2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ۋەتەن سۆيگۈسى


ۋەتەننى سۆيۈش ئىنساننىڭ خاراكتېرى بولۇپ، ئىنساننىڭ ۋەتىنى بىلەن ئالاقىسى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ۋەتەن ئىنساننىڭ بۆشۈكى، پائالىيەت سەھنىسى ۋە مەنىۋى راھەت مەركىزىدۇر. ئىنسان باشقا يۇرتلاردا ھەر قانچە راھەت ياشىسىمۇ، قەلبى ۋە ئەقلىدە ئانا ۋەتىنىنى ئەسلەپ ياشايدۇ.


ۋەتەن ئىنسانغا ئەركىنلىك، ئادالەت، ئامانلىق، ئىجادىيەت روھى ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبئىي خاراكتېردۇر، ياشاش زۆرۈرىيىتىدۇر ۋە دىنى مەجبۇرىيەتتۇر.



ئىسلام دىنى ۋەتەن سۆيگۈسىنى قەدىرلەيدۇ، ۋەتەننىڭ ھۆرمىتىنى تەكىتلەيدۇ، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىرىدۇ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەقىدىگە باغلايدۇ.
ئىسلام ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەقىدىگە باغلىغانلىقى ئۈچۈن تارىخ بويى ۋەتەنلىرىنى قوغداپ كەلگەنلەر ياخشى مۇسۇلمانلاردۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يۇرتى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا جىھات قىلىشنى شۇ يۇرتتىكى بارلىق ئەر-ئايالغا پەرز ئەينى قىلىپ بەلگىلىگەن.



قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ «ۋەتەن» ئاتالغۇسىنى «دىيار»دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە توغرا تەڭپۇڭ ئۆلچەم قويۇپ بەرگەن.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.


2018 -مارت