2024-يىل 12-ئىيۇل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ياخشى ئاتا-ئانىلىق ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ھەممىدىن بەكرەك ئويلايدىغان كىشىلەردۇر، چۈنكى بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈرەك پارچىسىدۇر، دۇنيادىكى زىننىتىدۇر، كۆزقارچۇغۇسىدۇر ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىدۇر. شۇڭا، بالىلارنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ھەرقايسى ساھەدە ئالاھىدە تەربىيەلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ياراملىق تەربىيەلىشى ۋە ئاتا-ئانلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ماھارىتى ۋە ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ.

شۇنىڭدەك ياخشى ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىبيىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىدىيەۋى ۋە پىسخىكا خەتەرلەرنى ئاڭقىرىشىنى ۋە بالىلىرىنى بۇ خەتەرلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىدىن ھىمايە قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ياخشى ئاتا-ئانىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى دەۋرگە لايىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش سەل قارىغىلى بولمايدىغان جىددىي ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ.  شۇڭا، ئاتا- ئانا بالىلىرىنى ياخشى ۋە ياراملىق تەربىيەلىشى ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزلىرى بىر بۆلەك ماھارەتلەرگە ئىگە بولۇشى ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا رىئايە قىلىشى لازىم بولىدۇ.

چۈنكى، لاياقەتلىك ياخشى ئاتا- ئانا دېگەن بالىلىرىنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيەلىگەن ۋە دەۋرگە مۇناسىپ لاياقەتكە ئىگە قىلغان كىشىلەردۇر. ياخشى ئاتا- ئانا پەقەتلا ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن نامايان بولمايدۇ، بەلكى بالىلىرىنى ياراملىق تەربىيەلەشتە، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ ئىستىلىنى تۈزىتىشتە ۋە دەۋرگە لايىق تەربىيەلەش ماھارەتلىرىگە ئىگە بولۇشتا نامايان بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، نىكاھ ئارقىلىق دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلارنى زېمىندا ئىلاھىي ئامانەت (ئىزباسارلىق) ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋەكىللەر دەپ قارايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم يارىتىلىش غايىسىنى: ئاللاھقا ئىبادەت، زېمىننى گۈللەندۈرۈش، قەلبنى پاكلاش، ھىدايەت يولىدا مېڭىش ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىش دەپ خۇلاسىلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا – ئانىلىقنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى توغرا يولدا ماڭىدىغان، ۋەتەننى گۈللەندۈرەلەيدىغان ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنالايدىغان ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشتۇر.

دېمەك، ئاتا-ئانىلىق بۈيۈك ۋەزىپە ۋە ئۇلۇغ نىشان ئۈچۈن ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئائىلىدىن ئىبارەت ئورگان ئۆزئارا ئىناق، كۆيۈمچان، چۈشىنىش ھاسىل قىلغان، چىقىشقان ۋە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۇلۇغلايدىغان بولسا، جەمئىيەت مۇقىم ۋە خاتىرجەم بولىدۇ. ئائىلە مۇقىم بولمىسا جەمئىيەتتە تۇراقسىزلىق يۈز بىرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرى قىسقا مۇددەتلىك پىلان، ئورتا مۇددەتلىك پىلان، ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشكە موھتاج بولىدۇ.

ياخشى ئاتا – ئانىلىق ھەقىقەتەن ئۇزۇن مۇددەت تەقەززا قىلىدىغان سەرمايىدۇر. ئۇ بالىلارنىڭ ئىمانى، ئەخلاقى، پىسخىكا ۋە بەدىنى جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچتۇر. ياخشى ئاتا -ئانىلىقنىڭ ماھىيىتى ياراتقۇچىسىنىڭ ھەققىنى تونۇيدىغان، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلىدىغان، ئائىلىدە كۆڭلى سۇ ئىچىپ گۈللىنەلەيدىغان، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق روھىنى ئۆزلەشتۈرىدىغان ۋە يۇقىرىغا ئىنتىلىش ئىستىكى شەكىللىنىدىغان ساغلام بىر مۇھىتنى تەييارلاپ بېرىشتۇر.

