىك، توغرا پىكىرلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئەقىدىنىڭ ۋە ۋەتەن -مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان مەسئۇلىيەتچان بولۇشىڭىزنى ۋە ئىككى دۇنيالىق بەختلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بالام بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىمەن:
1. بالام، كىملىكىڭىزنى ۋە ئەخلاقىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەمدە دەرستە ئىلغار نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن مۇمكىن بولغان مۇددەتچە، ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغانغا قەدەر ئەقىللىق تېلېفوندىن يىراق تۇرۇڭ.
2. بالام : فېيسبۇك ، ئىنستىگرامما، تىك توك، تۇۋەيتىر، ۋاتىساب، يوتۇب ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلار -دىققەت قىلمىغاندا- ئەرلەرنىڭ ئەخلاقىنى، ئاياللارنىڭ ھاياسىنى، ئوغۇل ۋە قىزلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى بۇزۇۋېتىدىغان، ئەقلىنى بۇلغايدىغان ۋە ئىدىيەسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدىغان خەتەرلىك بىر دۇنيادۇر.
شۇڭا بالام، بۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش بولۇپ، پاكىز ۋە ئىلمىي جەھەتتىن پايدىلىق بەتلەرگە كىرىڭ، ئەخلاقسىز ۋە پايدىسىز بەتلەرگە كىرمەڭ.
3. بالام، تور دۇنياسىدا توغرا- خاتا ۋە ھالال- ھارامغا دىققەت قىلماي ھەممە بەتلەرگە كىرىپ چىقسىڭىز ھەممە نەرسىگە قونۇپ، ھېس قىلماستىن ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە مىكروب تارقىتىدىغان چىۋىنگە ئوخشاپ قالىسىز.
4. بالام، ئويۇن ئويناش ئۈچۈن بولسىمۇ تورخانىغا ئوخشاش يەرلەرگە كىرىپ يۈرمەڭ. ئۇنداق يەرلەرنىڭ كۆپ قىسىمى شۈبھىلىك. ئۇنداق يەرلەرگە كىرىپ يۈرۈش سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزغا ياراشمايدۇ. ئويۇن ئويناش توغرا كەلسە، ئىشەنچلىك دوستلىرىڭىز بىلەن ئۆيدە ئويناڭ.
5. بالام، ئىنتېرنېت دۇنياسى چوڭ بازا بولۇپ، ھېچكىم بۇ بازارغا ھەقسىز مال سالمايدۇ. ھەممىسى چوقۇم بىر نەرسىنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بەزىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيەسىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بەزىلەر شۆھرەت قازىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بەزىلەر ئىسلاھ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بەزىلەر توغرا ئىشقا دەۋەت قىلىشنى نىشان قىلىدۇ، بەزىلەر پايدا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، تور دۇنياسىنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. شۇڭا، تور دۇنياسىدا ھالال- ھاراملىقىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ بۇ تور دۇنياسىدىن بىر نەرسە ئېلىپ سالماڭ. بولمىسا بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا زىيان تارتىپ كېتىسىز.
6. بالام، تور بەتلىرىدىكى ھەممە ئۇلىنىشنى ئېچىپ سالماڭ، بەتلەرنىڭ بەزىسى پەقەتلا يامانلىقتىن ۋە قاپقاندىن ئىبارەت.
7. بالام، باشقىلارنىڭ كىشىلەر ھەققىدىكى ئاساسسىز گەپ -سۆزلىرى ۋە يالغان خەۋەرلىرىنى تارقىتىشتىن ئاگاھ بولۇڭ، ھارام نەرسىلەرنى تارقىتىشتىن ساقلىنىڭ.
8. بالام، بىرەر نەرسىگە بارماق بېسىشتىن ئىلگىرى، پىكىر بايان قىلىشتىن ئىلگىرى، ياكى ھەمبەھىرلەشتىن ئىلگىرى، مەزكۇر نەرسىنىڭ ياكى گەپ – سۆزنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ياكى غەزىپىنى كەلتۈرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
9. بالام، ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇقىغا ئىشەنمەڭ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرنى ۋە يامان ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنى دوستلۇققا قوشماڭ، كىشىلەرنىڭ يازغىنىغا قاراپلا ھۆكۈم چىقارماڭ.
