2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بالىلىرىمىزنىڭ ئاداشلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟

بالىلىرىمىزنىڭ ئاداشلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟

قەدىرلىك بالام، ئادىشىڭىز ئارقىلىق سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى كۆپ ئارىلىشىدىغان كىشىنىڭ خاراكتېرى، ئەخلاقىي ۋە قىلىقلىرى سىڭىپ قالىدۇ. ئىككى بالا ئاداش بولغان بولسا ياكى كۆپ ئارىلىشىدىغان بولسا، چوقۇم بۇ ئىككى بالىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق نۇقتىلار تېپىلىدۇ. سىزنىڭ بىر بالا بىلەن كۆپ ئۇچراشقانلىقىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ياكى دوست ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

قەدىرلىك بالام، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئاداش ياكى سۆھبەتداش تۇتۇشنىڭ ئىسلامدا ئومۇمىي پىرىنسىپى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاداش ياكى ھەمسۆھبەتداش تۇتۇش توغرىدا: «ئىنسان دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ (يەنى دوستى قانداق بولسا، شۇنداق بولۇپ قالىدۇ). شۇڭا، سىلەر دوست تۇتىدىغان كىشىلەرنى تاللاشتا بەك دىققەت قىلىڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلغان (ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان)

پەيغەمبەرىمىزنىڭ بۇ كۆرسەتمىسى ئاداش ياكى ھەمسۆھبەتداش تۇتۇشتا پىرىنسىپ ۋە قائىدە بېكىتمەكتە. ئەگەر سىز بۇ قائىدىگە رىئايە قىلىپ دوست ياكى ئاداش تۇتسىڭىز، دوستلۇقىڭىز دۇنيا -ئاخىرەتتە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر سىز بۇ قائىدىگە رىئايە قىلمىسىڭىز، دوستلۇقىڭىز تېز بۇزۇلىدۇ، سىزگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنداق دوستلۇق قىيامەت كۈنى بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

بىر كىشىنىڭ ياكى بىر بالىنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئۇنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان دوستىغا ياكى ھەمسۆتدىشىغا قارىسىلا بىلىنىدۇ، چۈنكى يېقىن ئۆتىدىغان كىشىلەر بىر-بىرىنى ياخشى ۋە يامان ئىشلاردا دورىشىدۇ. دوستى ناماز ئوقۇيدىغان بولسا، ناماز ئوقۇيدىغان بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇيدىغان بولسا، قۇرئان ئوقۇيدىغان بولىدۇ. تاماك چېكىدىغان بولسا، تاماكا چېكنىدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەرسكە قاتناشماي ئوينايدىغان بولسا، دوستىمۇ تەدرىجىي شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، گۇناھ ئىشلارنى قىلىدىغان بولسا، ئۇ خاتا ئىشنى دورايدىغان بولۇپ قالىدۇ. غايىسىز بىكار تەلەپ بولسا، دوستىمۇ تەدرىجىي نىشانسىز ۋە ھورۇن بولۇپ قالىدۇ… بۇ سەۋەبتىن، ياخشى كىشىلەرنى دوست تۇتۇڭ، ئەخلاقىي ناچار كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ. بولمىسا، ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىڭىزگە ناچار ئەخلاقلارنى يۇقتۇرۋالىسىز. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر.

ئۇ بالا بىلەن دوست بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۆپ ئارىلىشىشنىڭ ئۆزىلا بىر-بىرىنىڭ ياخشى ياكى يامان سۈپەتلىرىنى يۇقتۇرۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ياخشى ھەمسۆھبەتداش بىلەن يامان ھەمسۆھبەتداشنىڭ مىسالى، ئىپار ساتىدىغان كىشى بىلەن تۆمۈرچىنىڭ كۆيۈكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىپار ساتىدىغان كىشى يا سىزگە ھەدىيە قىلىدۇ ياكى سىز ئىپار ۋە ئەتىرىنىڭ پۇرىقىدىن بەھرىمەن بولىسىز. ئەمما تۆمۈرچىگە كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن تۇرسىڭىز ئۇنىڭ ئوچىقىدىن چىققان ئوت يا كىيىمىڭىزنى كۆيدۈرىدۇ ياكى تۆمۈرنىڭ سېسىق پۇرىقى سىزنى بىئارام قىلىدۇ» دېگەن (بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).

بالام، ياخشى ھەمسۆھبەتداش ياكى ياخشى دوست دېگەن سەمىمي مۇسۇلمان بولغان كىشىدۇر. يەنى قەلبىي، ئەقلىي، پىكرى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ساغلام بولغان كىشىدۇر. قىيىنچىلىقتا قالغاندا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغان، سىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، سىزنى توغرا يولغا چاقىرىدىغان ۋە سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنى ئويلايدىغان كىشىدۇر.