ئىسلامدا ياخشى ئاتا- ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىدە بالىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچ يول ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

1.ئىنسان جېنىغا چېقىلىش ياكى زىيان سېلىش ھارام قىلىنغان

ئىسلامدا ئىنسان ھاياتىنى قوغداش مەقسىتى يۈكسەك دەرىجىلىك ئومۇمىي مەقسەتتۇر. شۇڭا، ئىسلامدا جاننى ھىمايە قىلىش زۆرۈر دەرىجىلىك مەقسەت دەپ بەلگىلەنگەن. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «كىم بىرجاننى ھەقسىز ئۆلتۈرسە ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، ئۇ خۇددى پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك گۇناھكار بولىدۇ» دەيدۇ (مائىدە سۈرىسى، 32 – ئايەت).

قۇرئان كەرىم بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن توسۇپ: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار» دەيدۇ (بەقەر سۈرىسى، 195 – ئايەت). بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى ئىنسان نەسلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن توي قىلىشقا، پەرزەنت كۆرۈشكە بۇيرۇغان ۋە ھالال- پاك نەرسىلەرنى يېيىش ئارقىلىق بەدەننىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشقا تەشەببۇس قىلغان. شۇنداقلا ئىنسان ھاياتىنى ھالاك قىلىدىغان ياكى تەھدىت سالىدىغان نىجىس ۋە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن توسقان: «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالا قىلىپ بىرىدۇ، نىجىس ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» (ئەئراف سۈرىسى، 157 – ئايەت). ئىسلام يەنە بۇ ساھەدە جاننى قوغداش ئۈچۈن قىساس ۋە دىيەتنى يولغا قويغان: «سىلەر ئۈچۈن قىساستا ھاياتلىق بار» (بەقەر سۈرىسى، 179 – ئايەت).

2. كەمبەغەللىك ياكى تۈر سەۋەبىدىن بالىنى ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان

ئىسلام دىنى كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ياكى بالىسى قىز بولۇپ قالغانلىق سەۋەبتىن بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى چۈشۈرۈۋېتىشنى قاتتىق ھارام قىلغان. بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۆرەلمىلىك ۋە ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ» دەيدۇ (مۇمتەھىنە، 12 – ئايەت).

3. بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن خاتىرجەم شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن

قۇرئان كەرىم بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن- گەرچە ئەرئاياللىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ -خاتىرجەم ماددىي ۋە پىسخىكىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە بۇيرۇغان: «وَإِنْ كُنَّ أُولَاتِ حَمْلٍ فَأَنْفِقُوا عَلَيْهِنَّ حَتَّى يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ» (تالاق سۈرىسى، 6 -ئايەت).

ئىسلام بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن خاتىرجەم شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھەققىنى ۋە سالامەتلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، بالىلارنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇڭا، بالىلارنى ئىككى يىلدىن ئاز ۋاقىتتا ئايرىماقچى بولسا، بالىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ مەسلىھەتلىشىشى لازىم، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك دادا بولغۇچىغا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا ئانىلارغا بالىلىرىغا ياخشى قاراشنى تاپىلىغان بولسا، دادىلارغا ئانىلارغا ياخشى قاراشنى تاپىلىغان. شۇڭا، دادىلارنى ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ۋە ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى نورمال شەكىلدە ھەل قىلىشقا بۇيرۇغان.

ئىسلامدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ماددىي تەرەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ جىسمىغا ۋە سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشكە بۇيرۇلغاندەك، ئۇلارنىڭ روھىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بېرىشكە بۇيرۇلغان. بۇ نۇقتىدا بالىلارغا ياراتقۇچى ئاللاھ ھەققىدە، دۇنيا ھەققىدە، ئىنسان ھەققىدە، دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە، ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاساسلىق مەلۇماتلارنى بېرىشكە بۇيرۇلغان.

