2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

توغرا ئىشنى توغرا ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇش نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن مۇھىم

توغرا ئىشنى توغرا ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇش نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن مۇھىم

باشقىلارنى توغرا ئىشقا توغرا ئۇسۇلدا چاقىرىش ۋە قايىل قىلىش نەتىجە قازىنىشنىڭ شەرتىدۇر. چۈنكى نىيەت ياكى ئىش توغرا بولسىمۇ، قوللانغان ئۇسۇل ياكى ۋاسىتە توغرا بولمىسا، خاتا نەتىجىگە باشلاپ بارىدۇ، ياكى باشقىلارنى ئۆزىگە تارتىشنىڭ ئورنىغا قاچۇرۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ياكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاب قىلىش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

توغرا ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ۋە قايىل قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار:

1. مەسىلىنىڭ ئەھمىيىتىنى باشقىلارغا دەلىل- پاكىتلار بىلەن قانائەتلىنەرلىك شەكىلدە گۈزەل ۋە سىلىق ئۇسۇلدا ئاڭلىتىش.

2. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، باشقىلارغا كېلىدىغان پايدىلىرىنى ياكى ۋەتەن- مىللەتكە بولىدىغان پايدىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈش. يەنى مۇمكىن بولسا مەسىلىنى باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ۋە مەنپەئەتىدەك ئاڭلىتىش.

3. مەسىلىنى ئورتاقلىقنى ئىپادىلەيدىغان بىز دېگەن سۆز بىلەن باشلاش ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىش ھەمكارلىققا يول ئاچىدۇ.

4. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولۇپلا، شۇ زامان قارار بېرىشىنى تەلەپ قىلماي، ئويلىنىشقا يېتەرلىك پۇرسەت بېرىش.

5. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئەدەب- ئەخلاققا رىئايە قىلىش، مەنمەنچىلىكتىن، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىشتىن ساقلىنىش.

6. مەسىلىنى قىسقا ۋە مېغىزلىق قىلىپ ئاڭلىتىش.

7. مەسىلىگە قانائەتلەندۈرمەكچى بولسا تەھدىت ياكى بېسىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەسلىك. بېسىم ياكى تەھدىت بىلەن قىلىنغان ئىش زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆلىمالارغا ياكى نوپۇزلۇق شەخسلەرگە ياكى ساغلام ئىدىيەلىك كىشىلەرگە ھەريەردە ئۇچۇپ يۈرىدىغان تور چىۋىنلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلىشىغا يول قويماسلىق لازىم. بولمىسا، تور چىۋىنلىرى ياكى تىروللارنىڭ ئەخلاقسىزلىقى مەسىلىگە پايدا يەتكۈزگەندىن بەكرەك زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، ياكى باشقىلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.

8. قانائەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرگە قارا كۆز ئەينەك بىلەن قارىماسلىق.

9. قانائەتلەندۈرۈش مەسىلىسىنى مۇمكىن بولغان مۇددەتچە مەخپىي ئېلىپ بېرىش، بولۇپمۇ تەشكىلاتقا قارىتىلغان خىتابنى توردا خەلققە يېيىپ يۈرمەي، مۇناسىۋەتلىك شەخسىلەرگە قائىدىگە ئۇيغۇن توغرا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تېرىشىش.

10. توغرا ئىشقا توغرا ئۇسۇل بىلەن چاقىرىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىنى ئەسلىتىمىز: «ئاللاھ سىلىق مۇئامىلە قىلغان كىشىگە، قوپال كىشىگە بەرمىگەن نەرسىنى بېرىدۇ» دېگەن. (ئەبۇداۋۇد بايانى).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

 2024 – فېۋرالنىڭ، 14 – كۈنى.