2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

زالىمنى زالىم دېمەسلىك ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر

زالىمنى زالىم دېمەسلىك خىيانەت

رەسۇلۇللاھ: «ئۈممىتىم زالىمغا، ھەي زالىم نېمانداق قىلىسەن؟ دېيىشتىن قورقىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بەرمەي تاشلىۋېتىدۇ» دېگەن (ھاكىم رىۋايىتى).

ئەگەر مۇسۇلمانلار زالىمغا قارىشى قورال-ياراققا ئىگە بولالمىسىمۇ، بىراق ئۇلار زۇلۇمنى رەت قىلىش، بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋازى ۋە بەدەنلىرىگە ئىگە. تىل ۋە قەلب بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈش قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاددىي ئىشتۇر.

زالىمغا ھەي زالىم دېيەلمەسلىك، زالىمنى زالىم دەپ تونۇماسلىق، تاجاۋۇزچىنى دۈشمەن دەپ ئېتىقاد قىلماسلىق مەنىۋى مەغلۇبىيەت ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر.

زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ۋە بىرلىك سەپنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن زالىمنى زالىم، بۇزغۇنچىنى بۇزغۇنچى، خىتايلارنى تاجاۋۇزچى، خائىننى خائىن دېيىشكە ئېھتىياجىمىز بار.

چۈنكى ئەركىنلىك (ھۆرلۈك) ھەر قانداق ئىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەركىنلىك ھەر قانداق ياخشى ئىشنىڭ باشلانغۇچى، ئەركىنلىك ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىدۇر.

شۇڭا ئىنسان ئەركىنلىكىدىن قانچىلىك يوقىتىپ قويسا ياكى ئەركىنلىكىگە سەل قارىسا شۇنچىلىك ئىنسانلىقىنى ۋە ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

كىم بۇزغۇنچى ۋە زالىملارغا ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توختا دېيەلمىسە ياكى ئۇلارنىڭ زۇلۇمىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىسا، ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئىنساندۇر.

ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن تىلى تۇتۇلۇپ قالغان ئىنسان گەرچە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرسىمۇ ھەقىقىي مەھكۇم ئىنساندۇر، ھەقىقەتنى سۆزلىيەلىگەن ئىنسان گەرچە تۈرمىدە قامىلىپ قالسىمۇ ھەقىقىي ئەركىن ئىنساندۇر.

كاشىغەرىي

2019 – فېۋرال