قۇرئان كەرىم بالىلارغا تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئۆگىتىشكە، ناماز ئۆگىتىشكە، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندە ياغلىق چىگىشنى ئۆگىتىشكە ۋە ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەيدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان روھنى ئۆگىتىشكە بۇيرۇغان.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دىنىي جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشى لازىم. چۈنكى بالىلارنى ساغلام ئەقىدىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە دەۋرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرالىغۇدەك ياخشى ۋە ياراملىق تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى بىرىنچى قىلىپ ئاتا-ئانىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ» دېگەن (تەھرىم سۈرىسى، 6 – ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممىڭلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز دائىرىسىدىن مەسئۇلىيىتى بار، ھاكىمنىڭ پۇقرالىرى ھەققىدە مەسئۇلىيىتى بار، ئەرنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە مەسئۇلىيىتى بار، ئايالنىڭ ئائىلىسى ۋە بالىلىرى ھەققىدە مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). دېمەك، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشى بالا تەربىيەلەشتە ئىخلاسمەن بولۇشنى، تەقۋا بولۇشنى، ئۆزىنى ئىمانى ۋە ئاڭ- سەۋىيە ساھەسىدە يېتىلدۈرۈشنى، شۇنىڭدەك بالىلار ئۈچۈن كۆيۈمچان مۇناسىپ تەربىيە شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىسلام بالىلارنىڭ ئەخلاقىنى ۋە ئىنسانلىق ھۆرمىتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن زىنا قىلىشنى ھارام قىلغان. ئىنسان نەسلىنى قوغداش ئۈچۈن توي قىلىشنى بىردىنبىر قانۇنلۇق يول دەپ بېكىتكەن. بۇ سەۋەبتىن توي قىلماي تۇرۇپ، پەرزەنت كۆرۈشنى ھارام قىلغان. شۇڭا، زىنانى ھارام دەپ بېكىتكەن، زىناغا يېقىنلاشماسلىقنى تاپىلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ساقلايدىغان قورغانلارنى يولغا قويغان:«وَلَا تَقْرَبُوا الزِّنَا إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاءَ سَبِيلًا» (ئىسرا: 32 – ئايەت).

شۇنىڭدەك ئىسلام ئىنساننى ئىنسان بولۇش ئېتىبارى بىلەن ھۆرمەتلىگەن ۋە قىز-ئوغۇللارنى باراۋەر قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، قۇرئان كەرىم بالىسى قىز تۇغۇلسا چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى ئارتۇقچىلىق پەقەت تەقۋالىق سۈپىتى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ دەپ بېكىتكەن.

ئاتا-ئانىلار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاندىن ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىلارنى ئەخلاقلىق تەربىيەلىشى ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزلىرى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىدۇر، مەن ئائىلەمگە ياخشىلىق قىلىشتا سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ھېسابلىنىمەن» دېگەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

شۇڭا، بۇ ساھەدە ئاتا-ئانىلاردا تېپىلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم بولغان سۈپەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1) ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە مېھرىبان ۋە تەمكىن بولۇشى:

ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشى قەلب كۆكسىنىڭ كەڭ بولۇشىنى، بالىلارنىڭ بەزى خاتالىقى ياكى بەزى يامانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى تۇتالمايدىغان دەرىجىدە ئاچچىقلاپ كەتمەسلىكنى بەلكى دائىم خاتالىقنى تۈزىتىشكە كۈچ چىقىرىشىنى ۋە خاتالىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل: بالىلارنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى بىلمەسكە سېلىش، بەزى خاتالىقلىرىنى كەچۈرىۋېتىش، خاتالىقىنى دائىم كۆزىگە سالماسلىق، خاتالىق تەكرارلىنىپ قالسا ئاچچىغىنى يۈتۈش، بالىلار خاپا قىلىپ قويغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، بالىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئېغىر بېسىق بولۇش، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشتە تەدرىجىي يول تۇتۇش قاتارلىقلار.

2) ئاتا-ئانىنىڭ باللىرىغا كۆيۈمچان بولۇشى:

ياخشى ئاتا- ئانا بولۇش ئاتا- ئانىنىڭ مېھرىبان ۋە قەلبى يۇمشاق بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى بالىلىرىغا كۆيۈنۈشنى، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشنى، چىرايلىق گەپ – سۆز قىلىشىنى، باللىرى بىلەن ئوينىشىشنى، ئۇلارنى كۈلدۈرۈشنى، ئائىلە ئىچىدە خۇش چىراي بولۇشنى، بالىلارنى دائىم دېگۈدەك قۇچاقلاپ ۋە سۆيۈپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

3) ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە چىداملىق بولۇشى:

بالىلارنى تەربىيەلەش ئۇزۇن زامان تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى تېز قولغا كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ يول كۆپ كۈچ چىقىرىشقا موھتاج بولىدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا» دەيدۇ (تاھا: 132 – ئايەت).

