2024-يىل 27-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ياخشى ئىشلىرى بولىدۇ

ھەر بىر ئىنسان بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئىلاھىي مەھكىمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ياكى گەپدانلىقى ياكى ئۇنۋانى ياكى نوپۇزى ياكى دىپلوملىرى ياكى كۈچى ياكى شۆھرىتى ئەسقاتمايدۇ، پەقەت سەمىمىي ئىمانى ۋە ياخشى ئىش-ھەرىكىتىلا ئەسقاتىدۇ.

ئىمان ئىشىنىش، چۈشىنىش، سەمىمىيلىك ۋە ئەمەل قىلىشنى ھەمدە ھەرقانداق پىكىرنى ۋە ھەرقانداق بىر ئىشنى ئىمانغا باغلاشنى تەقەززا قىلسا، ياخشى ئىش- ھەرىكەت ئىمانغا ئۇيغۇن بولۇشنى، مۇھىم ئىشنى بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىشنى ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىنى چۈشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى ھەربىر دەۋرنىڭ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ، ھەربىر ئىشنىڭ ۋە ھەربىر ساھەنىڭ ئۆزىگە خاس ياخشى ئىشلىرى بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇپرىقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە دۇچ كېلىش سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك ئەقىدىسىگە، كىملىكىگە، قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ئىززەت – شەرىپىگە… ئىگە بولالمايدىغان خار كۈنگە قېلىۋاتقانلىقىنى ھەربىر ئەۋلادقا ئەسلىتىش ۋە تاجاۋۇزچىغا قارشى تۇرۇش روھىنى سىڭدۈرۈش ئىمانى، ئەخلاقىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ياكى مۇستەملىكە قىلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتۇش، قانائەتلەندۈرۈش ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئېتىراپقا ئىگە قىلدۇرۇش… ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى مۇمكىن بولغان دائىرىدە قولغا كەلتۈرۈش سىياسىي كۈرەشنىڭ تەقەززاسىدۇر ۋە كۈنىمىزدىكى مۇھىم ئىشنىڭ بىرسىدۇر.

بۇنىڭغا ئىمكانى ياربەرگەن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خەلقئارانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ قوللىشى، ھەربىر تەشكىلات ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى دەپ ئۈستۈنلۈك تالاشماستىن ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى تەشكىلات مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويۇشى… توغرا سىياسىي ھەرىكەتتۇر.

بۇ ۋەجىدىن، ئىچكى كۈچ بىلەن بىرلىكتە تاشقى كۈچنى تەڭ تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى دۇنياغا قانات يايدۇرۇش، كىم ھەقىقىي پايدىلىق ياخشى ئىش باشلىسا ۋە توغرا ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويسا بىردەك قوللاش، بىر-بىرىگە ياريۆلەك بولۇش، ئەقىدە ۋە ۋەتەن – مىللەتنىڭ بۈيۈك مەنپەئەتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ۋە شەخسىي مۇناسىۋەتنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئىمزا، گۇۋاھلىق بىرىش، دوكلات تەقدىم قىلىش ياكى ھەرقانداق ياردەم كېرەك بولسا ياردەملىشىش، ھەمكارلىشىش ۋە قوللاش دەۋرىمىزدە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ: «ياخشى ۋە تەقۋالىققا تەۋە ئىشلاردا ھەمكارلىشىڭلار، يامان ۋە بىر- بىرىگە زۇلۇم قىلىدىغان ئىشلاردا ھەمكارلاشماڭلار» دېگەن سۆزىدۇر (مائىدە سۈرەسى، 2 – ئايەت).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

17.02.2024- كۈنى