كۈرەش يولىدىكى ئېغىر ئىللەتلەر
1. سىياسىي ھەرىكەتلەر سىياسىي ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قالسا، بەزىلەر ئۆزىنى مىللەتنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى دەپ خىيال قىلىدىغان، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىلا بىردىنبىر توغرا سىياسىي يولدا باشقىلارنى خاتا يولدا دەپ مەنمەنچىلىك قىلىدىغان، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىغا تەۋە بولمىغانلارنى يامان كۆرىدىغان، بىر-بىرىگە چوڭچىلىق قىلىدىغان، بىر-بىرىنى يىقىتىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋە بىر-بىرىنى قارىلايدىغان ناچار ئىللەتلەر ئاۋۇپ كېتىدۇ، ئەخلاق كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ، نەتىجىدە دۈشمەن بىر تەرەپتە قېلىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىش ئەۋج ئالىدۇ.
2. كۈرەش ئەخلاقىدىن ئايرىلغاندا، سىياسىي پائالىيەتلىرىدە مىللەتنىڭ ئەقىدىسىنى، كىملىكىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىللەتلەر يۈز بېرىدۇ. يەنە مىللەتنىڭ ئەقىدىسىگە، كىملىكىگە ۋە قىممەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئىسلام دۈشمەنلىرىنى قانات ئاستىدا ئېلىپ تۇرۇپ، ۋەتەن-مىللەت دەۋاسى دەپ ئۆزىنى ئالدايدىغان ھاماقەتلىك شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىللەت ئىدىيە بۇزۇقلۇقى ۋە سەمىمىيەتسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.
3. كۈرەش ئەخلاقىدىن ئايرىلغاندا، ئىلغار ئىجابىي ئىسلاھات پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلارنى قانائەتلەندۈرۈپ ئۆز سېپىگە جەلپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، باشقىلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان ناچار ئىللەت يۈز بىرىدۇ.
4. كۈرەش ئەخلاقىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزىنىلا توغرا يولدا دەپ ئويلاپ، باشقىلارنى دەلىلسىز خائىنغا چىقىرىپ پۇتلايدىغان ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان ناچار ئىللەت يۈز بېرىدۇ.
5. كۈرەش ئەخلاقىدىن ئايرىلغاندا، كەڭ يول تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىجتىھادىي سىياسىي كۆزقاراشقا ياكى سىياسىي پوزىتسىيەگە تەۋە مەسىلىلەردە بىر-بىرىگە يول قويمايدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارايدىغان، باشقا تەسەۋۋۇردىكى كىشىلەرگە دۈشمەن مۇئامىلىسى قىلىدىغان… ئىللەتلەر يۈز بېرىدۇ.
6. كۈرەش ئەخلاقىدىن ئايرىلغاندا، تور دۇنياسىدا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ مەۋھۇم ئىنسانلارنىڭ سانى بىلەن ئالدىنىدىغان، تىروللارنى ئىشقا سېلىپ باشقىلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرىدىغان… ئىللەتلەر يۈز بېرىدۇ.
7. كۈرەش ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپىدىن ئايرىلغاندا، ئىسلام، مىللەت- ۋەتەن ۋە دۆلەت ئۇقۇمىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان يۇرتۋازلىق ۋە تار دائىرىدىكى گۇرۇھۋازلىق… ئىللىتى يۈز بېرىدۇ ۋە ئەۋج ئېلىشقا باشلايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.