دېمەك، ئاتا-ئانىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئىسلامىي ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىش، بالىلىرىغا ئىسلام ئىبادەتلىرىنى ئۆگىتىش، بالىلىرىنى مەسچىتكە باغلاش، ئىسلام ئەخلاقىنى سىڭدۈرۈش يولىدا چىداملىق بولۇش، نەتىجىگە ئالدىراپ كېتىپ بالىلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكتۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ ئادەمنى پەرىشان قىلىدىغان بەزى قىلمىشلىرىدىن كۆپ شىكايەت قىلىشتىن توختىشى، بالىلارنى بەزى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازالىغاندا ئاۋازىنى كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىشىنى ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يېشىنى پەرق ئىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ پەرىشان قىلىدىغان بەزى قىلمىشلىرىدىن كۆز يۇمۇشى، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى جىددىيلەسمەستىن ھەل قىلىشقا تېرىشىشى لازىم، چۈنكى بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى خاتالىق تەبىئىي ھالەت، چۈنكى بىز بالىلارنى ھەر تەرەپتىن خاتا يولغا تارتىپ كېتىدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز.

بالىلارنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھىمايە قىلىش تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى.

2. ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرى بىلەن پىكرىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ھەردائىم توغرا ئىشلاردا ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى.

3. بالىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا توغرا ئويۇن ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە بۇ ساھەدە ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىشى.

4. بالىلارغا ئەركىنلىكنىڭ چېكى بارلىقىنى، ئۇلار ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى. ئەگەر ئاتا- ئانىنىڭ بىرى بىر ئىشقا بولمايدۇ دەپ رۇخسەت بەرمىگەن بولسا، بۇنى كەسكىن ئىجرا قىلىشى.

5. بالىلارنىڭ تېلېفون – كومپيۇتېر دېگەندەك ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە كۈنلۈك ۋاقىت بېكىتىپ بېرىشى، بوش ۋاقىتلىرىنى پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن تولدۇرۇشى.

6. مەھەللىدە ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننى، ھەمراھ بولىدىغان دوستلارنى، ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ۋە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلغىلى بولىدىغان ئورۇنلارنى كۆرسىتىپ بېرىشى.

7. ئۇلارنىڭ ھىدايەت يولىدىن ئايرىلماسلىقى، توغرا يولدا ياشىشى ۋە ھاياتىدا ئۈنۈم قازىنىشى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشى قاتارلىقلار.

جىنسى تەربىيە بالىلار بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ۋە قىزلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش ئالامىتى ئويغاق ياكى ئۇيقۇدا ئىسپېرمىنىڭ چىقىشى ۋە جىنسى ئەزالىرى ئەتراپىدا تۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. قىزلاردىكى خۇسۇسىي ئالامەت ئادەت كۆرۈشنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا جىنسى تەربىيە ساھەسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. بالىلارنىڭ بالاغەتكە ياكى مەسئۇلىيەت يېشىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش،

2. بالاغەتكە يەتكەنلەر توي قىلغان بولسا جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇشنىڭ كېرەكلىكىنى ئۆگىتىش،

3. قىزلارغا ھەيز (ئادەت) ۋاقتىنى، ئۇنىڭ ئالامىتىنى، قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پاكلىنىش يوللىرىنى ئۆگىتىش،

4. جۇنۇپ ۋە ھەيز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش،

5. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئوغۇل ۋە قىزلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىشنىڭ مۇھىملىقنى ھېس قىلدۇرۇش،

6. بالىلار بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئەدەپ – ئەخلاققا چېنىقتۇرۇش،

7. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئاتا- ئانىنىڭ ياتىقىغا رۇخسەت سوراپ كىرىشنى ئۆگىتىش،

8. ئوغۇل- قىزلارغا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بەدىنىدە ۋە پىسخىكىسىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىزاھلاش ۋە خاتا يوللاردىن ئاگاھلاندۇرۇش،

9. بالىلاردا دىنىي، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ھەمدە بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ۋە ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىش،

10. بالىلاردا ئەخلاقىي قىممەت قاراش، ۋىجدان تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك نىشان ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى جىنسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋاسىتىلارغا تايىنىشى لازىم:

1. بالىلارغا دىنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىش، دىنىي كۆرسەتمىلەرنى ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارنى سىڭدۈرۈش، چۈنكى بالىلارنى بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھىمايە قىلىشتىكى ئەڭ توغرا يول دىنىي تەربىيە ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدۇر.

2. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىنى كۈزىتىشپ تۇرۇشى لازىم. بالىلارنىڭ يامان دوستلارغا ئارىلىشىپ قالماسلىقى، ئىسلام ھارام قىلغان يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ سالماسلىقى ئۈچۈن بالىلارنى ۋە ئۇلار قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى دائىم كۈرىتىش لازىم.

