
ئانىنىڭ بالىلار بىلمەيدىغان ئاجايىب تەرەپلىرى
1. ئانىغا يېرىم سائەت يېقىن ئولتۇرۇش 6 سائەت پىسخولوگىيە دوختۇرىنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان بىلەن تەڭ كېلىدۇ.
2. بالا ئانىسىنى، ياكى ئانا بالىسىنى قۇچاقلىغاندا بالىنىڭ تەپەككۇرى، ئالاقىسى ۋە چىقىشقاقلىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
3. ئانىدا بالىلىرىغا نىسبەتەن يامان ئەھۋاللارنى ئالدىن ھېس قىلىش سېزىمىغا ئىگە ئالاھىدىلىك بار. شۇڭا، ئانىڭىز بەزىدە بىر يەرگە بېرىشتىن توسقان بولسا، ھەيران قالماڭ.
4. ئانا قولىنى بەدىنىڭىزنىڭ ئاغرىۋاتقان يېرىگە قويسا، پىسخىكا جەھەتتىن دەرھال ساقىيىدۇ.
5. ئانا سىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ھەرزامان تەييار تۇرىدۇ.
6. ئانا دۇئاسى ئارقىلىق تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ.
7. ئانىنىڭ ئالدىدا ھېس تۇيغۇڭىزنى يوشۇرالمايسىز. ئانىڭىز يۈرىكىڭىزنىڭ قانداق سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.
***
دېمەك، بالىلار ئانىنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار، ئانىنىڭ سىلەرنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغىنىنى بىلىڭلار، ئانا ھېرىپ قالغاندا پۇت قوللىرىنى تۇتۇپ قويۇڭلار، پۇت- قوللىرىغا سۆيۈپ قويۇڭلار.
بالىلار، سىلەر سىرتقا چىققاندا ياكى ھەر كۈنى مەكتەپكە ماڭغاندا ئانىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇپ چىقىڭلار، بىر يەرگە بارغاندا دۇئاسىنى ئېلىپ مېڭىڭلار، سىلەر بىر ئىشتىن پەرىشان بولغاندا ياكى ئىچىڭلار سىقىلىپ قالغاندا تېلېفونغا قاراپ ئولتۇرماي، ئاناڭلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ دەردلىرىڭلارنى تۆكۈش ئارقىلىق پىسخىكا ھالىتىڭلارنى ئۆزۈڭلار داۋالاڭلار. بىلىڭلاركى، ھېچكىم سىلەرگە ئانىغا ئوخشاش كۆيۈنمەيدۇ ۋە مېھىر -مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ.
بالىلار! ئانىنى خاپا قىلماڭلار، نەسىھەت قىلسا نەسىھەتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بىر ئىشقا بۇيرۇسا كىچىكتۈرمەي قىلىپ بېرىڭلار. ئانىنى كۆپ خاپا قىلىپ بەددۇئاسىغا قالماڭلار، چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ بەددۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.