چۈنكى، زامانىمىزدا يۈزىگە ماسكا تاقىۋالىدىغان ساختىپەزلەر، ئەخلاقسىزلار، بىلەرمەنلەر، يالغانچىلار كۆپىيىپ كەتتى. بەزىلەر دىن نامىدا گەپ قىلغان بىلەن ئەقىلسىز. بەزىلەر چىرايلىق سۈرەت چىقىرىۋالغان بىلەن سەت. بەزىلەر سىياسىيوندەك كۆرۈنگەن بىلەن ساپاسىز. بەزىلەر ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان بىلەن ھەددىنى بىلمەيدىغان ئاڭسىز. بەزىلەر جەسۇر كۆرۈنگەندەك قىلغان بىلەن قورقۇنچاق.
10. بالام، ئۆز ئىسمىنى ئىشلەتمەي ساختا ئىسىم قوللىنىدىغانلاردىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغان كىشىلەرگە سىز ئىشىنىپ يۈرمەڭ. يالغان ئىسىم قوللانماڭ، چۈنكى ئاللاھ ماسكا تاقىۋالسىڭىزمۇ مەخپىي ۋە يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرىدۇ.
11. بالام، يامان گەپ قىلىدىغان، گۇناھ ئىش قىلىدىغان، قىز-ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلىرىنى چىقىرىدىغان، خاتا ئىشلارغا قىزىقتۇرىدىغان، ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئويۇنغا چاقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، دەرسلىرىنى تېرىشىپ ئوقۇمايدىغان، ۋاقتىنى ھەرتۈرلۈك ئويۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ زايە قىلىدىغان بالىلارنى دوست تۇتماڭ. دوستنى ئاز تۇتۇڭ، دوست تۇتقاندىمۇ ئەخلاقلىق ۋە دەرسلىرىدە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقانچىنى تاللاپ دوست تۇتۇڭ. دوست تۇتقاندا ئەخلاققا رىئايە قىلىڭ، كىم بىلەن تونۇشۇپ قالسىڭىز ياكى بىر يەردە ساۋاقداش بولسىڭىز، ئۇنى دوست تۇتۇش توغرا ئىش ئەمەس، چۈنكى دوستنىڭ كۆپلۈكى ئەخمەقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
12. بالام، باشقىلار كۆڭلىڭىزنى يارا قىلغان بولسا، سىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يارا قىلماڭ، چۈنكى سىز ئۆزۈڭنىڭ ئەخلاقىغا ۋە كىملىكىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىسىز. سىز كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇپ ئەخلاقسىز ئادەملەرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالماڭ.
13. بالام، تور دۇنياسىدا يازغان ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىزنى تاللاپ يېزىڭ، چۈنكى پەرىشتىلەر سىز يازغان ھەربىر سۆزنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بىر كۈنى بۇ سۆزلەردىن ھېساب ئالىدۇ.
14. بالام، ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ھارام سۈرەت ۋە ھارام ۋىدىيولارنى كۆرۈپ سېلىشىڭىزدىن بەك ئەنسىرەيمەن، ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەرگە كۆزىڭىزنىڭ چۈشۈپ قېلىشىڭدىن بەك ئەنسىرەيمەن، ئەخلاقسىز دوستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشىڭىزدىن بەك ئەنسىرەيمەن.
بالام، ئەگەر سىز بۇ خىل ھارام نەرسىلەردىن ساقلانغان بولسىڭىز، ئىنتېرنېتنى -ۋاقىتنى كونترول قىلغان ئاساستا- ئىلمىي ئىشلار ئۈچۈن بىر ئاز ئىشلىتىپ پايدىلىنىڭ، ئەقىدە ۋە ئەخلاقىڭىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا پايدىلىنىڭ. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە ئىلىمنىڭ ۋە ئەخلاقىڭىزنىڭ زاكىتىنى بېرىڭ.
بالام، ئەگەر سىز ھارام سۈرەت ۋە ھارام ۋىدىيولارنى كۆرۈپ قالغان ياكى كۆزۈڭىز چۈشۈپ قالىدىغان بولسا، ئىنتېرنېت دۇنياسىدىن يىرتقۇچ ھايۋاندىن قاچقاندەك قېچىڭ. تەۋبە قىلىپ ئۆزىڭىزنى تۈزىتىشىڭىز ئۈچۈن بىر قانچە ئاي ئىنتېرنېتنى ئىنتايىن تار دائىرىدە ئىشلىتىڭ ياكى پەقەت ئىشلەتمەڭ.