3. بالىلار مۇناسىپ ياشقا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ توي قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش لازىم.

4. بالىلارغا ئۆيگە ۋە ياتاققا كىرىش ئەدەپ ئەخلاقىنى، يېرىم يالىڭاچ ئاياللارغا قارىماسلىقنى، جىنسى ئەزاسىنى ھارامدىن ساقلاشنى، توي قىلىشتىن ئىلگىرى قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىش باھانىسىدا بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ يۈرمەسلىكنى، ئايرىم ئۇچۇرۇشۇپ يۈرمەسلىكىنى، قىزلارنىڭ يۈزى ۋە قولىدىن باشقا ئەزالىرىنى يېپىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىش لازىم.

ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ شەخسىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ۋە ئۇلارنى توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھىمايە قىلىشتا ماھارەت ۋە لاياقەتكە ئىگە بولۇشى لازىم. بۇ دېگەنلىك ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيە خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىشىنى، بالىلىرىغا ساغلام ئەقىدە، گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈشىنى ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى دەۋر بۇرۇنقى دەۋرگە ھېچ ئوخشىمايدىغان بولۇپ كەتتى، ئازدۇرىدىغان نەرسىلەر ھەرئۆيگە بۆسۈپ كىردى. شۇڭا، بالىلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرگە لايىق تەربىيەلەش لازىم. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيەلەشتە بالىلارنىڭ زامانىدا ياشاپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ماڭىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇشى ئۈچۈن، دەۋرنىڭ ئىلىم- مەرىپەتلىرىدىن ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشقا موھتاج. بۇ سەۋەبتىن، ئاتا-ئانىلىق شەخسىيەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشنى ۋە ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

1. ئاتا-ئانىلار شەخسىيىتى كۈچلۈك ۋە زېرەك بولۇش:

 ئاتا- ئانىنىڭ بۇ ئىقتىدارى بالىلىرىغا ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيەلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ تەربىيە بېرىدۇ، ھەربىر بالىنىڭ ئېھتىياجىنى ئەھۋالىغا قاراپ تەمىنلەيدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق بولىدۇ، بالىلارنىڭ ھەممە تەلەپلىرىگە ماقۇل دىمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا كۆرسەتكەن باھانىلىرىگە مۇتلەق ئىشىنىپ كەتمەيدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ شەخسىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ياكى دائىم بالىلىرىدىن ئەنسىرەشنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى دائىم بالىلىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ مېڭىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھمىيەت بېرىش بالىلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىشتىن يىراق ھالدا دائىم كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا دائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مەزلۇمنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان دۇئاسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ» دېگەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

2. ئىلىم -مەرىپەتلىك بولۇش ۋە تەربىيە تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش:

ياخشى ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيىتى ئاتا-ئانىنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىك بولۇشىنى، يېتەرلىك ئاڭ سەۋىيە ئىگە بولۇشىنى، دەۋرنىڭ تەقەززاسىنى چۈشىنىشنى ۋە بالىلارنى تەربىيەلەش يوللىرىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بالىلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسى بالىلارنى پىرىنسىپ، قىممەت قاراش ۋە چۈشەنچە ئاساسىدا تەربىيەلەشنى، ئۇلارنى خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىشتىن ھىمايە قىلىشنى، بالىلاردا خاتالىق ۋە بۇرۇلۇش يۈز بەرگەندە تۈزىتىش ئۇسۇلىغا تايىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يۆنىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

بالىلارنى تەربىيەلەشتە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، تەدرىجىي ئۇسۇلغا تايىنىش، چىرايلىق ۋە يۇمشاق ئۇسۇلغا تايىنىش، بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئاساسىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش ئېڭىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭدەك بالىلار تەربىيەسىدە ۋارقىراش، تىللاش، مەسخىرە قىلىش، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش، تەھدىت قىلىش ۋە ئۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇھىم.

دېمەك، ياخشى ئاتا-ئانا بولۇش مەسئۇلىيەت ۋە چۈشەنچ ئېڭىدۇر. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى تەربىيە يولىنى بىلىش ۋە تەتبىقلاش، ۋەزىپىسى ياراملىق ئىنسان يېتىشتۈرۈش، يولى بالىلارنىڭ ئۈنۈم قازىنىپ چىقىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىشتۇر.