بالىلىرىمىزغا بۇ دۇئانى يادلىتايلى ۋە دۇئا قىلىشقا قىزىقتۇرايلى.
ئى ئاللاھ:
ئىمانىمىنى كۈچلۈك قىلسىلا،
پىكرىمنى ساغلام قىلسىلا،
ئەخلاقىمنى گۈزەل قىلسىلا،
ھىدايەت ۋە ئىنساب ئاتا قىلسىلا،
قۇرئان نۇرىدىن ۋە تىلاۋىتىدىن مەھرۇم قىلمىسىلا،
پەيغەمبەر يولىدىن ئايرىمىسلا،
دۇنيا- ئاخىرەتتە بەختلىك قىلسىلا،
ئەقلىمنى ئۆتكۈر قىلسىلا،
ئىلمىمنى زىيادە قىلسىلا،
بەدىنىمىنى ساغلام قىلسىلا،
قەلبىمنى پاك قىلسىلا،
رىزقىمنى كەڭ قىلسىلا،
ئاتا-ئانامغا ياخشىلىق قىلىدىغان ۋە ئىتائەت قىلىدىغان ياخشى ئەۋلادلارنىڭ قاتارىدىن قىلسىلا،
ئىسلام ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسىلا،
دائىم نامازنى ئادا قىلىدىغانلاردىن،
يامان ئىشلاردىن ۋە يامان دوستلاردىن ساقلىسىلا،
ناچار ئويۇنلاردىن ۋە گۇناھ نەرسىلەرنى كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىسىلا،
تېلېفونغا ۋە ئويۇنغا خۇمار بولۇپ ھاياتىمدا كېرەكسىز ئادەم بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسىلا،
مەقسەتلىرىمگە يەتكۈزسىلە…
دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگىتەيلى.
كاشىغەرىي.