بالام، كۈنىمىزدە ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دوست بولىدىغان، ياخشىلىق ۋە پەزىلەتكە چاقىرىدىغان، يامانلىق ۋە گۇناھ ئىشلاردىن توسىدىغان، ناماز ۋاقتى كەلسە نامازنى بىرگە ئوقۇيلى دەيدىغان، دەرس ۋاقتى كەلسە دەرھال كىتابنى قولىغا ئېلىپ بىرگە مۇزاكىرە قىلايلى دەيدىغان ياخشى دوستلار ئازلاپ كەتتى. مۇنداق دوستنى تاپالىسىڭىز ئۇنى ئەڭ يېقىن دوست تۇتۇڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «سەمىمىي مۇسۇلماندىن باشقىسى بىلەن ھەمسۆھبەتداش بولمىغىن» دېگەن (تىرمىزى بايان قىلغان.

ئاداشلار ياكى ھەمسۆھبەتداش قانداق بولۇشى كېرەك؟

1. بالام، ئاداش ياكى ھەمسۆھبەتداش بولىدىغان بالىلار سىزنى ئوقۇشقا قىزىقتۇرىدىغان، سىزنىڭ ئەلاچى بولۇشىغا تىلەكداش بولىدىغان، ياخشى ئىشلارغا ئۈندەيدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان، ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بالىلاردۇر. مۇنداق بالىلار بىلەن دوست ياكى ھەمسۆھبەتداش بولسىڭىز بولىدۇ.

2. بالام، تىلى پاك، باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا چېقىلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلمايدىغان ۋە ئەخلاققا زىت گەپ – سۆزلەرنى قىلمايدىغان بالىلار بىلەن ھەمسۆھبەتداش ياكى ئاداش بولسىڭىز بولىدۇ.

3. بالام، توغرا ئىشقا تەشەببۇس قىلىدىغان، يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان، ئوقۇشتا ئۈلگە بولىدىغان، ۋاقىتنى زايە قىلمايدىغان ۋە قىيىنچلىق يۈز بەرگەندە ياردەم قىلىدىغان بالىلارنى دوست تۇتسىڭىز بولىدۇ.  

4. بالام، ئىبادەتلىرىگە سەل قارىمايدىغان، ئەخلاقى جەھەتتىن خاتا ئىش قىلمايدىغان، سىزنى خاتا يولغا باشلىمايدىغان، سىزنىڭ كەمچىللىكىڭىزنى تولۇقلايدىغان، ئىلمىي جەھەتتىن ياردەمچى بولىدىغان بالىلارنى ئاداش تۇتسىڭىز بولىدۇ. مۇنداق بالىنى تاپسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلماڭ.

5. بالام، سىزدىن ئەيىب ئىزدەپ يۈرمەيدىغان بالىلار بىلەن ئاداش ياكى ھەمسۆھبەتداش بولسىڭىز بولىدۇ، بۇ دېگەنلىك سىزنى ئەيىب نۇقسانلاردىن خالىي دېگەنلىك ئەمەس، ھەم ئۇ ئاداشنى ئەيىبلىرىڭىزنى بىلمەيدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. بەلكىم ئۇ ئاداش سىزنىڭ ئەيبلىرىڭىزنى ياخشى بىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا يۇقىرى نەتىجە قازىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە خاتالىقلىرىڭىزدىن كۆز يۇمىدىغان ئاداشتۇر.

6. بالام، تاماكا چېكىدىغان، ئوغرىلىق قىلىدىغان، ئاتا- ئانىسىنى قاقشىتىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، خاتا ئىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان، گۇناھ بولۇشتىن قورماستىن قىزلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۈرىدىغان، قىز-ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلىرىنى تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدىغان ئەخلاقسىز بالىلارنى ئاداش تۇتۇپ سالماڭ ۋە ئۇلارغا قەتئىي ئارىلاشماڭ، چۈنكى بۇ قىلمىشلار دىنىمىزدا ھارامدۇر ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.

قىزلارمۇ بۇ نۇقتىلارغا ئوغۇللارغا ئوخشاش ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.

7. بالام، ناماز ئوقۇمايدىغان، گەپ سۆزلىرى ۋە قىلىقلىرىدا ئەخلاقسىزلىق قىلىدىغان، دەرسلىرىدە تىرىشماي ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزىدىغان، دەرسلىرىگە قاتناشماي تورخانىلاردا يۈرىدىغان، بەدەنلىرىگە مەڭ چەكتۈرۈپ يۈرىدىغان بالىلارنى ئاداش ياكى ھەمسۆھبەتداش تۇتماڭ ۋە ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى بۇ قىلمىشلار ئېغىر خاتا ئىشلاردۇر.

8. بالام، ھاياتىڭىزدا ئەخلاقلىق، سەمىمىي، تېرىشچان ۋە يۈكسەك غايىلىك دوستىڭىزدىن ئۈچ ياكى بەش كىشى بولسا، ھاياتىڭىز بويىچە يېتىدۇ.  

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

2023- ئۆكتەبىرنىڭ 7 – كۈنى. ئىستانبۇل .

ماقالنىڭ pdf نۇسخىسى: