2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سىياسىي پىرىنسىپ ۋە مەنمەنچىلىك

سىياسىي پىرىنسىپ ۋە مەنمەنچىلىك

ھەرقانداق سىياسىي ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پىرىنسىپ ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش، چوڭقۇر ئويلىنىپ ئىش قىلىش، ھۆرلۈك يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىلىپ يولغا چىقىش، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت مەنپەئەتنى شەخسى مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، قېرىنداشلىرىغا ئىنساب بىلەن مۇئامىلە قىلىش، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىنى ئۆلچەم قىلىش، مەنمەنچىلىك قىلماسلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قىلماسلىق قاتارلىق سۈپەتلەرنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئەمما سىياسىي پائالىيەت قىلماقچى بولغانلارنىڭ سىياسىي پىرىنسىپقا سەل قارىشى، دوستلارنى دۈشمەن دەپ ئويلىۋېلىشى ، ئۆزىنى داھىي ساناپ مېنىڭ ئارقامدا ماڭساڭ ئىش قىلغان بولىسەن، بولمىسا ئىش قىلمىغان ھېسابلىنىسەن دەپ قارىشى، پائالىيەتنى تەشكىلاتتىن ياكى تەشكىلات ساھىبلىرىدىن يىراق تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلىشى، لېكىن ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىنى بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنۇشى، ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ پائالىيىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى ياكى قاتناشماسلىقى… قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر مىللەتنىڭ كۈچىنى زايە قىلىشقا، مىللەتنى سىياسىي جەھەتتىن خاتا يولغا باشلاشقا ھەمدە گۈگۈتنىڭ تېلىغا ئوخشاش بىر بىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە سەۋەب بولىدۇ.

كاشىغەرىي.

2021- فېۋرال