2024-يىل 2-نويابىر

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇسۇلماندارچىلىق ۋە مۇئامىلە ئىبادىتى

دىن (ئىسلام دىنى) توغرا يولدا مېڭىشتۇر.

دىن ئەقىدىنى، كىملىكنى ۋە قىممەت قاراشنى چىڭ تۇتۇپ ياشاشتۇر.

دىن پەرزلەردە ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە سۇلھ – سالاھ قوبۇل قىلماسلىقتۇر ۋە تالاش- تارتىش قىلماسلىقتۇر.

دىن پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ياكى قىزىل سىزىقلاردا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى ساھەدىكى ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە كەڭ قورساق بولۇشتۇر.

دىن راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر.

دىن ئادىل بولۇشتۇر ۋە ئىنساب قىلىشتۇر.

دىن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتۇر.

دىن رەھىمدىل ۋە مېھرىبان بولۇشتۇر.

دىن باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى تۆكمەسلىكتۇر.

دىن باشقىلارغا تىلى، قولى ۋە يازمىسى ئارقىلىق ئازار بەرمەسلىكتۇر.

دىن خاتالىقنى ئىلمىي ۋە ئىيجابى تەنقىد قىلىپ تۈزىتىشتۇر، شەخسنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماسلىقتۇر.

دىن قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.

دىن قېرىنداشلارغا مېھرىبان، دۈشمەنگە قاتتىق قول بولۇشتۇر.

دىن بىرسىنىڭ خاتالىقىنى بىر توپ ئادەملەرگە ئارتىپ قويماسلىقتۇر.

دىن كىبىردىن ۋە مەنمەنچىلىكتىن يىراق بولۇشتۇر.

دىن ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتۇر.

دىن قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتۇر.

دىن گەپ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتىكى ھالال – ھارامغا دىققەت قىلىپ ياشاشتۇر.

دىن ھەسەت، ئىچى يامانلىق، ئاداۋەت، شەخسىيەتچىلىك…قاتارلىق ئىللەتلەرنى تاشلاشتۇر.

دىن ئېنىستىگرام، تىك توك، يوتۇبىدىكى ھارام ئىشلاردىن كۆزنى يۇمۇشتۇر.

دىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قۇرۇق سۆلەرنى ۋە يالغانلارنى تارقىتىپ يۈرمەسلىكتۇر.

دىن تىلىنى ۋە نەپسىنى كونترول قىلىشتۇر.

دىن گۈزەل ئەخلاقتۇر.

دىن ھەركىم ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلىشتۇر.

مانا بۇلار بەش ۋاقىت ناماز، روزا، زاكات، ھەج…تىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى بولغان ئىبادەتلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر، ساغلام دىندارلىقنىڭ مېۋىسىدۇر، ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىدۇر، ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر.

شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، يۇقىرىقى مۇئامىلە ئىبادەتلىرى توغرا بولمىسا، پەرز خاراكتېرلىك ئىبادەتلەرنىڭ مەقسىتى ھاسىل بولمايدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

20.05.2024 كۈنى.