بالام، ۋاقىت قىسقا، ۋاقىت قىممەتلىك، قانچىلىك ياشاشقا ھېچكىمنىڭ كاپالىتى يوق. شۇڭا، ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تۈزتىۋالمىسىڭىز، دوزاختىن ساقلانغىلى ۋە ئاللاھنىڭ ھېسابىدىن قاچقىلى بولمايدۇ.
15. بالام، تور دۇنياسىدىكى يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەر، ئەخلاقسىز ناخشا- ئۇسۇللارنىڭ… شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم قورالى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
16. بالام، ئىنتېرنېتقا كۆنۈپ قالماڭ، ئىنتېرنېتقا قۇل بولۇپ قالماڭ، ئىنتېرنېت دۇنياسى سىزنى باشقۇرمىسۇن، سىز ئۇنى باشقۇرۇپ توغرا نەرسىلەردىن پايدىلىنىڭ. ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ئوغىرلىشىغا يول قويماڭ. كەلگۈسىڭىزنىڭ ئۈمىدى بولغان ئىلىم- مەرىپەت يولىدىن چېكىندۈرۈشىگە پۇرسەت بەرمەڭ.
17. جېنىم بالام، ئاللاھ سىزگە ھىدايەت، مۇۋەپپەقىيەت، ئىنساب ۋە توغرا ئاڭ ئاتا قىلسۇن. قەلبىڭىزنى پاك قىلسۇن، ئەقلىڭىزنى ئىمان ۋە قۇرئان نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرسۇن، ئىستىلىڭىزنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ھىمايە قىلسۇن، ئىككى دۇنيادا بەختلىك ۋە ئەزىز قىلسۇن.
قەدىرلىك بالام، ئاللاھ سىزنى ئېزىپ كېتىشتىن، ئاڭسىزلىقتىن، نادانلىقتىن، كەمبەغەللىكتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، پىتنە- پاساتتىن ۋە خار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن.
بالام، ئاللاھ سىزگە كۈچلۈك ئىمان، ساغلام ئىدىيە ، گۈزەل ئەخلاق، ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىدىغان روھ، ۋەتەن- مىللىتىنى ئويلايدىغان ئەقىل ئاتا قىلسۇن. شۇنىڭدەك ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئورۇنلاشقا ئىنتىلىدىغان چۈشەنچە ۋە ئىرادە ئاتا قىلسۇن.
بالام، ئاتا- ئانىلار سىزدىن دىنىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن لىدىر، ياكى ئالىم، ياكى سىياسىيون، ياكى دوكتور، ياكى ئىنژېنېر، ياكى جەمئىيەتشۇناس، ياكى ئىسلاھاتچى، ياكى گېنېرال، ياكى ئىستىخباراتچى، ياكى مۇتەخەسسىس، ياكى تەتقىقاتچى بولۇشىڭىزنى كۈتىدۇ. بۇنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
بالام، ئاللاھ ھەر زامان يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن، قەلبىڭىزنى پاك قىلسۇن، ئەقىدىڭىزنى كۈچلۈك ۋە ئىدىيە قاراشلىرىڭىزنى ساغلام قىلسۇن، ئەقلىڭىزنى ئۆتكۈر قىلسۇن، ئىلىم- مەرىپەت ھاياتىڭىزدا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن، رىزقىڭىزنى كەڭ قىلسۇن، ئىرادىلىك ۋە يۈكسەك نىشانلىق قىلسۇن، ھەممە ئىشلىرىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن…
بالام، ئىمانىڭىزنى، ئەخلاقىڭىزنى، ئەقلىڭىزنى، پىكرىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم. ئاللاھ سىزنى ھەرتۈرلۈك شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە ھىيلە- مىكرلىرىدىن ساقلىسۇن.
بالام، مانا بۇلار ھەربىر ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىدىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
01.10.2023- كۈنى، ئىستانبۇل.
ماقالىنىڭ pdf نۇسخىسى: